ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ

ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ (بوشناقچە: Alija İzetbegović تەلەپپۇزى: alija izɛtbɛɡɔʋitɕ) (; تو. 1925- 8- ئاۋغۇست - ئۆ. 2003- 19- ئۆكتەبر), بوسنىيە دۆلەت ئەربابە ۋە مۇستەقىل بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنانىڭ تۇنجى جۇمھۇررەئىسى.

توغۇلىشى ۋە يېتىشپ چىقىشى تەھرىرلەش

ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ، 1925- يىلى بۇگۈنكى بوسنىيە ھېرسېگوۋىنانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بوسناسكى شاماس (Bosanski Šamac) بازىرىدا دىندار بىر ئائىلىدە توغۇلغان. لېكىن ئىززەتبېگوۋىچ، مۇسۇلمانلارنى ياۋروپاغا كەلگۈندى دەپ قارايدۇرغان بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان. سارايۋۇدا بىر گېرمان تولۇق ئوتتۇرىدا تەھسىل ئالدى. بىلىمخۇمار ۋە ئىنتىزامچان تىرىشقاق بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ تونۇلدى.

تولۇق ئوتتۇرا چاغدا يۇقىرى قابىلىيىتى ۋە ئىسلامىي تېمىلارغا بولغان قىزىقىشى بىلەن كۆرگە كۆرۈندى. ئۇ ۋاقىتتا بەئزى دوستلىرى بىلەن بىرگە دىنىي تېمىلاردا مۇنازىرە قىلىشىش ئۈچۈن ئەمدىلا 16 ياش ۋاقتىدا Mladi Muslimani (مۇسۇلمان ياشلار كۇلۇبى) نامىدا بىر كۇلۇب قۇردى. ياش بولىشىغا قارىماي ناھايىتى پائالىيەتچان ۋە يېڭىلىق يارىتىش رۇھىغا ئىگە بىرى ئىكەنلىكى دىققەت تارتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ قۇرغانكۇلۇب بىر ئىدىيە كۇلۇبىدىن پائالىيەت كۇلۇبىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە مەدەنىي ئاقارتىش ۋە خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلىشقا باشلىدى. شۇنداقلا ياش قىزلار ئۈچۈنمۇ ئايرىم بىر ئىتتىپاق قۇرغانىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدىمۇ ياردەمگە مۇھتاجلارغا قول سۇندى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى تەھرىرلەش

ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ قۇرغان مۇسۇلمان ياشلار كۇلۇبى ناھايىتى مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا پائالىيەتلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر تەشكىلات ھالىغا كەلدى. لېكىن بۇ ئۇرۇش مابەينىدە پۈتۈن يوگۇسلاۋىيە، گېرمانىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا قالدى. بۇ ئۇرۇش ئەسناسىدا سىرپ چەتنىكلەر گېرمان ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ بوسنىيەدە 100.000 مۇسۇلماننى قەتل قىلىشتى.[1]

كوممۇنىست رېجىم تەھرىرلەش

1946- يىلى 13- يانۋاردا يوگوسلاۋىيە قايتا مۇستەقىللىقىغا قاۋۇشتى. ئېلىكن بۇ مۇستەقىللىق ھەركىتىدە كۇمپارتىيە تەرەپدارلىرى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدىن مۇستەقىللىقتىن سوڭرە دۆلەت ئىدارىسىنى قولغا كرگۈزدىلەر. دۆلەت ئۆزىنىڭ رەسمىي ئورنىنى ڧېدراتىپ جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى دەپ بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن يوگوسلاۋىيە 6 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ۋە ئىككى ئاپتونوم رايوندىن تەشكىل تاپىقان. بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى ئىسە بوسنىيە ھېرسېگوۋىنا ئىدى.

كۇمپارتىيەنىڭ دۆلەتنى قولغا ئېلىشى بىلەن بىرگە دىنلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەۋجۇتلىقى بارا بارا ئازايدى. ئىززەتبېگوۋىچ سىياسىي ئىسلام تەرەپدارى بولغاچقا ۋە ئاتېزىمغا قارشى بولغانلىقى بائىس كوممۇنىست باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەو مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ سەبەبتىن 1949- يىلى ئىسلامچىلىق جىنايىتى بىلەن ھەپسكە تاشلىنىپ 5 يىل ياتقان.

ئىززەتبېگوۋىچنىڭ جاپالىق كۈنلىرى 1953- يىلى ھۇقۇقنى قولغا ئالغان تىتو زامانىسىدا تېخىمۇ ئارتتى. بۇ ۋاقىتتا دۆلەت تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن ھاسان دۇزۇ بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ئۇ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇپ پائالىيەتلىرىنى ئاتقارغان.

