يەئقۇب ئەلەيھىسسالام

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەم﵇ • ئىدرىس

نۇھ﵇ • ھۇد﵇ • سالىھ

ئىبراھىم﵇ • لۇت

ئىسمائىل﵇ • ئىسھاق

يەئقۇب﵇ • يۇسۇڧ

ئەييۇب﵇ • شۇئەيب

مۇسا﵇ • ھارۇن

داۋۇد﵇ • سۇلايمان

زۇلكېڧىل﵇ • يۇنۇس﵇ • ئىلياس

ئەليەسە﵇ • زەكەرىيا

يەھيا﵇ • ئىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى يەئقۇب ياكى ئىسرائىل (ئەرەبچە: يعقوب، ئىبرانىيچە:יעקב)، قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن بىرى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ۋە يۇسۇڧ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىدۇر.

يەھۇدىي دىن كاتتىسى. ئىسلام پەيغەمبەرىدۇر. ھەزرىتى يەئقۇبقا ئاللاھ تەرىپىدىن ئىسرائىل ئىسمى بېرىلگەن (يارىتىلىش 32:28). قۇرئاندا ھەم ئىسرائىل ئىسمى يەئقۇب ئورنىغا قوللىنىلغان (ئال ئىمران: 93). بۇ ۋەجدىن يەئقۇب پەيغەمبەرنىڭ 12 ئوغلىنىڭ پۇشتىدىن بولغانلارغا بەنى ئىسرائىل دېيىلىدۇ.

يەئقۇب (ئىبرانىچە: Yakubo) كېيىن كەلگەن، ئورنىغا ئۆتكەن" دېگەن مەنىدە. ''تاپان" سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ، توغۇلۇش ئەسناسىدا قوشكىزىكىنىڭ تاپىنىنى تۇتقان دەپ قارىلىدۇ.

ئىسرائىل كەلىمىسى "تەڭرىنىڭ يولىدا، توغرا يولدا" دېگەنلىك ياكى "تەڭرى بىلەن كۆرۈشكەن" دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ.

ئىسرا كەلىمىسىنىڭ (ئىبرانىچە: كۆرۈشمەك) ۋە ئېل (سەمىتىك تىللاردا تەڭرى) كەلىمىسىنىڭ بىرىكىشىدىن كەلگەن.

ئائىلىسى تەھرىرلەش

ھەزرىتى يەئقۇبنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىككىسى ئانا تەرەپ تاغىسى لاۋاننىڭ لەئا ۋە راھىل ئىسىملىك ئىككى قىزى ئىدى. قالغان ئىككىسى بولمىش بىلا ۋە زىلپا بولسا لەئا بىەلن رەھىلنىڭ دېدەكلىرى ئىدى.
ھەزرىتى يەئقۇبنىڭ 12 ئوغلى ۋە 1 قىزى بولغانىدى. ئۇلار:


لەئا:
رەئۇبەن(1)
شىمون(2)
لەۋى(3)
يەھۇدا(4)
ئىسساكار(9)
زەبۇلۇن(10)
دىنا (قىزى)


راھىل:
يۇسۇڧ(11)
بۇنيامىن(12)


بىلا (راھىلنىڭ دېدىكى):
دان(5)
ناڧتالى(6)


زىلپا (لەئانىڭ دېدىكى):
گاد(7)
ئاشەر(8)