يورۇڭقاش دەرياسى

قەدىمكى ئۇيغۇرچىدىكى پارقىراق، سۈزۈك، ئاق مەنىسىدىكى « يارۇق» سۆزى بىلەن قاشتېشى مەنىسىدىكى « قاش» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن يورۇڭقاش سۆزى خوتەن ۋىلايىتىدىكى قاشتېشى چىقىدىغان بىر دەريانىڭ ئىسمى. قاراقاش دەرياسى بىلەن بىرلىشىپ خوتەن دەرياسىنى شەكىللەندۈرىدىغان يورۇڭقاش دەرياسى، قاراقۇرۇم تېغىدىن باشلىنىپ، تارىم ئويمانلىقىغا قۇيۇلىدىغان ئىچكى دەريا. يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 325 كېلومېتىر بولۇپ، بىر قانچە تارماق ئېقىنلىرى بار. ئومۇمىي ئىگەللىگەن يەر مەيدانى 14 مىڭ 500 كۋادرات كېلومېتىر.ئاق تاش، يېشىل تاش ۋە قاراتاش چىقىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق قاشتېشى مەنبەلىرىدىن بولۇپ كەلگەن. جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بېرى، جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا بويىچە داڭلىق تاشلارنىڭ چىقىدىغان ماكانىغا ئايلانغان. يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى خەتەرلىك بولغاچقا كىشىلەر ئادەتتە ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىن تاش قېزىپ كەلمەكتە. قاراڭغۇتاغ رايونىدا قاشتېشى بايقالغاندىن بېرى تاشچىلار قاراڭغۇتاغقا يۈزلىنىشكە باشلىدى. قاراڭغۇ تاغ قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىلىرىدىن بىرى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7562 مېتىر كېلىدۇ.