كۆپ مەدەنىيەتچىلىك

كۆپ مەدەنىيەتچلىك (multiculturalism) خىلمۇ-خىل مەدەنىيەتتىكى كىشىلەر بىللە ياشايدىغان ئىجتىمائىي مۇھىتقا قارىتا ئېيتىلغان  سىياسىي ئاتالغۇدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئامېرىكا جەمئىيتى كۆپ مەدەنىيەتچلىك ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەت. كۆپ مەدەنىيەتچىلىك ئەۋج ئالغان جەمئىيەتلەردە خىلمۇ-خىل ئىرىق، مىللەت، توپتىكى كىشىلەر بىرلىكتە ياشايدۇ. ئادەتتە، بۇ خىل مۇھىتتا، ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىيتىنىڭ كۆپ سانلىقلار مەدەنىيتى تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيە قىلىنىش خەۋپى ئاز بۇلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى خاراكتىرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرلىشىش مەنزىرىسى بىلەن كۆپ مەدەنىيەتچىلىك تەڭ مەۋجۇت بولماقتا. ساياھەت، سودا ۋە ئالاقىنىڭ كۈچىيشىگە ئەگىشىپ دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن يەرلەردە ئوخشاش مەدەنىيەتلەر كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى ئامېرىكىدا مودا بولغان پادىچىلار ئىشتىنى(牛仔裤) بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە كىيىلىدۇ. ساياھەت قىلىپ باشقا جايلارغا بارسىڭىز، ئوخشاش شەكىلدىكى بىنا، ئاپتۇبۇس ۋە كىيىم-كىچەكلەرنى كۈرىسىز. يەنە مەسىلەن، دۇنيانىڭ كۆپىنچە يەرلىرىدە ماكدونالىد تىپىكى تىز تاماقخانىلارنى ئۇچرىتالايسىز. دىمەككى، بىر تەرەپتىن يەر شارى مەدەنىيتى ئوتتۇرىغا چىقماقتا ۋە ئوخشاشلا مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا پەرقلەر ساقلانماقتا.

ئەلۋەتتە، مەدەنىيەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ياكى مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئۆتۈشۈشنى بۈگۈنكى كۈندىكى قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرىدىكى يىڭىلىقلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، نۇرغۇن كىشىلەر تېخنىكا يەرشارىنى بىر كەنتكە ئوخشىتىپ قويدى، دەپ قارايدۇ.

كۆپ مەدەنىيەتچىلىك پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى ئىتراپ قىلىش مەسىلىسى ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر جەمئىيەت ھەقىقىي ھالدا كۆپ مەدەنىيەتچىلىك سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولسا، ئو ھالدا ئاز سانلىقلارنىڭ ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بۇلىشىغا زور دەرىجىدە كۈچ سەرپ قىلغان بۇلىدۇ. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە، يەر شارىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە يەرلىك ۋە ئاز سانلىقلار مەدەنىيتى يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلىقى يىتەكچى جەمئىيەت مەدەنىيتىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىشى، ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىيتىگە ئىتىبار بەرمەسلىك، مېدىئالاردىكى مەدەنىيەت زوراۋانلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەپ بۇلىۋاتىدۇ.