ئالتايلار- ئالتاي تىللىق مىللەتلەر

ئالتايلار - ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە چېگرىلىنىدىغان ئۈچ بۇرجەك تاغلىق رايونغا جايلاشقان رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر تۈركى مىللەت بولۇپ 2002-يىلى ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدىكى 200مىڭ نوپۇسنىڭ 62مىڭىنى تەشكىل قىلغاندىن سىرت ئالتاي ئوبلاستىدا 2مىڭ، كېمېروۋ ئوبلاستىدا 500 قالغانلىرى روسىيەنىڭ باشقا شەھەر ۋە جۇمھۇرىيەتلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ جەمئى نوپۇسى 67مىڭ.

ئالتاي تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى، تۈركى تىللار ئائىلىسى، شىمالى تىل تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، سلاۋىيان يېزىقى قوللىنىدۇ. ئالتاي كىشىلىرىنىڭ 85%ئانا تىلىنى ئىشىلىتەلەيدۇ.

رۇسىيىدە نەشىر قىلىنغان «رۇسىيە بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى»دىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئالتايلار ئۆزلىرىنى «ئالتاي كىجى» دەپ ئاتىشىدۇ. «ئالتاي كىجى» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدىكى «ئالتاي كىشى » دېگەنلىك بولىدۇ.

ئالتايلار ناھايىتى كۆپ ساندىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى قەبىلىلەر قاتارىدا قەدىمكى ئۇيغۇر، قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىم ناملىرى ساقلىنىپ قالغان. ئالتايلار جەنۇب ۋە شىمالىي قەبىلىلەردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىمالى گۇرۇپپىسىغا تۇبالار، چېلكانلار، ئاققۇلار، قۇماندلار قاتارلىق قەبىلىلەر كىرگەن بولسا، جەنۇبى گۇرۇپپىسىغا ئالتاي كىشى ۋە تېلېنگىتلار كىرىدۇ. ئالتاي تىلى تۈركىي تىللارنىڭ قىپچاق گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي دىئالېكىتلارغا بۆلۈنگەن. ئالتايلارنىڭ جەنۇبىي گۇرۇپپىسى بولغان »ئالتاي كىشى« ۋە تېلېنگىتلار سان جەھەتتە ئالتايلارنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىگىلىگەن بولغاچقا 1923-يىلى سوۋېت رۇسىيىسى ئالتايلارنىڭ ئەدەبىي تىلىنى بېكىتكەندە ئالتاي كىشى بىلەن تېلېنگىت قەبىلىسىنىڭ تىلىنى ئەدەبىي تىل قىلىپ بېكىتكەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئالتايلار مەزكۇر دىئالېكىتنى ئەدەبىي تىل قىلىپ، بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان مەنىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى.

رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئالتايلارنىڭ بۈگۈنكى جەنۇبىي قەبىلىلىرى يەنى ئالتاي كىشى بىلەن تەلېنگىتلار ئەسلىدە قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى، قىماق-قىپچاقلار، يېنىسەي قىرغىزلىرى ۋە ئوغۇزلار ھەم باشقىلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولسا، شىمالى قەبىلىلىرى قەدىمكى سىبىرىيە ئاھالىلىرى ھېسابلانغان سامودىنلار، كېتلار ۋە ئۇگورلار ئاساسىدا پەيدا بولغان ھەم شەكىللەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپا قەبىلىلەر يۇغۇرۇلۇپ، ئورتاق ئالتاي مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەرىپىدىن مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشقا ئېرىشكەن.

تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار، غەربىي تۇۋالار، خاكاسلار، كاۋكازىيىدىكى بالقارلار، قاراچايلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزلارنىڭ تىللىرى ئالتاي تىلىغا ئەڭ يېقىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەن، 1990-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا دوكتۇرلۇق ئۈچۈن ئوقۇغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات پراكتىكىلىرى بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا ئالتايلىق ئالىملار بىلەن ياخشى دوستلۇق ئورناتقان ئىدىم. ناھايىتى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بۇ خەلق گەرچە سان جەھەتتە ئاز بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئالىملار يېتىشىپ چىققان ئىكەن. مېنىڭ يېقىن كەسىپداش-ساۋاقداشلىرىم ھېسابلىنىدىغان ئالتايلىقلار مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماڭا باشقىچە ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقان، مەن بىلەن رۇس تىلىنى تاشلاپ، ئۆز ئانا تىلى-ئالتاي تىلىدا سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئالتاي تىلىنىڭ يېقىنلىقىنى، قىسقىسى ئالتايلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن ئېتنىك باغلىنىشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان ئىدى. ئۇلار ماڭا ئالتايلار ئىچىدە ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان قەبىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ رىۋايەت ۋە ئەپسانىلىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقىنى، بەلكى ئالتاي خەلق داستانلىرى، رىۋايەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر رىۋايەتلىرى ھەم داستانلىرى ھەتتا بەزى ئېتنوگرافىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا، بۇ ئىككى خەلقنىڭ ناھايىتى كۆپ ئورتاقلىقىنى تېپىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.

ئالتايلار كىملەر؟

جەنۇبىي ئالتايلارنىڭ يەنى ئالتاي كىشى ۋە تېلېنگىتلارنىڭ ئېتنىك يادروسى كۆك تۈرك قاغانلىقى( 552-744)، ئۇيغۇر قاغانلىقى( 645-680، 744-840) قاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنى قۇرغان قەدىمكى تېلې ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغانلىقى ئېھتىماللىققا يېقىن بولۇپ، كېيىن بۇلار موڭغۇل قەبىلىلىرى بىلەن ئارىلاشقان.

