كۆكتوقاي ناھىيىسى

كۆكتوقاي ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كوكتوقاينىڭ يەر مايدانى 32،237 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 1999-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 82،098.

كۆكتوقاي ناھىيىسى

富蕴县.Köktoqay County

كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت ئالتاي ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇرقازاقخەنزۇ
تىللار ئۇيغۇرچەقازاقچەخەنزۇچە
بازارلىق سانى 3 دانە
يېزا سانى 6 دانە
نوپۇس 8 مىڭ
يەر مەيدانى 32،327 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 997(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新H

تارىخ تەھرىرلەش

كۆكتوقاي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ زېمىنى بولغان. سۈي ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۈيۈرغاللىق يېرى بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا قوبدۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) مەركەزنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 26 - يىلى (1937 - يىلى)بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كۆكتوقاي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىدارىسىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 03 - يىلى (1941 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. كېيىن نامى ئۆزگەرتىلىپ كۆكتوقاي دېيىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

كۆكتوقاي ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى جىمىسار ناھىيىسى، چىتەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى مۇڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 212 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 881 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 413 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 32 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. كۆكتوقاي ناھىيىسىگە 2 بازار، 6 يېزا، 73 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 804 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 80 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 67.45% نى، خەنزۇلار 31.31% نى، باشقا مىللەتلەر 1.24% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى تۆت پەلەمپەيسىمان ھالەتتە بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش كەتكەن تاغلىق، ئويمانلىق، دەريا ۋادىسى چۆللۈك،قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 24.3% نى، تۈزلەڭلىك 34.4% نى، قۇملۇق 12.5% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئېرىتىش دەرياسى، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى ناھىيە تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 2 مىليارد 590 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 436 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ياۋا ئېشەك، ئاق بۇرغۇن بۆكەن، قارقار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن قار لەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، ئاۋېپىي، قۇرۇتئوت، پىيازگۈل قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن بېرىللىي، لىتىي، تانتال، نىئوبىي، مىس، نىكېل، تۆمۈر، ئالتۇن، كۆمۈر، چىرىمتال، كۆك ياقۇت، مەرۋايىت تېشى، مەرمەر تاش قاتارلىقلار بار.

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

پىچان ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
قازاقلار
74.0%
خەنزۇلار
20.9%
خۇيزۇلار
2.1%
ئۇيغۇرلار
1.9%
موڭغۇللار
0.3%
باشقا مىللەتلار
0.8%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

ئىقلىمى تەھرىرلەش

كۆكتوقاي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1.8℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 51.5℃. يىلىدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 89.6 كۈن - 20℃ سوغۇق بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2864.5 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2619.8℃. قىروسىز مەزگىلى 110 كۈن. ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 158.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1692.5 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 13 مىڭ 6000 گېكتار (204 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر. 131 مىڭ 100 گېكتار (1 مىليون 965 مىڭ 800 مو) ئورمانلىق. 4 مىليون 817 مىڭ 800 گېكتار (72 مىليون 266 مىڭ 500 مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىلاردىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پۇرچاق، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن سېمونت، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خۇرمچىلىق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 216 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، ئۆپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون قاتارلىق ئىلغار خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.