ئامېركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
ئامېرىكىدا "مەشرەپ" ئاپتۇرى: گۇلەن مەيلى كىم بولسۇن، قايسى ئىقلىمىدا ياشىسۇن، دۇنيادايىغىلىش، سورۇنلارسىز ئىنسان ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەرس. بولۇپمۇ ئۇيغۇرغائوخشاش جامائەتچىلىك ئېڭى ئالاھىدە كۈچلۈك مىللەتلەردە ئىنساننىڭ ئۆز سورۇن، مەشرەپلىرىدىن مۇستەسنا يالغۇز-يىگانەياشىشى تەسەۋۋۇردىن تولىمۇ يىراق. 2000-يىللىرى ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپكەخىزمەتكە ماڭغىنىمدا بىر دوستۇم ”ئۇ يەردە يالغۇز زېرىكمەمسەن؟“ دېگەنتى. بۇسۇئال ماڭا بىر قارىماققا تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلدى، يەنە بىر ئويلىسام تولىمۇقىزىق. ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر يوق يەر نەچچە مىليون نوپۇسلۇق شەھەر بولۇپ كەتسىمۇ ”ئادەم يوق، زېرىكىشلىك“ بولاتتى. ئىچكىرىدە خىزمەت بىلەن يۈرۈپ خەنسۇلارنىڭسورۇنلىرىنىمۇ جىق كۆردۈم، لېكىن توختىماي گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىدىغان يېرى ياقمىدى. بۇنداق سورۇنلاردا گەپ بىلەن نەپ پاسلاشتۇرىلاتتى. سورۇن، ھاراق پەقەت ۋاستە ئېدى. مەندەكھاراق ئىچمەيدىغان، نەپنى سورۇندىن ئەمەس ھالالىقتىن ئىزدەيدىغان ئادەمگەبۇنداق ئولتۇرۇشلار تولىمۇ زېرىكىشلىك ئېدى. ئەسئەت سۇلايماننىڭ ”ئۆزلۈك ۋەكىملىك“ دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ ياۋرۇپالىقلارنىڭ سوغۇق مىجەزىگە ھەيران قالغانتىم. ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنلا كاللامدا بىر مۇزدەك جەمئىيەتنىڭ ئوبرازى ئاللىقاچانسىزىلىپ بولغان ئېدى. ئامېرىكا ھەققىدىكى باشقا يازمىلاردىن ھىس قىلغىنىم كىشىلەرنىڭ زىيادە ئالدىراشلىقتىن يىغىلىشقا چولىسى تەگمەيدىغانلىقى، خەقنىڭ ئۆيىىگە تولا بارمايدىغانلىقى ۋە خەقنىمۇ چاقىرمايدىغانلىقىى… دېگەندەك ئۇيغۇرغا تولىمۇ زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان ”رىياللىق“ ئېدى.بۇرۇن مەن پەقەت ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىلا شۇنداق ئادەمخۇماربولامدىكىن دەپ ئويلايتتىم. نەدىكىنى ئامېرىكىغا كېلىپ بىرىنجى ھەپتىسى سورۇنغا تەكلىپ قىلىندىم“مەشرەپ“ نى ئۇيۇشتۇرغۇچى مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى بىر ئائىلە بولۇپ ئارامغاچىققان ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. ”مەشرەپ“ كە چاقىرىلغانلار خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارۋە ئۇ كىشىنىڭ شۇ يەرلىك دوستلىرى ئىكەن. ئۆي ئېگىسى ئەر ئايال بىزنى ئىشىك ئالدىدا قارشىئالدى. ئىشىكتىن كىرگەندىكى مىھمانخانىغا بىر پىيانىنو، بىر قانچەساپا قويۇلغان بولۇپ مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۆينىڭ ھەر بۇلىڭىدىكى قول يەتكۈدەك يەرلەرگە قويۇلغان لاتا ”كىتاب ئىشكاپ“ لىرى بولدى. بوش يەرلەرگە تىزىلغىنى ۋە تاملارغا ئېسىلىغىنى مەن