19-ئەسىردىكى ئاتاقلىق رۇس تۈركولوگى ۋ. ۋ رادلوۋ ئالتايلارنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالتاي كىشى ۋە چۇئى كىشى دېگەن تارماققا ئايرىغان. ۋ. ۋ رادلوۋنىڭ توپلىغان قەبىلە ناملىرىغا قارىغاندا ئالتايلارنىڭ تەركىبىدە قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە قەدىمكى تېلې قەبىلىلىرى ھەم موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بەزىلىرىمۇ ساقلانغان بولۇپ، ئالىملار ئالتاي قەبىلىلىرى ئىچىدىكى تۆلۆس ۋە تېلەنگىت دېگەن ناملارنىڭ جۇڭگو تارىخنامىلىرىدا خاتىرلەنگەن »تېلې« دېگەن نامغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. پوتاپوۋ قاتارلىق رۇس ئالىملىرى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى تەلە نامىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ۋاقىتقىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئالتايلارنىڭ ئەشۇ تېلېنگىت ئېتنىك نامى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى كېسىپ ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئارخېئولىگىيىلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسى يىراق قەدىمكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ئىنسانلار ياشىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئالتاي رايونى مىلادىدىن ئىلگىرى ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. بۇ جايدا ھۇن قەبىلىلىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان. ئالتاي زېمىنى مىلادى 2-5-ئەسىرلەردە سىيانپىلارنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگەن . 6-ئەسىردە بولسا تۈرك قاغانلىقى ئالتاي رايونىنى ئۆز دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولسا، 8-ئەسىردە ئۇيغۇر قاغانلىقى تىكلەنگەندىن كېيىن ئالتاي رايونىدا ئۇيغۇر قاغانلىقى ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە ئالتاي رايونىدىكى قەبىلىلەر مەزكۇر خاندانلىقنىڭ تەۋەسىدە بولغان. ئالتاي كۆك تۇرك قاغانلىقى ھەم ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرلىرىدە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ كۆچمەنلىك ھەم شەھەر ھاياتىدا ياشىغان رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ،

رۇسىيە ئارخېئولوگلىرى ئالتاي رايونىدىن ئۇيغۇر قاغانلىقىغا تەۋە شەھەر خارابىلىرى ۋە ئارخېئولوگىيلىك قېزىلما بۇيۇملىرى ھەم قەدىمكى تۇرك ۋە ئۇيغۇر دەۋرىگە تەۋە تۈرك-رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان تاش پۈتۈكلەرنى تاپقان ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە 8-ئەسىردە ئالتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىكەن. ئاتاقلىق رۇسىيە ئالىمى، مېنىڭ ئىلمىي ئۇستازىم دوكتور دمىترىي ۋاسىلىيېۋ ئەپەندى ئالتاي رايونىدىن ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى مەزگىلىگە تەۋە شەھەر خارابىلىرىنى ھەمدە بىر قىسىم تاش پۈتۈكلەرنى تېپىپ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئالتايشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشىچە، قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلىمۇ بۇ رايوندا پەيدا بولغان بولغان. قەدىمكى تۈرك تىلىدىن كورىيە تىلى، ياپون تىلى، تونگۇس-مانجۇ تىللىرى ھەم تۈرك-موڭغول تىللىرى ئايرىلىپ چىقىپ، بارا-بارا ھازىرقى زامان ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تونگۇس-مانجۇ تىللىرى، موڭغۇل تىللىرى، تۈركىي تىللار ھەم ياپون ۋە كورىيە تىللىرى بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى.

ئومۇمەن، ئالتايشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا تايانغاندا ؛ئالتاي ھازىرقى زاماندىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ دەسلەپكى ۋەتىنى بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر ئالتاي تاغلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا پەيدا بولغان، شەكىللەنگەن ھەم راۋاجلانغان.

ئالتايلارنىڭ مىللى ئەنئەنىلىرىمۇ خېلى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، مىللى تىل، مىللى فولكلور تېخىمۇ داغدام راۋاجلىنىش يولىغا ماڭغان . بۇ جۇمھۇرىيەتتە فولكلورنى ئاساس قىلغان نەچچە ئونلىغان سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ۋە دۆلەتلىك تىياتىرلار ئالتايلارنىڭ مول سەنئەت بايلىقىنى نامايان قىلىدۇ.

ئالتايلار ئېغىز ئەدەبىيات ئۈلگىلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق داستانلىرى، تۈرلۈك رىۋايەت ھەم ئەپسانىلىرى ئېغىز ئارقىلىق ئېيتىلىپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا داۋاملاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى »ئۇماي ئانا«، «ئوت ئوچاقىنىڭ بايانى«، »ئالتۇن كۆل« قاتارلىق رىۋايەتلەر، قەھرىمانلىق داستانلىرىدىن »باگاتۇر قاتۇن«، » بىيا ۋە قاتۇن« قاتارلىقلاردۇر.

ئالتاي خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ئۈلگىلىرى قەدىمىيلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، مەدەنىي، ئىجتىماي ۋە قەبىلە-ئۇرۇقداشلىق ئادەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئەكىس ئەتكەن.

بۇ جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت گورنا ئالتاي دۆلەت ئۇنىۋەرسىتېتى بولۇپ، 5مىڭغا يېقىن ئوغۇچى، 400دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سىستېمىلاشقان پەن تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرىمۇ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئالتايلار ئىچىدىن كۆپلىگەن پەن دوكتورلىرى، پروفېسسورلار، سەنئەت ئەربابلىرى ھەم يازغۇچىلار يېتىشىپ چىققان.