نۇھ ئەلەيھىسسالام

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

نۇھ پەيغەمبەر (ئەرەبچە: نوح، ئىبرانىيچە: נוֹחַ ياكى נֹחַ; Noah ياكى Noaχ) ئىبراھىمىي دىنلەردە ۋە ماندائىزىمدە تىلغا ئېلىنىدىغان توپان پەيغەمبەرىدۇر. تەۋراتتا نۇھنىڭ 950 يىل ياشىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. قۇرئاندا بولسا قانچە يىل ئۆمۈر سۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن، ئەمما نۇھ پەيغەمبەرنىڭ 950 يىل قەۋمى ئارىسىدا ياشىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ''ئۇمۇ 50 يىل كەم مىڭ يىل ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىدى (سۇرە ئەنكەبۇت: 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئىنسانىيەتنىڭ 2- ئاتاسى دەپ قارىلىدۇ.

نۇھ ئەڧسانىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى تەھرىرلەش

تەۋرات ۋە قۇرئاندىكى ھەزرىتى نۇھنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەر بابىل ۋە سومېرلارنىڭ توپان قىسسىلىرى (گىلگامىش داستانى) دىكى زىۇسۇدرا& ئۇتناپىشتىم خاراكتېرلىرى بىلەن چوڭ جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مىسسوپوتامىيەدە ئاۋامغا چوڭقۇر تەئسىر قىلغان بىر سەل پالاكىتى ئۈستىگە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خەلقنىڭ مىڭىسىگە ئورناشقان داستانلارنىڭ ئىبرانىلەرنىڭ بابىل سۈرگۈنى قايتىشىدا يېزىلغان تەۋرات نۇسخىلىرىدا بايان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

نۇھنىڭ نەسەبى تەھرىرلەش

تەۋراتقا كۆرە ھەزرىتى نۇھىنىڭ نەسەبى

ئادەم - شىس - ئەنوش - كەنئان - ماھالالەل - يارەد - ئەنوھ - مەتۇسەلاھ - لامەھ - نۇھ - ھام، سام، ياڧەس

ئوغۇللىرى ۋە ئاساسىي ئىرىقلار:

تەكۋىنغە كۆرە نۇھنىڭ 3 ئوغلى باردۇر ۋە ئۈچ ئوغلىنىڭ ئۈچ ئاساسىي ئىرقنىڭ ئاتىسىدۇر.

ئىسلامدا نۇھ پەيغەمبەر تەھرىرلەش

ئىسلام ئەنئەنىلەرىدە ھەزرىتى نۇھ بىلەن ھەزرىتى ئىبراھىم ئوتتۇرسىدا 950 يىل پەرق باردۇر دەپ قارىلىدۇ. قۇرئاندا نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇئمىنۇن سۇرەسى، ئەنكەبۇت سۇرەسى 14. ئايەت ۋە نۇھ سۇرىسىدە ئوخشاشىپ كېتىدىغان ئىپادىلەر قوللىنىلغان.