تازا بىلىپ كەتمەيدىغان رەسساملارنىڭ رەسىملىرى، بالىلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى، ئاتا ئانىسىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان گېزىتلەر، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قولىدا ياسىغان تۈرلۈك خاتىرە بويۇملىرى بولۇپ ماڭا بۇ مىھمانخانا بىر مۇزىيىدەك تەسىر بەردى. مىھمانخانا ئىچىگە ئاشخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ساھىپخان بىلەن پاراڭلاشقاچ تاماق پىشىشنى ساقلىدۇق، بەزىمىز تاماققا يارىمدەملەشتۇق. تاماق تەييار بولغاندا ھەممىمىز تاماقلارنى تاماقخانىغا تىزدۇق، ۋە ئۆچىرەت بويىچە تاماق ۋە سالاتالارنى چوڭ كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ بەزىلىرىمىز ئولتۇرۇپ، بەزىلىرىمىز مېڭىپ يۈرۈپ پاراڭلاشقاچ غىزالىنىشنى باشلىدۇق. ئامېرىكىدا بۇنداق سورۇن ئىككى خىلكەن. بىرى مۇشۇنداق ساھىپخان تاماق پۇشۇرىدىغان، مىھمانلار خالىسا يىمەكلىك ياكى ئىچىملىك كۆتۈرۈپ كېلىدىغىنى، يەنە بىرى پاتلاك دەپ ئاتىلىدىغان، ساھىپخان تاماق ئەتمەيدىغان مىھمانلار تاماقلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باشقىلار بىلەن بىللە يەيدىغىنى ئىكەن. ئاڭلىشىمچە بۇ پاتلاك دېيىلىدىغان ئولتۇرۇش ئەسلى ھىندىيانلارنىڭ ئادىتىكەن. تاماقنى ئولتۇرۇپ تېز يەپ بولغانلارغا قارىسام جوڭگۇلۇقلاركەن، يەرلىكلەر تېخى يېرىمىنىمۇ يەپ بولالماپتۇ. تاماقتىن كېيىن تاتلىق تۈرۈم ۋە ماروژنا يىيىش ئادەتكەن. بۇ يەردە ”مەشرەپ“ دېگەن مۇشۇنداق بىر ئىستاكان پىۋا ياكى كولادەك ئىچىملىكنى كۆتۈرىۋېلىپ سورۇندىكى خالىغان كىشى ياكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئىشكەن. نە ناخشا- مۇزىكا، نە دۇتتار- تەمبۇر يوقكەن. ئۇلار ئۆزلىرىچە كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان قالغان ”لەتىپە“ لەرىگە پەقەت ئەگىشىپ كۈلگەن بولۇۋالدىم، لېكىن شۇنچە ئادەتتىكى گەپلەرگە نېمىشقا قاھقاھلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم. بەلكىم چاخچاقلارنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى پەرقلىق بولغاچقا شۇنداقتۇر. مەسىلەن، بىزدىكى ”دۇنيا سىلەرنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ، چاپچال سىلەرنىڭ قومۇشى بىزنىڭ“ دېگەن لەتىپىنى ئېنگىلىزچىگە ئۆرىسە ھىچكىم كۈلمىگەندەك بىر ئىش. ساھىپخان مۇسۇلمان مىھمانلار، گۆش يىمەسلەر ئۈچۈن ئالاھىدە تاماق ھازىرلاپتۇ. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاشۇ تاماققا تىزىلغان ئۆچىرەتتە تونۇشتۇم. تايلاند، مالايسىيە، ھىندونوزىيە ۋە باشقا شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنى جەنۇپلۇق خەنسۇلاردىن ئايرىماق تەسرەككەن. