پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئوق يىلتىزى گۆشلۈك، رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق بولۇپ يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن يان يىلتىزلىرى تەرەققىي قىلمىغان. غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندىن كېيىن شاخلىنىشقا باشلايدۇ.

پالەك
ئۇيغۇرچە ئىسمى پالەك
خەنزۇچە ئىسمى 菠菜
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى پالەك ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Spinacia oleracea L
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى لويلا ئائىلىسى
تۈرى پالەك

ھەققىدە تەھرىرلەش

 
بېلىق پالەك قورۇما ياپراقچىسى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئوق يىلتىزى گۆشلۈك، رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق بولۇپ يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن يان يىلتىزلىرى تەرەققىي قىلمىغان. غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندىن كېيىن شاخلىنىشقا باشلايدۇ. كۈزنىڭ ئاخىرلىرى تېرىلغان پالەك كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا چېچەكلەيدۇ، ئەتىيازدا تېرىلغان پالەك باش يازدا چېچەكلەيدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىنىدۇ. ئارىلاپ ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئۆسىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئادەتتە 3 ~5 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ.

ئىشلىتىلشى تەھرىرلەش

پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە پالەكنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ھېچقانداق ئۆسۈملۈك يوق. ھەر كىلوگرام پالەك تەركىبىدە 24 گرام ئاقسىل، 3 گرام ماي، 1030 مىللىگرام كالتىسىي، 380 مىللىي گرام ۋىتامىن C بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر ماددىسىمۇ خېلى مول.

ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 100 گرام پالەك ئادەمنىڭ 24 سائەت ئىچىدىكى ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىكەن. پالەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خېلى ياخشى رولى بولىدىكەن. پالەكنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن كەمچىللىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن.

پالەكنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى(ئوكسالىك كىسلاتا) بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. چۆپ كىسلاتاسى تۆمۈر، كالتسىيلارغا يولۇقسا ئېرىمەيدىغان تۆمۈر ئوكسالات ۋە كالتسىي ئوكسالات تۇزلىرىنى ھاسىل قىلىپ، تۆمۈر، كالتسىيلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، پالەكنى تۆمۈر قازاندا پىشۇرماسلىق، شۇنداقلا دۇفۇ(پۇرچاق ئۇيۇتمىسى) بىلەن بىللە پىشۇرماسلىق كېرەك. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ «پالەك بىلەن دۇفۇنى بىللە قورۇش» ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىيلىكى يوق.

باشقىلار تەھرىرلەش

 
پالەك ياپراقچىسى

پالەكنىڭ ئەسلىي ماكانى پېرسىيە(يەنى ھازىرقى ئىران تەرەپ) دۇر. پارسلار 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا پالەكنى كۆكتات ئورنىدا تېرىپ ئۆستۈرگەن. تاڭ سۇلالىسى جېنگۇەن يىللىرىنىڭ 21-يىلى (647-يىلى) نىپال پادىشاھى نارېندرادېۋا پالەكنى سوۋغات سۈپىتىدە مەخسۇس ئادەم ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ چاڭئەن شەھىرىگە ئەۋەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پالەك ئېلىمىزگە ماكانلاشقان ھەم كۆكتاتلار ئىچىدە خېلى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. قەدىمكى ئەرەبلەر پالەكنى كۆكتات شاھى دەپ ئاتاشقان.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى