كىمونو (ئېنگلىزچە: Kimono؛ ياپونچە: きもの/着物) ياپۇنلانىڭ مىللى ئەنئەنۋى كىيىمدۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ۋۇ بەگلىكى كىيىمى دەپ ئاتالغان.

كىمونو كىيىم بىلەن كېيىنگەن ياپۇنلۇق قىزلار
كىمونو كىيمىنىڭ ئارقىسى

ۋۇ بەگلىكى كىيىمى دېگەن بۇ نام بولسا جۇڭگونىڭ ئۈچ پادىشاھلىق مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شەرقىي ۋۇ پادىشاھلىقى بىلەن ياپونىيەنىڭ قويۇق سودا ئالاقىسىدە بولۇشى سەۋەبلىك توقۇلما مەھسۇلاتلار ۋە كىيىم تىكىش ئۇسۇلىنىڭ ياپونىيەگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ۋۇ بەگلىكى كىيىمى دېگىنىمىز شايىنى پاختا رەخت ئورنىدا قوللىنىپ تىكىلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك كىمونودىن ئىبارەت. ئۆتمۈشتە ۋۇ بەگلىكى كىيىمى ۋە كىمونو دېگەن ئىككى ئۇقۇم ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، لېكىن ھازىر بۇ ئىككىسى پۈتۈنلەي ئارلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.