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپلا كەتتىم، كاۋاپ دېگەن بۇ تاماق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىدە باركەن. ئەرەبىستانلىق ئەرەب ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇلارنىڭ مانتىنى بىزدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىم. قىزىق يېرى بىز لازىجان، ياغلازا دەپ خەنسۇچىسىنى ئىشلەتسەك ئۇلارئۇيغۇرچىسى ”ياغمۇچ“ نى ئىشلىتىدىكەن. بىز ئۆزىمىزدىكىنى ئەرەبلەرگە ئۆگىتىپ قويۇپلا ئۇيغۇرچىسنى تاشلاپ خەنسۇچىسىنى ئۆگنىۋاپتۇق. ھىندىستانلىق، بېنگاللىق، پاكىستانلىق، ئىرانلىق ۋە ئەرەبلەردە بىزدىكىگە ئوخشاش پولۇ، نان، سامبۇسا دېگەندەك يىمەكلەر باركەن. تاماقلىرىمىز، ئادەتلىرىمىز، ناخشا ئۇسسۇلىمىز ۋە چىرايىمىز ئىرانلىقلارغا بەكرەك ئوخشايدىكەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ تەپسىلى بىلىدىغانلار تۈركىي مىللەتلەردىن قالسا ياپۇنلاركەن. ماڭا تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۆزىنى جوڭگۇلۇق دېمەسلىكى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بەكرەك مايىللىقى يېڭىلىق تۇيۇلدى. جىياڭسۇلۇق بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ كۇچادا ياپۇنلۇق بولۇۋېلىپ يەرلىكلەرنىڭ ئىززىتىگە ئېرىشىشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن ئاغرىندى. مەن ياپۇنلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تەكلىماكاندا ئەخلەت تەرگەن تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپمۇ قايىل قىلالمىدىم. شۇندىن كېينكى“مەشرەپ“ لەردە باشتىن ئاياق بىر ئىش دىققىتىمنى تارتتى ئامېرىكىلىقلار ئاساسەن ئۆرە تۇرۇۋېلىپ ئىچكەچ پاراڭ سالىدىكەن. جوڭگۇلۇقلار ئاساسەن ئولتۇرۇۋېلىپ يەپ ئىچكەچ سۆزلىشىدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ئولتۇرش“ دېگەن سۆزنىڭ مەشرەپنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرگەنلىكىنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم. ماڭا سۆزدىكى ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇر سورۇنلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەيانى مۇجەسسەملەشكەندەك بىلىندى. ئەجەبا خەنسۇلارنىڭ يەپ ئىچىشنى مەزمۇن قىلغان ”ئولتۇرۇش“ لىرى بىزگە كىرىپ، ئۆزىمزىنىڭ شاتلىق، شاشلىق، شەرەندازلىققا تويۇنغان مەشرەپلىرىمىز يەپ ئىچىدىغان ”ئولتۇرۇش“ قا ئايلىنىپ قالغانمىدۇ؟ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مەشرەپتىن شەرەپ قۇچتۇق، نامىمىز ب د ت نىڭ تىزىملىكىگە پۈتۈلدى، بىزدىكى بۇ ئولتۇرۇشلاردىن كېيىنكىلەر نېمە ئۇتار؟ بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ دەپ بېرشىچە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”مەدەنىيەتلەردىن مەلۇمات“ پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ شاراپىتىدىن خېلى نام چىقىرىپ قاپتۇ، ئازاراق پۇللۇقمۇ بولۇپ قاپتۇ. پائالىيەتتە بىر شىرەگە ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتىلىك داستىخېنىنى سېلىپ، پولۇ، سامسا، قۇيماق، گوشنان قاتالىق تاماقلارنى تىزىپ كەينىدە باشقا