پىل يىلى (ئەرەبچە:عام الفيل\ ئەممەل ڧىل)، ئىسلام تارىخىدە، تەخمىنەن مىلادى 570- يىلى يۈز بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدىغان بىر ۋەقە يۈزىسىدىن بېرىلگەن ئىسىمدۇر.[1] ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ۋەقەدىن بىر مەزگىل كېيىن، تەخمىنەن 571- يىلى توغۇلغاندۇر.[2]

ئارقا كۆرۈنىشى تەھرىرلەش

 
ئۇرۇش پىلى، پىل يىلى ئەبرەھەنىڭ پىل ۋەقەسىدە قوللانغان دەپ قارىلىدىغان ئۇرۇش پىلى سەبەبىدىن بۇ ئىسىم بېرىلگەن.

570- يىلىغا بۇ ئىسىم، ئەبرەھە ئىسىملىك، ھەبەشىستاندىكى ئەقسۇم قراللىقىغا قارام خىرىستىيان بىر ۋالىنىڭ، كەئبىنى ئۆرۈش مەقسىدى بىلەن تەشكىل قىلغان ئوردۇسىدىكى رەئىس پىلنىڭ مەككەگە ئاز قالغاندا چۆكۈۋېلىپ قىمىرلىمىغانلىقى ۋە باشقا پىللارنىڭ ھەم جايىغا چۆكۈشى، شۇنداقلا ئەبابىل قۇشلارى بىلەن بۇ ئوردۇنىڭ تارمار قىلىنىشى يۈزىسىدىن بېرىلگەن. يۈز بەرگەن بۇ ۋاقىئەگە "پىل ۋەقەسى" نامى بېرىلگەن.

پىل ۋەقەسى ھەققىدە قۇرئاندا پىل سۇرىسى يەر ئالماقتا. پىل ۋەقەسى بىلەن ئالاقەدار تارىخىي مەنبەلەردە بىلىنگەن بىر بەھىس يوقتۇر.

پىل ۋەقەسى ياكى ۋاقائى ڧىل، ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلىشىدىن 52 كۈن بۇرۇن كەئبەنى ئۆرمەك ئۈچۈن مەككە ئۈستىگە پىللار بىلەن يۈرىگەن ئەبرەھە ۋە ئوردۇسىنىڭ ئاللاھ تەرەپىدىن ئىبەرىلگەن ئەبابىل قۇشلىرى ۋاستىسى بىلەن بوزغۇنغا ئۇچرىتىلىشىنى بايان قىلغان ۋاقىئە.[3]

 
ئەبابىل قۇشى

بەلگىلەر ۋە مەنبئەلەر تەھرىرلەش

قىسسەلەر ئەرەبىستان تارىخى نوقتىسىدىن ئاغزاكى تارىخ دەۋرىگە ئائىتتۇر. پىل ۋەقەسىنىڭ مىلادى 547، 552 ياكى 563- يىلى يۈز بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئەمما كەڭ تۈردە قابۇل قىلىنغانى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلىشىدىن 50-55 كۈن بۇرۇن، ياكى ئۈچ ئاي بۇرۇن مۇھەررەم ئېيىنىڭ چىقىشىغا 13 كۈن قالغاندا، يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەنلىكىدۇر كى، بۇ ۋاقىت ئەرەب نەسى ئەنئەنىلىرىگە كۆرە 569، باشقالارغا كۆرە بولسا 570 ياكى 571. يىلىدۇر.[4]

قۇرئانداكى بايانى (ڧىل سۇرەسى) تەھرىرلەش

كەئبىنى ئۆرمەك ئىستىگەن ئەبرەھەنىڭ پىللەر بىلەن ھۇجۇمىنى تېما قىلىنغاچقا بۇ ئىسىم بېرىلگەن.

كاڧىرۇن سۇرىسىدىن سوڭرە مەككەدە نازىل بولغان، 5 ئايەتتىن تەشكىل تاپقان.

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ (١) أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ (٢) وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ (٣) تَرْمِيهِمْ بِحِجَارَةٍ مِنْ سِجِّيلٍ (٤) فَجَعَلَهُمْ كَعَصْفٍ مَأْكُولٍ (٥)

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [1] ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ [2] ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى [3]. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ [4]، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى [5].[5]

پىل ۋەقەسىنىڭ ئېنىق ۋاقتى، ئوردۇنىڭ ۋە پىللەرنىڭ سانى بىلەن ئالاقەدار ئېنىق سانلىق مەئلۇماتلار يوقتۇر.

