ئامېرىكا «شەيتان» مۇ؟

-ئامېرىكىنى ”شەيتان“ دېگەن ئۇكا ئاغىنەمگە

قەدىرلىك ئۇكام؛

بۈگۈن ئانامدىن سېنىڭ تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىڭنى، ئادىتىڭ بويىچە ئانامنى يۇقلاپ كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ بەك مەمنۇن بولدۇم. ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن، ئىمانىڭنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، ئەقلىڭنى يەنىمۇ يۈكسەك قىلسۇن. ئانامنىڭ دېيىشىچە سەن مېنىڭ ”ئەگەر ئوقۇيمەن دەپ نىيەت قىلغان بولسا ئامېرىكىغا كەلسۇن، ئەگەر مەقسىدى ھەج قىلىش بولسا ئەرەبىستانغا بارسا مەيلى“ دېگىنىمگە قايىل ئەمەسكەنسەن. ئەگەر تېلىپۇننى ئامېرىكىدىن قىلمىغان بولسام، تازا بىر تەنبىھ بەرمەكچىكەنسەن.

ئالدى بىلەن ساڭا شۇنى دەي. مەن مەيلى قەيەردىن تېلىپۇن قىلاي، كىملەرنىڭدۇر ئاڭلاپ قېلىشدىن قورقۇپ ئىستىگەنلىرىمنى دېيەلمەي قالمايمەن. چۈنكى مەندە باشقىلاردىن قورقۇپ يوشۇرىدىغان بىر گەپ يوق. ئويلىغانلىرىمنى ئەزەلدىن يوشۇرماي دەپ كەلدىم، بۇندىن كېيىنمۇ دەيمەن. ساڭا ئوخشاش مېنى قەدىرلەيدىغانلار تېلىپۇندا ماڭا ”يوق ئىشلارغا ئارىلشما، ئادەم جىق يەرگە بارما، گەپ قىلغاندا ئەتراپىڭغا باق، سەن كەتكەن بىلەن بىز بۇ يەردە، بىزنى خاتىرجەم ياشىغىنى قوي، دۆلىتىمىز شىنجاڭغا ئۇنداق يارىدەم بېرىۋاتىدۇ، بۇنداق يۆلەۋاتىدۇ…“ دەپ كېتىسىلەر. ئادەتتىكىچە ئەھۋال سورىساممۇ سۆزۈڭلارنىڭ بىسمىللاھسى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى، كومپارتىيەنى مەھىيەش بىلەن باشلىنىدۇ. مەن گېپىڭلارنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ جوڭگۇلۇق دوستلىرىمغا ئاڭلاتتىم، ئۇلار بۇنداق سۆزلەرنى ”مەدەنىيەت ئىنقىلابى“ تەسۋىرلەرنگەن كىنولاردىنلا ئاڭلىغانىكەن. يا مەن سەۋەبلىك سىلەرنى مۇشۇ كۈنگىچە بىرەر قاسقان شەپكىلىك ئىزدەپ كەلمىسە، يا مەن بىرەر كۈن دېگەنلىرىم سەۋەپلىك ھەپسىگە كىرمىسەم، مېنىڭ ئامېرىكىدىن قىلغان تېلىپۇنۇمدىن نېمانچە ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر؟ شۇڭا ھەرقانداق گەپ بولسا تېلىپۇندا ئوچۇق دە، تېلىپۇندا ئوچۇق دېيەلمەيدىغان گەپلىرىڭىنى ماڭا مەڭگۈ دېمە، مەن ھىچكىمنىڭ ئوچۇق دېيەلمەس سىرلىرىغا شىرىك بولالمايمەن. ئاڭلىشىمچە سەن مېنىڭ ئامېرىكىغا كەلگىنىمنى ”مودا قوغلاشقانلىق“، ”غەرپكە چوقۇنغانلىق“ دەپ چۈشىنىدىكەنسەن. “ ئىمان بىلەن ياشاشقا ۋە ئۇقۇشقا ماس كېلىدىغان شۇنچە جىق مۇسۇلمان دۆلىتى تۇرسا بارىدىغانغا يەر چىقمىغاندەك ئامېرىكىغا كەتتى“ دەپسەن. گەپ چوقۇنۇش ھەققىدە دېيىلگەنىكەن، ساڭا شۇنى ئوچۇقلاي، مەن قىبلىگە يەنى غەرپكە قاراپ سەجدە قىلىمەن. سېنىڭ قىبلەڭ شەرقتە بولسا يول بولسۇن. مەن مۇشۇ يېشىمغا كەلگىچە قىبلىدىن باشقا تەرەپكە سەجدە قىلمىدىم، ئاللاھتىن باشقىغا يۈكۈنمۈدۈم.

