كۈز پەسلى، ياز ۋە قىش پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەسلىدۇر. خازان، يىغىم مەزگىلى دېگەندەك ناملىرىمۇ بار. شىمالىي يېرىم شاردا مىزان، ئوغۇز ۋە ئوغلاق؛ جەنۇبىي يېرىم شاردا بولسا نورۇز، ئۈمىد ۋە باھار ئايلىرى كۈز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.

كۈزيوپۇرماقلىرى بىلەن قاپلانغان بىر باغچە

كۈزنىڭ ئىپادىلىرى تەھرىرلەش

كۈندۈز قىسقىراپ، كېچە ئۇزىرايدۇ. قۇياش، بالدۇر پاتىدۇ. ھاۋالار نىسبەتەن سوغۇق ۋە كۈننىڭ تەپتى ئاز. سالقىن، يامغۇر - يېشىنلىق ۋە شاماللىق كۈنلەر كۆپىيىپ، قىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

دەل - دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى سارغايىپ تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ. يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەر (قارىغاي قاتارلىقلار) ياپراق تاشلىمايدۇ. گۈللەر تېخىمۇ ئاز ئېچىلىشقا ۋە ئەتراپتىكى ئوت چۆپ، چىمەنلەر قۇرۇشقا باشلايدۇ.

قاراڭ تەھرىرلەش

رەسىملەر تەھرىرلەش