كاكتۇس زەھەر قايتۇرۇش، يەل ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

بارخان بولۇپ كەتكەن كاكتۇس
ئۇيغۇرچە نامى كاكتۇس
ئىنگلىزچە Cholla Stem
باشقا نامى رىپىدە گۈل
خەنزۇچە ئاتىلىشى 仙人掌 xian ren zhang
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

ھەققىدە تەھرىرلەش

كاكتۇس ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق گۆشلۈك ئۆسۈملۈك كاكتۇسنىڭ يىلتىزى ۋە غولىدىن ئىبارەت.

 
يېىشكە بولدىغان كاكتۇس

چىقىش ئورنى:

ئەسلى ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۆسەتتى، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ.

خىميىۋىلىك تەركىبى:

تەركـىـبـىدە ئالـكـالـوئـىـدلـىق تەركـىـبلەردىـن، Beetdine، Beet carbamazepine،

فلاۋۇنلۇق تەركىبلەردىن: ئالما كىسلاتاسى، cuccinic acid، arabogalactan، كالىي كاربونات، دەرەخ يېلىمى، ئاقسىل، ماي، قەنت قاتارلىقلار بار.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى تەھرىرلەش

1. قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ: ھايۋان تەجرىبىسىدە ئىسپاتلىنىشچە كاكتۇس تالقىنى ئاللوكسان (alloxar) كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ چاشقاننىڭ قان قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلەتكەن ھەم قان قەنتى تۆۋەنلىشىش تەسىرى دورا دوزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. 2.كاكتۇسنىڭ ئېكستىراكىتلاپ ئېلىۋېلىنغان ماددىسى ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش رولىغا ئىگە. تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە كاكتۇسنىڭ ئىكستراكتلاپ ئېلىۋېلىنغان ماددىسىنى كىچىك چاشقانغا بەرگەندە تال كۆرسەتكۈچىنى، قورساق بوشلۇقى زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇش، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئومۇمىي سانىنى كۆپەيتىش رولىنى بەرگەن.

3. كاكتۇسنىڭ ئىكستراكتلاپ ئېلىۋېلىنغان ماددىسى باھنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.

4. كاكتۇسنىڭ ئىكستراكتلاپ ئېلىۋېلىنغان ماددىسى ھارغىنلىقىنى پەسەيتىش، ئوكسىگىن كەملىككە بولغان چىدامچانلىقنى ئاشۇرۇش تەسىرىنى بەرگەن.

 
ئېچىلغان كاكتۇس

5. ئۆتكۈر باكتېرىيىلىك تولغاقنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.

ئورۇنباسارى تەھرىرلەش

لىمون.

ئەكىس تەسىرى تەھرىرلەش

سوغۇق مىزاجلىقلارغا زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى تەھرىرلەش

زىرە.

دوررىلىق قىممىتى تەھرىرلەش

ئاشقازان ئاغرىقى، ئاشقازان يارىسى، تولغاق، گال ئاغرىقى، بوۋاسىر، كۆيۈك، ھۆل تەمرەتكە، گۆرەن بەز ياللۇغى، ئۆتكۈر سۈت بېزى ياللۇغى، چاقا، جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

 
كاكتۇس گۈلى ئۇرۇقى

ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

1. كاكتۇستىن 20 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا 20~15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ ئىچسە، ئاشقازان ئاغرىقى، گال ئاغرىقى ۋە ئاشقازان يارىسىغا شىپا بولىدۇ، يەل ھەيدەيدۇ.

2. بابۇنە،ئىكلىلمىلىك، كاكتۇسلاردىن10 گرامدىن ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرىقى گۈل بىلەن زىماد تەييارلاپ، گۈرەنبەز ياللۇغى ھەم ئۆتكۈر سۈت بېزى ياللۇغىدا يەرلىك ئورۇنغا چاپسا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى تەھرىرلەش

ھۆلىدىن 100~ 50 گرامغىچە قاينىتپ ئىچىشكە بولىدۇ، سىرتتىن ئىشلىتىشتە ئېزىپ چاپسا بولىدۇ.