ئۆزىنى باشقىلارغا خۇدا دېگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان، يېزىۋاتقان، سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ئادەتتىكى ئازغۇچى بەندىلىكىنى ئېسىگە سالغانلىقىم ئۈچۈن خىزمەتتىن ئىككى قېتىم ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. ھېلىمۇ پات-پات كۆرەلمەس، قىتىغۇر، پۇتاقچى دېگەن توھمەتلەرگە ئۇچراپ تۇرۇۋاتىمەن. گۇناھىم شەخسكە ۋە شەخسلەر چوقۇنۇنغان تەرەپكە چوقۇنمىغانلىقىمدۇر. سەن موداغا ئەگەشتى دەپ قاپسەن، مەنمۇ بىر ئازغۇچى ئىنسان بولغاچقا زاماندا ئاققاننى خەلققە ياققاننى قىلىشتىن پۈتۈنلەي خالى بولالمىدىم، ئەمما ئامېرىكىغا كېلىشىم مودىدىن ئەمەس. ساڭا دېسەم مەن ئامېرىكىدا ئوقۇشنى قارار قىغىنىمدا ئامېرىكىغا كېلىش مودا ئەمەس ئېدى، ھازىركەتمەسلىك مودا. ئەگەر ئەينى چاغدا ھازىرقىدەك كەتمەسكە كېلىش مودا بولسا ئېدى كەلمىگەن بولاتتىم. مانا ھازىرقى مودىغا ئەگەشمىگىنىم ئۈچۈن كېتىمەن دەپ يا ۋەتەندىكىلەرنى يا بۇ يەردىكىلەرنى ئىشەندۈرەلمەي يۈرىمەن. چۈنكى بىزنىڭ كالامىمىز خەق قىغاننى ئەمەس، ھەق بۇيرىغاننى تەۋسىيە قىلىدۇ. سەن بىلمىسەڭ كېرەك، بىزنىڭ موھتىمىزدا بەندە بولۇش ئەمەس خۇدا بولۇش مودا، ئىلىمدار بولۇش ئەمەس ئەمەلدار بولۇش مودا، ئادەم بولۇش ئەمەس ئادەمخور بولۇش مودا. سورۇنلارغا بارساڭ خەق سېنىڭ خىزمەت ئورنۇڭغا، ئەمىلىڭگە، پۇلۇڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ھىچ كىم سېنىڭ نەدە ئوقۇغۇنۇڭ بىلەن ھىساپلاشمايدۇ، ئۇنۇۋانىڭغا، مۇئاشىڭغا قارايدۇ. خەق ساڭا تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچۇڭنىڭ نېمە ئىش قىلالىغىنى بىلەن ئەمەس، قانداق ئەمەل تۇتالىغىنى باھا بېرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە ھىچ كىمنىڭ لاياقەتلىك پۇقرا، دىيانەتلىك ئىنسان بولغۇسى يوق، ئۇلارنىڭ نىشانىچە يا چوڭ بېلىق بولۇپ يۇتىسەن ياكى كىچىك بېلىق بولۇپ يۇتۇلىسەن. سەنچە ”ئىمان بىلەن ياشاشقا ماس“ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھالى يۇقارقىدەك ئەمەسمۇ؟ ساڭا بىر مىسال كەلتۈرەي. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن تاپشۇرۇقۇمنى كۆچۈرىۋالغىنى ئۈچ ئەرەبىستانلىق، بىر جوڭگۇلۇق.