شىتاتلاردىن يارىدەمگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن دۇتار، تەمبۇر ۋە داپنى چېلىپ ئۇيغۇرچە كىيىنىپ تۇرۇپتۇ. خەلق ناخشىلىرىدىن ئارىيە ئوقۇلغاندا ئولۇشۇۋالغان زىيارەتچىلەر نوۋەت ئۇسۇللۇق ناخشىغا كەلگەندە يوپۇرلۇپلا قوشۇلۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. ئون بەش مىنۇتقا قالماي ئەتكەن تامىقى تۈگەپتۇ، تاماققا تاپقان كەشتىلىك ياپقۇچ، كەشتىلىك داستىخان، دۇتار سېتىلىپ كېتىپتۇ. يەرلىك ئامېرىكىىقلار ساتمايمەن دېگەنگە قويماي تەمبۇر ۋە داپنى چۆرگىلەپ كېتەلمەي قاپتۇ. بۇ ئۇنۋېرىستىتنىڭ ”مەدەنىيەتلەردىن مەلۇمات“ پائالىيىتى خېلى داڭلىق بولغاچقا ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ ئالاھىدە كۈچ چىقارغانىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنچە ھەشەم دەرەملەرگە مۇيەسسەر بولالمىغان بولدىسمۇ شۇ قېتىمىلىق پائالىيەتتە ئەڭ خېرىدارلىق بولۇپ يەرلىك گېزىتلەر ۋە تېلۋىزورلاردىن ئورۇن ئاپتۇ. 2008-يىلى مەن ئەسلى چوڭچىڭغا خەنسۇچە ئۆگەنگىلى كېلىپ تۇيۇقسىز ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە ئۆزگەرگەن ئامېرىكىلىقتىن ئىگىلىشىمچە، شۇ شەھەردە ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرغان بىر ئۇيغۇر مەشرىپى ئۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەھلىيا قىلىۋالغانىكەن. ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ ئوقۇغۇچى بالىلار ئورۇنلاشتۇرغان، سەھنىلەردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن مەشرەپلەر جوڭگۇدا ۋە ئامېرىكىدا شۇنچە تەسىر قالدۇرۇپتۇ، ئەگەر ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان ھەقىقى مەشرەپنى داۋام قىلالىغان بولساق بۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ئۈنىمى يانچۇقىمىزنى توم، يۈزىمزنى يورۇق قىلماسمىدى؟ ئۆملۈككە، قېرىنداشلىققا تەشنا ئۇيغۇر مەشرەپسىز ياشىيالمايدۇ. ھازىرقى چايلار ۋە ‘ئولتۇرۇش“ لىرىمىز دەل شۇ بوغۇندىن بوغۇنغا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدۇر. ھازىر مەشرەپلىرىمىز ئىكىرانلاشتى، بۇ مۇزىيلىشىشنىڭ باشلىنىشى خالاس. چۈنكى ئىكىرانلاشقان مەشرەپتە ئۇيغۇر پەقەت تاماشابىنىلا بولالايدۇ، ئىشتىراكچى بولالمايدۇ. بۇنداق مەشرەپ ئىكىراننى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەشرىپى خالاس، ئۇنىڭ قايسى شەكىلدە بولۇشى تاماشابىننىڭ ئىلكىدە ئەمەس. ئەسلى ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەشرەپتە ئۇيغۇ سەنئەتنىڭ سەيلىچىسى، ئىشتىراكچىسى ۋە ياراتقۇچىسى ئېدى. ياراتقۇچىسىز قالغان سەنئەت، ئىشتىراكچىسىز قالغان مەدەنىيەتنىڭ بارار يېرىنىڭ مۇزىي بولىدىغانلىقى تارىختىن بىزگە سىر ئەمەس. مەشرەپلا ئەمەس، بىزنى ئورىغان دۇنيا، كۆزىمىزدىكى رىياللىق ۋە پۈتكۈل تەئەللۇقاتلىرىمىز ئۆزگەرمەكتە، ئېچىنىشلىق يېرى بىزنىڭ بۇلارغا پەقەت سەيلىچى بولۇپ قالغىنىمىزدۇر.