تىتونىڭ 1974- يىلى يېڭى بىر ئاساسىي قانۇن تەييارلىشى بىلەن مەركەز دىنگە قارىتا بېسىمنى يېنىكلەتىپ بەئزى ئەنئەنىۋىي ئىسلامىي قۇرۇملارنىڭ يېڭىدىن يولغا تىكلىنىشگە يول قويۇلدى. بۇ يۇمشاشنىڭ نەتىجىسىدە بەئزى جامئە ۋە مەدرىسلەر يېڭىدىن ئاچىلدى. كىچىك كۆلەمدە بولسىمۇ بۇ يۇمشاش نەتىجىسىدە ئىسلامىي قۇرۇملارنىڭ قايتا جانلىنىشى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تېز سۈرەتتە بىر ئىسلامىي مۇرەسسەگە زېمىن ھازىرلاندى.

ئىززەتبېگوۋىچنىڭ ئىسلام ئىسپاتى تەھرىرلەش

1980 دە تىتو ئۆلۈپ، ڧېدراتىسىيە دۆلەت رەئىسلىكى مەسىلىسىدە بىر كېلىشمەسلىك توغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالتە ڧېدراتىپ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەر بىرىنىڭ جۇمھۇررەئىسىنىڭ نۆۋەت بىلەن بىر يىل ڧېدراتسىيە رەئىسى بولۇشى ھەققىدە كېلىشىلدى. بۇ يېڭىلىق بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدە قىسمەن بىر دېموكراتلىشىش باشقۇچىغا كىردى. چۈنكى ڧېدراتىپ ئۆلكىلەردە ھاكىمىيەتكە ئۆتمەكچى بولغانلار سىياسىي پارتىيلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ڧائالىيەت ئېلىپ بارالايىتتى. بۇنىڭغا باغلىنىشلىق ئەركىنلىك جەھەتتىمۇ بىر راھەتلىك مەيدانغا كەلدى. ئىززەتبېگوۋىچنىڭ ئوغلى بۇ مۇھىتتىن پايدىلىنىپ دادىسىنىڭ ماقالىلىرىنى بىر كىتابقا يىغىنچاقلاپ، 1983- يىلى "ئىسلامى ئىسپات" نامىدا ئېلان قىلدى. ئىززەتبېگوۋىچنىڭ بۇرۇنمۇ، 1970 تە ھەم بۇ نام بىلەن بىر كىتابى ئېلان قىلىنغانىدى. 1983 تە مەزكۇر كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. ھاكىمىيەت بۇنىڭغا چىدىماي ئىززەتبېگوۋىچنى ياۋروپانىڭ كىندىكىدە رادىكال ئىسلامىي بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى ۋە تۇتقۇن قىلدى. ئىززەتبېگوۋىچ، سوتقا چىقىرىلىپ "مەۋجۇد ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە بوسنىيە - ھېرسېگوۋىنانى ئىسلامىي دۆلەتكە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىش" بىلەن قارىلاندى ۋە ھۆكۈمدىن كېيىن 14 يىل جازاغا مەھكۇم قىلىندى. ئەمما بۇ مەھكۇمىيەت ئۇنىڭ كىتابىنىڭ پۈتۈن بوسنىيەگە تونۇلىشى ۋە تەئسىرىنى كۆرسىتىشكە مۇيەسسەر قىلدى. مۇسۇلمانلار نۇرغۇن يوللار بىلەن ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابىغا ئېرىشىشقا تىرىشاتتى. كىتابنىڭ مۇئەللىڧىنىڭ بۇ كىتاب يۈزىسىدىن ھەپىستە بولىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ رۇھىيىتىگە بولغان تەئسىرىنىڭ تېخىمۇ ئارتىشىغا تۈرتكە بولدى.

زىندان يىللارى تەھرىرلەش

ئەدلىيە قارارى بىلەن كېيىنچە مەھكۇمىيەت مۇددىتى 11 يىلغا تۈشۈرۈلدى. 1988 دە چىققان بىر ئەپۇ بىلەن ئازاد قىلىندى.

