مۇئەللىف، تىلىمىزغا ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رۇسچەدىن كىرگەن ئاپتور كەلىمىسى كۆپرەك قوللىنىلماقتا.

مۇئەللىف بىرەر ئەدەبىي، ئىلمىي ياكى پۇبلىستىكىلىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى، ئىجادچىسى. مەسىلەن: «ئەتەبەتۇل ھاقەيىق»نىڭ مۇئەللىفى ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى؛ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مۇئەللىفى يۈسۈپ خاس ھاجىپ. «ئاچىل» شىئېرىنىڭ (كېيىنچە ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان) ئاپتورى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە باشقىلار.