چىڭ سۇلالىسى, (1616- يىلى 17- ڧېۋرال، 1636- يىلى 15- ماي ياكى 1644- يىلى 30- ئۆكتەبىر - 1912- يىلى 12- ڧېۋرال)، رەسمى ئاتى «بۈيۈك چىڭ» (مانجۇچە: ᡩᠠᡳᠴᡳᠩ

بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى大清帝國
مىڭ سۇلالىسى1644 - 1912 مىنگو، موڭغۇلىيە،شىياڭگاڭ،ئاۋمېن

دۆلەت بايرىقى (1889 - 1912)
دۆلەت بايرىقى (1889 - 1912)
بايراق (1889-1912)
دۆلەت گېربى
دۆلەت گېربى
گېرب
چىڭ توپراقلىرى، 1890
پايتەخت
  • 1616-1621
  • 1621-1625
  • 1625-1644
  • 1644-1912

خۇتۇئالا، بۇگۈنكى شىيىڭجىڭ

لياۋياڭ
شېڭجېڭ، بۇگۈنكى شېنياڭ
شۈنتىيەن يامۇلى (بۇگۈنكى بېيجىڭ)

خان جەمەتى ئايسىنگىرو
ھۆكۈمدارلار
  • 1616-1626
  • 1626-1636
  • 1644-1661
  • 1661-1722
  • 1735-1796
  • 1908-1912
12

نۇرخاچ (كېيىنكى جىننىڭ قۇرغۇچى خانى)
قونتەيجى
ڧۇلۇن
كاڭشى
چىيەنلۇڭ
ڧۇيى

تىلى
  • رەسمىي ئەمەلىي
  • قوشۇمچە ئەمەلىي

مانجۇچە (رەسمىي تىل)
كونا خەنزۇچە (ئوتتۇرا-ئاخىر مەزگىللەر)

كۆپ قوللىنىلغان تىللار
مانجۇچە، يېقىنقى زامان خەنزۇچە، موڭغۇلچە، تىبەتچە، ئۇيغۇرچە
ئاھالە
  • 1740 ≈
  • 1776 ≈
  • 1790 ≈

140,000,000
268,238,000
301,000,000

گۈللىنىش ۋە چۆكۈش
  • 1616
  • 1636
  • 1644
  • 1839
  • 1912

نۇرخاچ كېيىنكى جىننى قۇردى
دۆلەت نامى "بۈيۈك چىڭ"بولدى
بېيجىڭنىڭ ڧەتھ قىلدى
1- قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى
ڧۇيى تەختتىن تۈشتى

يەر مەيدانى
  • 1760 ≈
  • 1790 ≈

13 مىلىيون 150 مىڭ كم2
14 مىلىيون 70 مىڭ كم2

دىنلەر

بۇددىزىم، كۇڭزى تەلىماتى، تويىنىزم، شامانىزىم، خرىستىيانلىق، ئىسلام
پۇل بىرلىكى چىڭ سۇلالىسى قەغەز پۇلى، يامبۇ، مىس يارچەن

ᡤᡠᡵᡠᠨ مۆللەندورڧ: daicing gurun، تەيچىڭ: daiqing gurun) سىرتقا قارىتا ئۆزىنى بۈيۈك چىڭ ئىمپېرىيىسى ياكى بۈيۈك چىڭ دۆلىتى، ياكى جۇڭگو شەكلىدە ئاتىلىدۇ.

جۇڭگو تارىخىدا مانجۇلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر ڧېئوداللىق سۇلالە، شۇنداقلا ئاخىرىقى مۇتلەق مۇنارخىيىلىك پادىشاھلىق. ھۆكۈمدارلار جىيەنجو قىتانلىرىدىن ئايسىنگىرو ئۇرۇقىدىندۇر. دەستلەپكى ھالى كېيىنكى 1616- يىلى نۇرخاچ تەرىپىدىن قۇرۇلغان كېيىنكى جىن، 1636- يىلى قونتەيجى ئۆزىنى پادىشاھ ئېلان قىلغان ۋە دۆلەت نامىنى «بۈيۈك چىڭ»غا ئۆزگەرتدى. 1644- يىلى نامدا مىڭ قوشۇنىغا ياردەملىشىپ خەلق ئسيانىنى باستۇرماق ئۈچۈن شەنخەيگۈەندىن كىردى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى خانىنى تەختتىن تۈشۈرۈپ پۈتۈن جۇڭگونىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزدى، 1912- يىلى جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرۇلىشى بىلەن تارىخ بېتىگە كۆمۈلدى.

