پەسىل، يەر ئوقىنىڭ يانتولقىنىڭ تەسىرى بىلەن، قۇياشنىڭ ئەتراپىدىكى يىللىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يەر يۈزىدە ياشىغان بىر بىرىدىن پەرقلىق، ئوتتۇرىچە ھاۋا رايى شەرتلىرىگە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. 9- ئايغىچە شىمالىي يېرىم شار، جەنۇبىي يېرىم شارغا قارىغاندا بەكراق يېقىندۇر ۋە كۈن نۇرىنى بەكراق ئالىدۇ. بۇ ئەھۋال 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە ئەكسىچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي يېرىم شاردىكى پەسىللەر مارتتىن باشلاپ تۆۋەندىكىدەك ئىسىملار بېرىلگەن:

İlkbaharda çiçekli bir kır.

ئەتىياز: 21- مارتتىن 22- ئىيۇنغىچە؛

ياز: 22 - ئىيۇندىن 23- سىنتەبرغىچە؛

كۈز: 23- سېنتەبردىن 22- دېكابرغىچە؛

قىش: 22- دېكابردىن 21- مارتقىچە.

جەنۇبىي يېرىم شاردا بولسا پەسىللەر ئەكسچە بولۇپ، ئەتىياز 23- سىنتەبردە باشلايدۇ.

پەسىللەر دۇنيانىڭ ئۆز ئۆزىدىن ئايلىنىشىنىڭ، قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئايلانغان ئوربىتا بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ئايلانماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سەۋەبدىن يەريۈىدىن كۆك يۈزىگە قارىغاندا قۇياش دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئوخشىمىغان بىر ئىگىزلىكتىن ئۆتىدۇ.

"شىمال قىشى" مەزگىلىدە دۇنيانىڭ جەنۇبىي يېرىمىدا قۇياشقا تېخىمۇ يېقىندۇر ۋە شىمالىي يېرىمى تېخىمۇ ئاز كۈن نۇرى ئالىدۇ. "جەنۇب قىشى" مەزگىلىدە بولسا شىمالىي يېرىم شار قۇياشقا بەكراق يېقىنلىشىدۇ ۋە ھاۋالار ئىللىشقا باشلايدۇ. يەئنى شىمالىي يېرىم شاردا ياز پەسلى باشلىغاندا جەنۇبىي يېرىم شاردا (مەسىلەن: جەنۇبىي ئاڧرىقا ياكى ئاۋسترالىيەدە) قىش باشلايدۇ.

پەسىللەر ۋە تەقۋىم تەھرىرلەش

پەسىللەرنىڭ تارقىلىشى
شىمالىي يېرىم شار ئاي جەنۇبىي يېرىم شار
تەقۋىم ئىقلىم ئاسترونومىيلىك ئىقلىم ئاستونومىيىلىك
قىش قىش قىش قەھرىتان ياز ياز
ئەتىياز ھۇد
ئەتىياز نورۇز كۈز
ئەتىياز ئۈمىد كۈز
ياز باھار
ياز سەڧەر قىش
ياز چىللە قىش
كۈز تومۇز
كۈز مىزان ئەتىياز
كۈز ئوغۇز ئەتىياز
قىش ئوغلاق
قىش كۈنەك ياز

پەسىللەرگە ئائىت رەسىملەر تەھرىرلەش

ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش