پاستا (ئىتالىيە چۆپى)

پاستا (باشقىچە ئاتىلىشى: ماكارنا، ماكارون، ئىتالىيە چۆپى؛ ئېنگلىزچە: pasta؛) سۇ، ئۇن، تۇخۇم، ۋە سۈتنى خام ماتىريال قىلپ ياسالغان خېمىردىن ھازىرلانغان، ھەرخىل شەكىلدىكى (بۈدۈرە، تۈز، ئۇزۇن، قىسقا، بودەك) كەسمە چۆپتۇر. ئادتتە پاستادىن پايدىلنىپ ئېتىلگەن تاماقلارنىمۇ پاستا دەيدۇ. پاستا ئىتالىيەدە بارلىققا كەلگەن ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارالغان. ئادەتتە غەرب تائاملارىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. پاستا كۆپ ھالدا ئېرىمچىك ۋە پەمىدۇر قىيامى بىلەن بىللە ئىشلىتىلدۇ. پاستا تائاملىرى ئادەتتە ئۇيغۇر لەڭمىنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئېتىش ناھايىتى ئاسان. پاستا، ئۇۋالغان كالا گۆشى، ۋە پەمىدۇر قىيامى بىلەن كىلاسسىك ئىتالىيە ئۇسلۇبىدىكى پاستا تامىقى تەييارلىغىلى بولىدۇ.

پاستا (ماكارنا) Pasta
ھەرخىل شەكىل ۋە تىپىتكى پاستا كەسمە چۆپلىرى
تىپى تاماقنىڭ مۇھىم تەركىبى
ئەسلى يۇرتى ئىتالىيە
خام -ماتىرياللار ئاق ئۇن
ئاساسلىق ماتىرياللار سۇ، ئۇن، تۇخۇم ۋە سۈت
تۈرلىرى گۈرۈچ پاستا، بۈدۈرە پاستا

ئالاقىدار رەسىملەر تەھرىرلەش

 
پەمىدۇر قىياملىق كالا گۆشىلىك پاستا
 
كاراكولا پاستاسى
كاراكولا پاستاسى
 
پاستا ماشىنىسى ۋە پاستا
 
تەملىك پاستا سىزمىسى
 
ئەڭ كلاسسىك پەمىدۇر قىيامىلىق ئۈچەي پاستا
 
تۇربا پاستا تامىقى
 
بۇرغۇ پاستا
 
تاسما پاستا
 
پاستا ۋە پەمىدۇر قىيامىدىن ھازىرلانغان تائام