ھاجەر، ئاجەر ھەم دېيىلىدۇ. (ئەرەبچە: هاجر، ئىبرانىيچە: הָגָר \ھاگار)، ئىسلام ۋە يەھۇدى مەنبئەلەردە ھاجەر، ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئىككىنچى خانىمى، ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئېرۇر. ئىسلام مەنبئەلىرىگە كۆرە مىسىر ڧىرئەۋىنلىرىدىن بولمىش سەنان بىن ئۇلۋاننىڭ ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ خاتۇنى سارەگە ھەدىيە قىلغان ئېفىئوپىيەلىك بىر دېدەكتۇر. ھەزرىتى ئىبراھىم، تۇغمىغان ئايالى سارەنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھاجەرگە ئۆيلىنىدۇ ۋە بۇ نىكاھتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرىنى توشىغۇچى ئىسمائىل دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ ۋەجدىن سارە ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ھاجەرنى قىزغىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىلاھىي ئەمر بىرلە ھاجەر ۋە ئىسمائىلنى ئۇ ۋاقىتلار ھېچكىم بولمىغان مەككە ۋادىسىگە ئەكىلىپ قويىدۇ. ھاجەر اللەنىڭ ياردىمى بىرلە قىيىنچىلىقلارغا كۆرەك كېرىپ ئوغلىنى چوڭ قىلىدۇ. كىتابى مۇقەددەستە بولسا ھاجەرنىڭ ھەنۇز ھامىلەدار ۋاقتىدا سارەنىڭ زۇلمىدىن قاچقانلىقى، ئەمما تەڭرىنىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. تەكۋىنگە كۆرە ھاجەر كېيىنچە يەرلەشكەن يەر بەەرشەبا چۆلىدۇر.

دېدەك بولىشىقا قارىماي ھاجەر، مۇھتەھكەم ئىمانى بىلەن تېخى ئىسلامدىن بۇرۇنلا ئاقسۆڭەكلىك سېموۋۇلى ھالىغا كەلگەن. ھاجەرنىڭ يېمەك - ئىچمىكى تۈگىشى بىلەن يىغلاشقا باشلىغان ئىسمائىلغا سۇ تاپماق ئۈچۈن يېڭىلاردىكى ئىككى تۆپە (ساڧا ۋە مەرۋە) ئارىسىدىكى يۈگرىشىنىڭ مۇئمىنلەر تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىنىشى ئىسلامدا ھەج ئىبادىتىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر. زەمزەم سۈيىمۇ ھاجەر ئانا بىلەن ئوغلى ئىسمائىلغا بېغىشلانغان ۋە ئۇ كۈندىن ئىتىبارەن ئەسلا قۇرىمىغان بىر ھەدىيە دەپ قارىلىدۇ. زەمزەمنىڭ چىقىشى بىلەن مەككە بىر ئولتۇراق رايونغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ئىسلام ئىتىقادىچە كېيىنچە مەككەگە قايتا كەلگەن ھەزرىتى ئىبراھىم بۇ يەردە ئىسمائىل بىلەن بىللە كەئبەنى قۇرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ئىسمائىل، قوشنىلىرى جۇرھۇم قەبىلىسىدىن ئاۋۋال مۇدادنىڭ قىزى سەييىدە، كېيىنچە ئامرنىڭ قىزى را بىلەن توي قىلىدۇ. بۇ نىكاھلاردىن توغۇلغان 12 ئوغۇل، مەككە ئەتراڧىنى تولدۇرغان ئەرەبلەرنىڭ ئەجدادى (يەھۇدىلەر بولسا ئىسمائىلنىڭ پەلەستىننىڭ جەنۇبىدىكى بەدەۋىي خەلقلەرنىڭ ئەجدادى) دەپ قارىلىدۇ. ھەزرىتى ھەجەر بۇ ۋەجدىن ئەرابى مۇستەرىبە دەپ ئاتالغان بۇ ئەرەبلەرنىڭ بۈيۈك ئانىسى سانىلىدۇ.

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاجەر ئانا ئۈچۈن ئەرەبلەرگە: ''مانا بۇ ئايال سىلەرنىڭ ئاناڭلاردۇر'' دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

ھەجەر ئانا كەئبە ئىچىدە ھىجر، خەتىم ياكى ھازىرە دېيىلىدىغان بۆلۈمدە دەڧن قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ.

ئۇزۇن ئېتەك كىيىشنىڭمۇ ھەجەر ئانىدىن باشلانغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.