ئالىي مائارىپ تەتقىقاتى

ئالىي مائارىپ ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلمىي ژۇرنال. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلغنا. ئاساسلىق دۆلەت ئىچىدىكى قېرىنداش ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئىلمىي ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. پەسىللىك ژۇرنال بولۇپ، خەنزۇچە نەشرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ساندا 800 پارچە تارقىتىلىدۇ. بۇ ژۇرنال 1985 - يىلى 6 - ئايدا ئالىي مائارىپ تەتقىقاتى غا ئۆزگەرتىلدى. بۇ ژۇرنالنى تەسىس قىلىشتىكى تۈپ مەقسەت: مائارىپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئاساسلىق سەھىپىلىرىدىن: ئوقۇ - ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلى، مائارىپ تەرەققىيات ستراتىگىيىسى ۋە پىلانى، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار بار. 1998 - يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ھەرخىل تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىدىن 1200 پارچىدىن ئارتۇقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پارچە ماقالە دۆلەتلىك ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتىغا، بىر پارچىسى ئاپتونوم رياون دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتقا، بىر پارچىسى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن..[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش