كوممۇنىزىم (ئىنگ: communism، خەنچە: 共产主义) ئىسىم، ‹پەلس› ①پرولېتارىياتنىڭ پۈتكۈل ئىدىيە سىستېمىسى. ② ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ غايىۋى ئىجتىمائىي تۈزۈمى. ئۇ تەرەققىيات جەريانىدا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچى سوتسىيالىزم، يۇقىرى باسقۇچى كوممۇنىزمدۇر. ئادەتتە دېيىلىۋاتقان كوممۇنىزم ئۇنىڭ يۇقىرى باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلار ئىنتايىن موللاشقان، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئاڭلىقلىقى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆسكەن، ئەمگەك تۇرمۇشنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجىغا ئايلانغان، ئۈچ چوڭ پەرق يوقىتىلىدىغان، كوممۇنىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغان ۋە ھەر كىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەر كىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەق بېرىش پرىنسىپى يولغا قويۇلغان بولىدۇ;[1]

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق سۆزلۈكى.