بەش يىللىق زىندان ھاياتى (1983-1988) ئىززەتبېگوۋىچنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەئسىر كۆرسەتتى. زىنداندا ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا، بۇرۇن ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىرلەردىن پايدىلىنىشقا نۇرغۇن پۇرسەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىم بىر ئىدىيە ئەسىرىدىن سەبەب ھەبىسكە تاشلىنىشى، ئۇنىڭ ئىدىيىسنىڭ ئەتراپتا تېخىمۇ بەك يېيىلىشىغا سەبەب بولدى. شۇنداقلا ئۇ ھەبىستە ياتقان ۋاقتىدا يىللارچە ۋاقت سەرىپ قىلغان "مەشرىق ۋە مەغرىب ئارىسىدا ئىسلام" ئاتلىق مەشھۇر كىتابى ئېلان قىلىندى. بۇ كىتابىنى بىر دوستى نەشر قىلدى ۋە قىسقىغىنا بىر ۋاقت ئىچىدە نۇرغۇن ئوقۇرمەنگە ئۇلاشتى ۋە بۈيۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئىززەتبېگوۋىچ، بۇ كىتابى بىلەن ئىسلامنى ئاددىي ۋە مېغىزلىق بىر شەكىلدە يېتىشمەكتە بولغان نەسىللەرگە ئەملەشنى مەقسەد قىلغانىدى.

سىياسىي كۈرەش تەھرىرلەش

 
ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ 1997- يىلىدىكى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى زىيارىتى

ئىززەتبېگوۋىچ، تۆرمىدىن چىققىنىدا دۇنيادا كوممۇنىست رىجىملار چۆكۈش دەۋرىگە كىرگەنىدى. يۇگوسلاۋىيەدە ھەم كونا ڧېدراتىۋ قۇرۇلمىنىڭ قوغدىلىشى بەك مۇھىم دەپ قارالمايتتى. بۇنىڭ ئورنىغا مۇستەقىللىق تەرەڧتارى كۆز قاراشلار تەئسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانىدى. شۇنداقلا ھەر ئۆلكىدىكى ھۆكۈمەت باشلىقلىقى ھەققىدىكى سىياسىي مۇسابىقىلەر باشلىغانىدى. ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ ھەم بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتىدە دېموكراتىك پائالىيەت پارتىيىسى (SDA) ئاتلىق بىر سىياسى پارتىيە قۇردى. بۇ پارتىيە بوسنىيەدە 1990- يىلى 5- دېكابردا ئېلىپ بېرىلغان ئۇمۇمىي خەلق سايلىمىدا قازانىپ ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ جۇمھۇررەئىسى بولدى. بۇ سايلام SDA كىرگەن تۇنجى سايلام بولۇشىغا قارىماي بۈيۈك بىر غەلبىگە ئىمزا ئاتتى ۋە جۇمھۇررەئىسلىكنى قازىنىش بىلەن بىرگە پارلامېنتتىمۇ 86 ئورۇندۇقنى قولغا كەلتۈردى. كېسەللىكى يۈزىسىدىن 1996- يىلى 14- مارتتا رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر قالدى.

مۇستەقىللىق دەۋرى تەھرىرلەش

 
سارايۋۇ (19.3.1996)

1990- يىللارغا كەلگەندە يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك ڧېدراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئىچىدە بىر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى باش كۆرسەتتى. ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەر ئارقى ئارقىدىن مۇستەقىللىقلىرىنى ئېلان قىلماقتا ياكى بۇنىڭغا ئوخشاش مەيلىنى بىلدۈردى. بوسنىيەدە 1992- يىلى 1- مارتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۇمۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. چۈنكى ئېلىپ بېرىلغان ئاۋاز بېرىشتە خەلقنىڭ % 62,8 ى مۇستەقىللىقنى تاللىغانىدى. لېكىن سىربلار ئارقىدىنلا بوسنىيە ھېرسېگوۋىنا ھۆكۈمىتىدە تۇلۇق ھوقۇقلۇق بولغان مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ يېڭى بىر قەتلىئام ھەركىتى باشلاتتىلار. كرودىيە ۋە سلوۋېنىيەنىڭ مۇستەقىللىق مۇجادىلەسىگە ياردەم بەرگەن ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئا ق ش بولسا بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنانى سىرب ھۇجۇملىرى قارشىسىدا يالغۇز تاشلاپ قويدى. بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا مۇسۇلمانلىرىنى ئەڭ زور ئەھۋالدا قويغان بولسام ياۋروپانىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئوردۇسى يوگۇسلاۋىيە ڧېدرال ئوردۇسىنىڭ سىرپ چەتنىكلىرى بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىشى، ئۇلارغا دەستەك بېرىشى ئىدى. مۇسۇلمانلار بولسا ھېچبىر ئەسكىرىي دەستەكتىن يوقسۇل ۋە قۇرال - ياراغ تەرەپتىن بەك زائىڧ ئىدىلەر. نەتىجىدە سىرپلار بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنانىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدى. بۇ ئىشغال ھەركىتى بىر مىليونغا يېقىن مۇسۇلماننى كۆچكە زورلىدى. سىرپلار ئىشغال قىلغان يەرلەردە ھەم قەتلىئام ھەمدە ئۆرۈپ - بوزغانىدى. بولۇپمۇ جامئە - مەسجىدلەر ۋە ئىسلامى ئىزلار بولغان تارىخى ئەسەرلەرنى ئۆرۈشكە كۆڭۈل بولگەنىدى.

بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئوخشىمىغان كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشلەر ۋە سالاچىلىق تىرىشچانلىقلىرىمۇ بىر نەتىجە بەرمىدى. 1994 نىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنادىكى ئىچكى ئۇرۇش ئالغان جان 250 مىڭدىن، كۆچۈشكە مەجبۇر بولمىش ئادەملەر 1 مىلىيوندىن ئاشقانىدى.

بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇررەئىسى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ ئىنتايىن چوڭ ئەسكەرىي كۈچ ۋە ئىمكانىيەتكە مالىك بولغان سىرپلار بىلەن، ھەر تۈرلۈك ئەسكىرى ئىمكاندىن يوقسۇل ۋە ھىچبىر تاشقى ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا خەلقىنى قارشى قارشىغا كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن ئاۋۋاللىرى ئىنتايىن تەمكىن بىر سىياسەت يۈگۈزگەن.

دايتون كېلىشىمى تەھرىرلەش

 
سولدىن مىلوشېۋىچ، ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ ۋە ڧرانيو تۇدمان پارىژدا دايتون كېلىشىمىنى ئىمزالىماقتا. 1995- يىلى 14- دېكابر
 
ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ سارايۋۇدىكى خاتىرە قەبرى

بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىركىشىشلىرىگە مۇسۇلمان خەلقلەر گۇرۇپپىسى ئىگە چىقتى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇختەلىپ رايونلىرىدىن ياش تىركەشكۈچىلەر قەتلىئامغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ مەملىكەتكە كەلدى. تىركىشىش ۋە ئۇرۇش ئەينى زاماندا بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئىسلامىي ئاڭ تۇيغۇسىنىڭ ئارتتۇردى. لېكىن ھۆكۈمەت بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا مۇسۇلمانلىرىنى يالغۇز قالدۇردى. قەتلىئامنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىغا كىرگەندە ھەم سىرپلارنىڭ ئىستەكلىرىنى قەبۇل قىلىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا بېسىم ئىشلەتتى. مانا بۇ قاتارلىق سىياسىي بېسىم ۋە تەڭسىز ئۇرۇش مۇھىتى قارشىسىدا ئىززەتبېگوۋىچ، ئالدىغا قويۇلغان كېلىشىمنى قەبۇل قىلغان. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ دەۋام قىلىشى بوسنىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەقىيقى قەتلىئامغا دۇچ كېلىش مۇمكىنچىلىكىگە سەبەب بولۇپ قېلىشىنى ئۇيلىغانىدى. نەتىجىدە 1995 تە .ا ق ش تەرىپىدىن مەجبورلانغان دايتون كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىشى بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. كېلىشىم بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا زېمىنىنىڭ 51% ىنى مۇسۇلمانلارغا ۋە خرىستىيان كرودلارغا، 49% نىڭ بولسا بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا سىرپلىرىغا (ياكى بۇ دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان سىرپلارغا) بېرىلگەنىدى. ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ ئۈچ خەلق ئارىسىدا ئۆلۈشىلىشىنى شەرت قوشقانىدى. كېلىشىم بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتىلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارغا قوللىرىدىكى قۇراللارنى يوقىتىشى ۋە ئا ق ش پاتېنتلىق قۇراللارنى، قوشۇمچە پارچىسىز بىر شەكىلدە سېتىۋېلىشنى شەرت قوشتى.

بەزى ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

  • ئىسلام ئىسپاتى
  • ئىسلام دېكلاراسيونى ۋە ئىسلامىي قايتا توغۇلۇشتىكى قېيىنچىلىقلار
  • مەشرق ۋە مەغرىب ئاراسىدا ئىسلام
  • تارىخقا شاھىدلىكىم

مەنبە تەھرىرلەش

تاشقى ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش

  1. "II. Bölüm - "II: Dünya Savaşı ve Tito Yugoslavya'sı"". Archived from the original on 2011-10-31. Retrieved 2016-10-19.