ئالقات مۇرابباسى

ئالقات مۇرابباسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى: ياخشى پىشقان ئالقات داس ياكى چېلەككە تۆكۈلگەندىن كېيىن، داستىخان بىلەن ئىككى كۈن يۆگەپ، دۈملەپ قويۇلسا، ئالقات يۇمشايدۇ، يۇمشىغان ئالقات سىقىپ سۈيى چىقىرىلىدۇ، ئاندىن ئالقات سۈيى داكىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.تازىلانغان ئالقات سۈيىنىڭ ھەر ئۈچ جىڭىغا بىر جىڭ شېكەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ، داس ياكى چېلەكنىڭ يۈزى پۇختا يۆگىلىپ ئاپتاپتا قويىلىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن چۆمۈچ بىلەن قوچۇپ تۇرۇلىدۇ.50 كۈندىن كېيىن مۇراببا تەييار بولىدۇ. 2-خىل ئۇسۇل:سىقىپ چىقىرىلغان ئالقات سۈيى قازانغا قۇيۇلۇپ يېرىم سائەت قاينىغاندىن كېيىن، ئۈچ جىڭ ئالقات سۈيىگە بىر جىڭ شېكەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ يېرىم سائەت قاينىتىپ، سەل-پەل قىيام قىلىپ ئىشلتىشكە بولىدۇ.