ئەبرەھە، يەمەندە، ئەقسۇم قراللىقىغا قارام خرىستىيان بىر ۋالىي ئىدى ۋە ئەرەبلەرنىڭ ھەر سەنە ھاج مەقسىدى بىلەن مەككەگە بېرىشىنى خاھلىمايىتتى. سانئادا چوڭ بىر چىركاۋ بىنا قىلدۇردى ۋە ئىسمىنى كۇلەيس قويدى.

ئەبرەھە ھەبەش قرالىغا خەلقنىڭ ھەج ئۈچۈن پەقەتلا كۇلەيسنى زىيارەت قىلشى كېرەكلىكىنى، مەككەگە بارماقچى بولغانلارغا رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى يازىپ ئۇنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتى.

ئەبرەھەنىڭ ھەجنى توساش نىيىتى يەمەنلىك ئەرەبلەرنى ئاچچىقلاندۇردى. رىۋايەتكە كۆرە نۇقەيل ئىسىملىك بىر يەرلىك، كۇلەيسكە كىرىپ ھېچكىم يوق بىر ۋاقىتتا ئىچىنى خارابە ھالغا كەلتۈردى، مەينەت قىلىۋېتىپ يوقاپ كەتكەن. ئەبرەھە ئىنتايىن چوڭ بىر ھاقارەتكە ئۇچرىغانىدى.

بۇ ۋەقەنىڭ ئۈستىگە بىر چىركاۋنىڭ كۆيۈپ كېتىشى بىلەن ۋالىي ئىنتىقام ئالماققا قارار قىلدى، كەئبىنى ئۆرۈش ئۈچۈن ئون ئۈچ پىل ۋە ئالتىمىش مىڭ ھەبەشىيدىن تەشكىل تاپقان ئوردۇسى بىلەن يولغا چىقتى.

مەككە ئەتراپىغا قەدەر كەلگەن ئىلغارلار مەككەلىكلەرنىڭ قوي ۋە تۆگىلىرىنى ئېلىپ قونالغۇ يېرى بولمىش تائىڧقا قاچتىلار. ئەبرەھە مەككە ئامىرى بولمىش ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ مۇرەسسە تەكلىڧىنى رەد قىلدى.

ئوردۇ مەككەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ئاسمان ئەبابىل قۇشلىرى بىلەن تولدى، تۇمشۇقلىرىدا ۋە ئاياقلىرىدا تۇتۇپ كەلگەن تاشلار بىلەن ئەبرەھە ئوردۇسىنىڭ تاش يامغۇرىغا تۇتتىلەر.

ئىستلاچى ئوردۇ تارمار قىلىندى. گۆشلىرى لەختە - لەختە تۆكۈلۈپ ئۆلىشكە باشلىدى. قالغانلار ئەبرەھە بىلەن بىللە پەرىشان ھالدە يەمەنگە قاراپ قاچتى.

ئەبرەھە، بۇ ھۇجۇملاردا ئەت-گۆشتلىرى لەختە بولۇپ، چىرىغان ھالدا سانئاغا قايتىۋاتقاندا، ھاسم قەبىلىسى ياشايدۇرغان جايغا كەلگەندە كۆكسى ئىككىگە يېرىلىپ ئۆلگەن.

قاراڭ تەھرىرلەش

مەنبە تەھرىرلەش

قېلىپ:Kaynakça

  1. Hajjah Adil, Amina, "Prophet Muhammad (PBUH)", ISCA, Jun 1, 2002, ISBN 1-930409-11-7
  2. "Peygamberimiz kaç yılında doğdu? (پەيغەمبەرىمىز قاچان توغۇلغان) (تۈركچە)، 2016- يىلى 20- ئىيۇل ئۇلىنىشى
  3. http://ktp.isam.org.tr/pdfdrg/D03434/2008_2/2008_2_AZIMLIM.pdf
  4. http://www.islamansiklopedisi.info/dia/pdf/c13/c130030.pdf
  5. قۇرئان كەرىم، سۇرە ڧىل (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)