1616- يىلى جورجىتلاردىن بولمىش نۇرخاچ بۇگۈنكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى رايونىدا ئۆزىنى خان ئېلان قىلىپ كېيىنكى جىن خانلىقىنى قۇردى. پايتەخت خۇتۇئالا قىلىپ بېكىتىلدى. 1636- يىلى، نۇرخاچنىڭ ئورۇنباسارى قونتايجى شېڭجىڭ، يەئنى بۇگۈنكى شېنياڭنى ئېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ ئېلان قىلدى، دۆلەت نامىنى «بۈيۈك چىڭ» غا، مىللەت نامىنى جورجىتتىن مانجۇغا ئۆزگەرتتى. ئۇ ۋاقتتىكى زېمىنى پەقەتلا مانجو ئېلىدا چەكلىنەتتى. شۇنداقتىمۇ سەددىچىننىڭ جەنۇبىدىكى مىڭ خانەدانىغا چوڭ تەھدىد ئېلىپ كلەمەكتە ئىدى. 1644- يىلى مىڭ سۇلالىسىغا قارشى خەلق ئىسيانى باشلاتقان لى زىچېڭ داشۈن سۇلالىسىنى قۇردى ۋە ئەينى يىلى بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلدى، مىڭ سۇلالىسىنى بىتچىت قىلدى. شۇ يىلى چىڭ ئوردۇسى لى زىچېڭغا قارشى ۋۇسەنگۈي قۇمانداسىدىكى مىڭ ئەسكەرلىرىگە ياردەم بېرىش باھانىسى بىلەن قورۇلدىن كىردى، ئارقىدىنلا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي بېيجىڭنى بېسىۋېلىپ جۇڭگو تۇپراقلىرىنى ڧەتھ قىلشقا باشلىدى. قۇرۇلدىن كىرىپ 10 يىل ئىچىدە مىڭ سۇلالىسىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى، لى زىچېڭ قۇرغان داشۈن دۆلىتىم جاڭ شىيەنجوڭنىڭ غەربىي دىيار بەگلىكى، جەنۇبىي مىڭ ۋە مىڭجېن قاتارلىق كۈچلەرنى تارمار قىلىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بىرلىككە كەلتۈردى. كاڭشى، يوڭجېڭ ۋە چىيەنلۇڭ ئۈچ پادىشاھ دەۋرىدە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلەت كۈچى كۈچىيىپ، مەدەنىيەت قايتا ئەسلىگە كېلىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، بېقىندى دۆلەتلىرى بولغان بۈيۈك ئىمپىراتورلۇق قۇرۇپ، كاڭشى- يوڭجېڭ-چىيەنلوڭ دەۋرىدىكى گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يوقرى پەللىسى ياشانغان. بەئزى تەتقىقاتچىلار، يېزىق جىنايىتى ۋە مانجۇلارنى ئۇلۇغلاش سىياسىتى قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ دەۋىردە مەدەنىيەت ھەقيقى مەنىدە گۈللىنىشتىن يوقسۇل قالغان.

چىڭ سۇلالىسى نۇپۇسى جۇڭگو تارىخىدا ئەڭ يوقرى پەللىگە چىققان دۆلەت، GDP ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا مىقياسقدا جۇڭگو يېقىنقى 3000 يىللىق تارىخدا ئەڭ يوقرى سەۋىيەگە چىققان، ئىنگىلىز ئىقتىسادشۇناس ئانگۇس مەددىسۇن (Angus Maddison) نىڭ تەتقىقاتىچە، 1820- يىلى چىڭ سۇلالىسى GDP سى 228.6 مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ، دۇنيا GDP سىنىڭ 32،9%نى ئىگىلىگەن، كىشى بېشى GDP 600 دوللار بولغان. ئەۇ ۋاقىتلاردا بىرىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچەرگەن ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ كشىى بېشى GDP سى 1706 دوللار ئىدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتىچە جۇڭگو تارىخىدا ئىقتىسادى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىر بولسا سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدۇر. GDP ئۇمۇمىي قىممىتى 26.65 مىلىيارد دوللار بولۇپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 22.7% سىنى ئىگىلىگەن. سۇڭ دەۋرى كىشى بېشى GDP قىممىتى 450 دوللار بولغان، ئەرەب ئابباسىي خەلىپىلىكىنىڭ GDP سىدىن تۆۋەن بولغان (621دوللار)؛ بۇ ئىككى ئەل غەربىي ياۋروپادىن باي ئىدى (427 دوللار).

ئەپيۇن ئۇرىشى بىلەن جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى باشلىدى.

باشقىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

خىتاي تارىخى
قۇرۇلغان ۋاقىت مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەر
مىلادتىن بۇرۇن: شيا سۇلالىسى|شاڭ سۇلالىسى|جۇ سۇلالىسى|چىن سۇلالىسى|غەربىي خەن سۇلالىسى
م. 0-499: شىن سۇلالىسى|شەرقىي خەن سۇلالىسى|ئۈچ پادىشاھلىق|جىن سۇلالىسى|ۋېي سۇلالىسى
م. 500-999: سۈي سۇلالىسى | تاڭ سۇلالىسى|شىمالىي سوڭ سۇلالىسى
م. 1000-1499: ئالتۇن سۇلالىسى|تاڭغۇت سۇلالىسى | جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى
موڭغۇل ئىمپېرىيىسى |يۈەن سۇلالىسى| مىڭ سۇلالىسى
م. 1500-1999: چىڭ سۇلالىسى|جۇڭخۇا مىنگو
باشقىلار: چىڭگىزخان-تارىخى فىلم

باشقا ماقالەلەر تەھرىرلەش

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بەگ تۆرىلەر