مەن پاراڭلاشقان ئوقۇتۇقۇچىلارنىڭ ئورتاق قارىشىدا ئىمتىھاندا كۆچۈرىدېغىنى خەنسۇ ۋە ئەرەپ. مەكتىپىمىزدە ئەرەبىستانلىق بىلەن جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئەڭ كۆپ ئالىدىغان ئىنگىلىز تىلى مەركىزىدە ئوقۇش پۈتكۈزەلمەي ئەڭ ئۇزاق ئوقۇيالايدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارغا ئاتا ئانىسى پۇلنى چەكلىمىسىز بېرىدۇ، چۈنكى بۇ پۇللار ئۇلارنىڭ چۆنتەكلىرىگە مىھنەتسىز، چەكلىمىسىز كىرگەن. ئۇلار ئەڭ قىممەت ماشىنىنى نەخ پۇلغا ئالالايدۇ ۋە قائىدىگە ئەڭ كۆپ خىلاپلىق قىلىپ ئەڭ كۆپ جەرىمانە تۆلىيەلەيدۇ. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تىزىملىتىش ئىشخانىسى (بۇ يەرگە ئوقۇغۇچىلار دەرسكە تىزىملىتىش، دەرستىن چېكىنىش، دېپلۇم.. قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كىرىدۇ) غا يېزىلغان ئەرەبچە ۋە خەنسۇچە ”ئۆچىرەتتە تۇرۇڭ“ دېگەن خەتنى كۆردۈم. مەن بېيجىڭدا بىر قېرىنداشقا ۋىزا بېجرىشىپ بەرگىلى بېرىپ ئەڭ قوپال مۇئامىلىنى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدىن كۆرگەنىدىم. سەندىن سوراپ باقاي، بىزنىڭ دىنىمىزدا ئىنسان ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ۋەكىلى ئەمەسمىدى؟ ئەجەبا ۋەكىلىنى دۈشكەللىگەنلىك ئېگىمىزنى مىننەتدار قىلامدۇ؟ قۇرئاننى قانۇن قىلغان دۆلەتنىڭ پەرزەنتىلىرى تاپشۇرۇقتا كۆچۈرمىچىلىك قىلسا، ئۇلارنى ئىمان بىلەن ياشاۋاتقان دېيەلەمدۇق؟ كوڭزىچىلىقنىڭ ”ئەدەپ“ تەربىيىسىنى ئىككى مىڭ يىل كۆرگەن بىر مىللەت نېمىشقا ئۆچرەتتىكى ئەدەپنى ئۆگىنەلمىدى؟ بىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاكى ئالى مەكتەپكىچە ئالغان ”جوڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاق“ تەربىيىسى نېمىشقا بىزگە ساختىلىق قىلماسلىقتەك ئەڭ ئەقەللى ئەخلاقنى ئۆگىتەلمىدى؟ يۇقارقى ئوخشىمىغان ئىدولوگىيەگە تەۋە ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قىلىقى نېمىشقا شۇنچە ئوخشىشىدۇ؟ بۈگۈن جۈمە خۇتبەسىدە ئىمام سەن سۆيۈنگەن بىر مۇسۇلمان دۆلىتى ھۆكۈمدارىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكىنى ئالقىشلىدى.

مەزكۇر ھۆكۈمدار خاتىبىمىز تۇغۇلغاندىن بېرى ھاكىمىيەت سۈرگەنىكەن. بۇ ھۆكۈمداردىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل بەزى كىشىلەر بەك رازىكەندۇق. بۇ دۆلەت ئىختىسادنى گۈللەندۈرۈپتۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپتۇ. خاتىپ بۇنى ”ئىنسانلارنىڭ كۆزىنى دۇنيا مەئىشەتلىرى بىلەن پەردىلەپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجلىرىنى ماددىي پاراغەتكە بۇرىۋەتتى. نەتىجىدە بۇ دۆلەت ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىختىسادى ئەڭ گۈللەنگەن شۇنداقلا بۇزۇقچىلىق ئەڭ يامرىغان دۆلەتكە ئايلاندى. ماددىي پاراغەت سەۋەبىدىنلا كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ چىرىك، مۇستەبىتلىكىگە سەبرى قىلىپ كەلگەن ئېدى. دۇنياۋىي كىرزىس سەۋەبلىك دۆلەت نامراتلىشىپ، تەمىنلەنگەن مەئىشەت توختىغان زامان خەلق كوچىغا چىقىپ نەچچە ئون يىل بوغۇلغان مەنىۋىي ئىھتىياجلىرىنى بىراقلا پارتلاتتى“. سان پىرانسىسكودا ياشاۋاتقان مەشھۇر ئۆلىما ھەمزە يۈسۈپنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار “ مەن مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئەمەس غەرپتە مۇسۇلمان بولۇپ ياشىسام دەيمەن، چۈنكى غەرپتە ئىجازەت بېرىلگەن مۇسۇلمانلىق يولى مۇسۇلمانلىق يولىغا يېقىنراقتۇر“.

“I would rather to live as a Muslim in the West than in the most of Muslim countries, because the way Muslims are allowed to live in the West is closer to the Muslim way”


