مۇغاللا بازىرى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيىسىگە جايلاشقان. يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، يەر ئاز بۇلۇش تۈپەيلىدىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەرمۇ ئاز. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا، ھاۋا كېلىماتى ناچار، نۇقتىلىق ياردەم بېرىلدىغان، يۆلەيدىغان، چەت، يىراق، نامرات يېزا-بازارلارنىڭ بىرى. مۇغاللا بازىرى شىنجاڭ كېرىيە بوستانلىقى تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1777 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتە ئويتاغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى جاي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى يېڭىباغ يېزىسى، جەنۇبتا كۆكيار يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 54.47 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، تۇپرىقى مۇنبەت، بايلىقى مول، شەھەر رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 315-دۆلەت يولىنى شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، كوچىلار غول بولۇپ، كرېست شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ.

مۇغاللا بازىرى

木尕拉镇.Mughalla town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 17 دانە
نوپۇس 30 مىڭ
يەر مەيدانى 54.47 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

كىلىماتى تەھرىرلەش

دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1420 مېتىر كېلىدۇ، تۆت پەسىل ئېنىق، ھاۋا كىلىماتى ئىللىق، قۇرغاق. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 210 كۈن. ئادەتتە شامال كۈچى 3 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 10 بالغا يېتىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىنىدۇ. ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، شال، پاختا قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. چېگرا ئىچىدە ئىھاتە ئورمان بەلبېغى بار، بوستان كەنتىدە بىر تەبىئىي قۇمۇش كۆلى بار، بازارلىق ھۆكۈمەت خادىملارنى تەشكىللەپ قۇمۇش كۆل كولاش ئېلىپ بارغان، يەنە سۈنئىي بېلىق بېقىش كۆلچىكى بار بۇلۇپ، بېلىجان سېلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.