يەكشەنبە، شەنبە بىلەن دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرسىدىكى، ھەپتىنىڭ يەتتىنچى ۋە ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىدۇر.

يەكشەنبە ڧارسچە "يكشنبە" دىن كېلىدۇ ۋە "يەك+شەنبە= يەكشەنبە"، يەئىنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، دېگەن مەنىگە كېلىدۇ. قەدىم ئۇيغۇرچەدە بازار كۈنى، ياكى بۇگۈنكى تۈركىيە تۈركچەسىدە "Pazar"، ئەرەبچە «الأحد»، ڧارسچە «يكشنبە»، ئىنگىلىزچە «Sunday» ۋە خەنزۇچە «周日\星期日» غا توغرا كېلىدۇ. بۇ كۈن خرىستىيانلارنىڭ دىنىي كۈنى بولۇپ، بۇگۈن ئەكسەرى خرىستىيانلاردىن تەشكىل تاپقان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەللەر ۋە بۇلارنى تەئسىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى داخىل جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئەللىرىدە يەكشەنبە كۈنى رەسمىي تەتىل ئېلان قىلىنغان.

قەدىم تۈركىي تىلدا بۇ كۈن بىرىنچ دەپ ئاتالغان.