سەن ئېنگىلىزچىنى ياخشى بىلىسەن، شۇڭا دېگەنلىرىمگە شۈبھەڭ قالمىسۇن ئۈچۈن ئەسلى مەزمۇننى كۆچۈرۈپ قويدۇم. ھەمزە يۈسۈپ ئەلجەزىرە تېلىزىيەسىدە رىزخان بىلەن قىلغان مۇلاقاتتا يۇقاردا دېگەنلىرىنى مۇنداق نوقتىلاردا ئوچۇقلىدى. بىرىى، ئامېرىكىدا ئىنسانلار ئۆزى خالىغان دىنغا، ھىچ بىر چەكلىمە ۋە قۇرقۇنچسىز ئىتىقاد قىلالايدۇ، دىن ھەققدىكى پىكىرلىرنى خالىغانچە ئىپادە قىلالايدۇ. كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلار ئىتىقادىغا ئالاقىدار پەرقلىق چۈشەنچىلىرىنى ئىپادە قىلغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك غايىپ بولىدۇ ياكى تۇتۇپ كېتىلىدۇ. غەرپنىڭ مۇكەممەل ئەدىلىيە سېستىمىسى ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئەدىلىيە سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس، ئىنسان ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمۇ قوغۇدالمايدۇ. ئەگەر ئىنسان ھوقۇقىنى قوغۇدېماقچى بولسا پارا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ… بۇلار ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرى. مەن ئەرەبىستانلىق، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى چۈشەنچىلىرىنى مەسجىددە بىر بىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلاشقانلىرىنى كۆرگەندە ھەيران قالغانمەن. (چۈنكى ئامېرىكىدا ئىككى ئەرنىڭ ئۇنداق يېقىن پىچىرلىشىشلىرى كىشىگە جىنىسبازلارنى ئەسلىدىتىدۇ، نورمال كىشىلەر سىياسى چۈشەنچىلىرىنى ئۇنداق پىچىرلاپ سۆزلەشمەيدۇ) گەرچە ئۇلار ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ماڭا نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى ھۆكۈمدارلىرى قەلبىگە تېرىغان قورقۇنچنى ھىچ يوقۇتالمىغاندەك تۇيۇلدى. بەزى خۇتبىدىكى سۆزلەردىن ئۇلارنىڭ ئالاقىزادە بولۇپ بىر برىگە قاراپ كەتكەنلىرىنى كۆرگىنىمدە نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى پادىشاھنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئاللاھ قورقۇنچىنى ئەمەس ئىنسان قورقۇنچىنى موھۈرلىۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن.

سەن شۇنىڭغا ئىشىنەلمەيسەن بەلكى، مەن نىيويورك كوچىلىرىدا، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە پارتىلىتېۋىتىلگەن قوشماق بىنانىڭ ئەتراپىدا ئەر ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت بولۇپ يولدىلا ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھىچكىم ھەيرانمۇ قالمىدى. ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى يۇتىيۇبتىنمۇ تاپالايسەن، ئىشەنمىسەڭ كۆرۈپ باق. يەنە شۇ نيويوركتا بىر بۆلۈك ئامېرىكلىق مۇسۇلمانلار تېرورچىلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ ۋاراقچە تارقاتتى. مۇخبىرغا “ مەن بىن لادىننى ياقتۇرىمەن، ئۇ ئۇلۇق ئىنسان“ دېگەن كۆرۈنۈشلەرنى تېلۋىزوردىن كۆردۈم. پىكىر ئەركىنلىكى دېگەن مانا شۇ. شۇنىڭغا ئىشەنكى، مەن بۇ يەردە ھىچ قايسى دۆلەتنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلمايۋاتىمەن. پەقەت كۆرگەنلىرىمنى سەن بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمەن. ئەرەبىستاندا ئوقۇشنى قارار قىلغان بولساڭ مېنىڭ باشقا گېپىم يوق. يۇقارىدا دەپ ئۆتكەندەك جوڭگۇلۇقلار بىلەن ئەرەبىستانلىقلارنىڭ قايغۇ ۋە شاتلىقلىرى جىق ئورتاق. شۇڭا ئاسان كۆنۈپ كېتىسەن. قارىغاندا مەسلىھەتنى بۇيرۇق دەپ چۈشۈنۈپ قاپسەن. ئامېرىكىدا ئارمىيەدىن بۆلەك يەردە ئىنساننىڭ مۇرەسسەسىز بۇيرۇق بېرىشى ۋە ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەنچە ئەرەبىستاندا ئوقۇشۇڭنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئوقۇشۇمنى ئىنكار قىلىشىڭنىڭ ھىچ زۆرۈرىيىتى يوق. ئىخلاسمەن ئانامنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ مەن تۇرۇۋاتقان ئامېرىكنى ”شەيتان“ غا چىقىرىشتىمۇ ئۆزەڭگە ئوخشاشلاردىن باشقالارنى قايىل قىلغۇدەك ئاساسىڭنىڭ بارلىقىغىمۇ گۇمانىم بار. ئەگەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىبلىسنىڭ، شەيتاننىڭ نېمىلىكىنى ماڭا قايىل قىلارلىق دەپ بېرەلىسەڭ سېنىڭ قويغان ”ساقىلىڭ“ غا ھۆرمەت قىلىپ، سۆزۈڭنى خاتا بولسۇن توغرا بولسۇن داۋاملىق ئاخرىغىچە تىڭشايمەن.


ئالدىنقى: قەشقەردىكى تاماشىبىنلار

كـىيىنكى: ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ ھوزۇرىدا