ئامۇ دەريا (تۈركمەنچە: CeyhunAmıderya، ئۆزبېكچە: Amudaryo، ڧارسچە: آمودریاÂmudaryâتاجىكچە: Амударё، پەشتۇنچە: د آمو سيند‎؛ də Āmú Sínd) ، مەركەزىي ئاسىيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەرياسى بولۇپ، جەيھۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تارىختا لاتىنلەرچە ئوكسۇس (Oxus) دەپ ئاتالغان دەريادۇر. شەرقتە ۋاخان دەرياسى ۋە پەنجاب دەرياسىدىن ئوزۇقلىنىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ ۋە ئاڧغانىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ھۇدۇدلىرىدىن كېچىپ ئاخىرىدا ئارال دېڭىزىغا قويىلىدۇ. قەدىمدە ئىران ۋە تۇران ئاراسىدىكى بۈيۈك چېگرا دەپ قارالغان.[1]

ئامۇ دەريا
ئامۇ دەريانىڭ تۈركمەنىستاندىن بىر كۆرۈنىشى

ئۆتىدىغان ئەللەر



ئاڧغانىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان
ئورنى
مەركەزى ئاسىيا
قوللار

-ئوڭدا
-سولدا




پەنج دەرياسى
قىزىلسۇ دەرياسى
سۇرخان دەرياسى
زەرەڧشان دەرياسى


ئۇزۇنلۇقى 2,400 كلومېتر (1,491 مىل)
ھاۋزاسى 534,739 كم2sup>2
ئېقىمى (ئوتتۇرىچە) 2,525 مېتر3/سىكونت

ئامۇ دەرياسى

شەكىللىنىشى

تەھرىرلەش

ئاڧغانىستاندا جەنۇبىي پامىردىن پامىر ۋە پەنج دەريالىرى نامى بىلەن باشلىنىدۇ. تېخىمۇ شىمالدا قىرغىزىستاندىن باشلانغان قىزىلسۇ دەرياسى تارمىقىنىڭ قوشىلىشىدىن كېيىن جەيھۇن دەپ ئاتىلىدۇ. تاجىكىستان بىلەن شەرقىي شىمالىي ئاڧغانسىتاننىڭ چىگراسى شەكىللەندۈرگەندىن سوڭرە كەڭ بىر دېلتا بىلەن ئارال كۆلىگە قويىلىدۇ. پەنج ۋە پامىر تارماقلىرىدىن ھېسابلانغاندا 1415 كلومېتر، لېكىن شەرقىي پامىردىن توغۇلغان ئەڭ ئۇزۇن قولى بولغان دەيايى ۋاھجىرنىڭ مەنبەسىدىن ھېساپلانغاندا ئۇزۇنلۇقى 2540 كىلومېترغا ئۇلىشىدۇ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش
  1. B. Spuler, Āmū Daryā, in Encyclopædia Iranica, تور ئۇلىنىش., 2009