ئامېرىكىدا تاسادىپىلىق ۋە تاقابىللىق

”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“نىڭ داۋامى مەن تۇرغان شەھەردە ئەڭ دىققىتىمنى تارتقان نەرسە يوللارغا، بازارلارغا، مەكتەپلەرگە، مېھمانخانىلارغا، باغچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 911 نىڭ تاسادىپىلىقنى مەلۇم قىلىش كونۇپكىلىرى بولدى. بۇنداق كونۇپكىلار مىيىپلار ۋە گۆدەكلەر ئۈچۈنمۇ قولايلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېدى. مەن ئامېرىكىدا تۇرغان مەزگىلدە بۇ كونۇپكىلارنى باسقان بىرمۇ ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم. 911 ئامېرىكىدا تاسادىپىلىققا تاقابىل تۇرۇش تېلىفونى بولۇپ جىددى قۇتقۇزۇش، ئۆت ئۆچۈرۈش، ساقچىغا مەلۇم قىلىش قاتارلىقلارغا ئورتاق ئىشلىتىلىدىكەن. 2001-يىلى سىنتەبىردە يۈز بەرگەن تېرورلۇق پاجىيەسى سەۋەبلىك بۇ نومۇر كىشىلەرنىڭ نېرۋىسىغا تېگىدىغان بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ئېنگىلىزچىسىدە چىسلا يازغاندائاي ئالدىدا كۈن كەينىدە، يىل ئەڭ كەينىدە يېزىلىدىغان بولغاچقا ئون بىرىنجى سىنتەبىر دېگەندە 911 كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا كېلەتتى. تۈرلۈك تاسادىپىلىققا ھەر ۋاقىت تاقابىل ھالەتتە تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىسخىكىسى 11-سىنتەبىر پاجىيەسىدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تېخىمۇ جىددىيلىشىپ مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار ھەرقانداق ھادىسىگە شۈبھى بىلەن باقىدىغان بولۇپ قالدى. مەنچە بۇشنىڭ ئىككىنجى نۆۋەت ئامېرىكا پىرىزدېنتلىقىغا سايلىنىشىغا 911 ۋەھىمىسى پىسخىك ئاساس ياراتتى. ئامېرىكىدا ھەر قانداق بىنانىڭ تۆرت تەرەپكە داغدام ئېچىلغان ئىشىكلىرى بولىدىكەن. بۇ ئىشىكلەر ھەر ۋاقىت ئوچۇق قويۇلىدىكەن. بىنالارنى بۇنداق لايىھەلەشتە يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان تاسادىپىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىن ئويلۇشۇلغان. ھەر قانداق بىنانىڭ ھەرقانداق يېرىگە 911 كونۇپكىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكىنىسى تەقلەنگەن بولىدىكەن. ئىككى قەۋەتلىك ياكى بەك بۇرۇن سېلىنغانلىقتىن لېفىت ئورنۇتۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان قۇرۇلۇشلاردىن باشقا ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىگە لېفىت ئورنۇتىلىدىكەن. مەنچە بۇنىڭدىمۇ تاسادىپىلىق نەزەرگە ئېلىنغان. ئامېرىكىدا مىيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇشى، مىيىپ پروفېسسورلارنىڭ مەكتەپلەردە دەرس بېرىشى ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا، مەكتەپ بىنالىرىدىكى لېفىت بەلكىم شۇلارنىڭ تاسادىپىلىققا دۇچ كەلگەندە خەتەردىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن سەپلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ھەتتا تاللا بازارلىرىدىكى بالىلارنى چىقىرىپ نەرسە كېرەك سېتىۋالىدىغان ھارۋۇچاقلارغىمۇ بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس بىخەتەرلىك تاسمىسى بېكىتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. بىزدە ماشىنىلارنىڭ ئالدى كەينى ئورۇنلىرىدىكى بىخەتەرلىك تاسمىلىرىنى ئادەتتە باغلايدىغان ئادەم يوق، ئەمما ئامېرىكىدا ئادەتتە ماشىنىلارنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى بىخەتەرلىك تاسمىلىرنى باغلىماي ئولتۇرىدىغان ئادەم يوق ئىكەن. كۆپىنچە ماشىنىلارغا مەخسۇس سىگىنال بېرىش ئۈسكۈنىسى ئورنۇتۇلغان بولۇپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ماشىنىدىكى بىرەر كىشى باغلىمىسا سايراپ توختىمايدىكەن. بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئورۇندۇقلار بولىدىكەن. بۇلار شۇ قەدەر پۇختا لايىھلەنگەنكى بالىلار ئولتۇرغاندا مىدىر سىدىر قىلالمايدىكەن. ئامېرىكىدا ماشىنىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى باغلىماسلىقى، بالىلارنىڭ مەخسۇس بالىلار ئورۇندۇقى بىلەن ماشىنىغا مۇقۇملاشتۇرۇلماسلىقى قانۇنغا خىلاپ ئىكەن. جۇڭگۇدا 6 قەۋەتتىن تۆۋەن بىنالارغا لېفىت ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. بىنالارنىڭ تۆت تەرەپكە قارىغان ئىشىكلىرى بولىدۇ، لېكىن بىرسىدىن باشقا ھەممىسى ھەمىشە تاقاق بولىدۇ. ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بار، ئەمما ئىشلىتىشنى كۆپىنچە ئادەم بىلمەيدۇ. ئامېرىكىدا تاسادىپىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەربىيىسى بەك بۇرۇن باشلىنىدىكەن. قىزىم يەسلىگە بېرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ياتاق ئۆيۈمىزنىڭ تېمىغا ئورنۇتۇلغان ئۆت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى كۆرسىتىپ نەرىنى باسسا قانداق نەرسە چىقىپ ئوتنى قانداق ئۆچۈرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇرۇن ئۆيدە ئىس چىقىپ كەتسە چىرقىراپ كېتىدىغان بىر ئۈسكۈنىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلغانىدىم. قىزىمنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن تامغان ئەپچىل ئورنۇتۇلغان ئىككى بوتۇلكىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. قىزىمغا بۇنى يەسلىدە ئۆگىتىپتۇ. مەن جوڭگۇدا 35 يىل ياشاپ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە تەربىيىگە ئىگە بولۇپ باقماپتىمەن. بىز ياشىغان موھىتتا تاسادىپىلىقلار ۋە بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى تەربىيە، ئۈسكۈنە قاتارلىق ماددىي ۋە روھىي تەييارلىقلار يوقنىڭ ئورنىدا. شۇ ۋەجىدىن ئەتراپىمىزدا ھەر زامان يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغۇلۇش، ھۇشىدىن كېتىش، سۇغا چۈشۈپ كېتىش…قاتارلىق تاسادىپىلىقلارغا ئۇچراپ قالسام ۋارقىراش، جىددىيلىش ۋە ئىچ ئاغرىتىشتىن باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق. بىز ياشاۋاتقان موھىتتا تاسادىپىلىقنى خەۋەر قىلىدىغان ئۈسكۈنە- ۋاستە مەۋجۇد ئەمەس، تاسادىپىلىققا تاقابىل تۇرغۇدەك ئەسلەھە يوق، ئەسلەھە بولغان تەقدىردىمۇ قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدىغان مائارىپ يوق. شۇنداق ۋاستە، شۇنداق ئۈسكۈنە، شۇنداق مائارىپ بولغان تەقدىردىمۇ ھەممە نەرسە پەقەت شەكىل ئۈچۈن، تەكشۈرگۈچىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن، كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىش ئۈچۈنلا ھازىرلانغان بولغاچقا ھىچ بىر ئۈنۈمى يوق. شۇڭا ئامېرىكىدىكىدەك خۇسۇسى ئۆيلىرىگە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش، تاسادىپىلىق يۈز بەرگەندە قاچىدىغان ئىشىك قويۇش كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانمىغان. ئامېرىكىدا تاسادىپىلىق ھەققىدىكى ھازىرلىقنىڭ پۇختىلىقى سوغۇرتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. مەيلى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ياكى ماشىنا سۇغۇرتىسى بولسۇن قاتنىشىشمۇ ئوڭاي، تاسادىپىلىققا دۇچ كەلگەندە تۆلەم ئېلىشمۇ ئىنتايىن قولاي. سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ خالىغان ۋاقىتتا خالىغان شىركەتنىڭ سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا بولىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالساق سۇغۇرتا كارتى چوڭ دوختۇرخانىدىن تارتىپ كىچىك خۇسۇسى ئامبۇلاتۇرىيەگىچە ھەممە يەردە ئىشلەيدۇ. مەن ئىككى قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ نەق پۇل تۆلىگەن بىرمۇ ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم. ھەممىسى سۇغۇرتا كارتىنى كۆرسىتىپ داۋالىنىۋېرىدىكەن. دوختۇرخانا ياكى ئامبۇلاتۇرىيەلەر سۇغۇرتا شىركەتلىرى بىلەن ئۆزلىرى دېيىشىۋالىدىكەن. رايۇنىمىزدا سۇغۇرتا ساھەسنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىنورماللىق، ئاستىلىق ۋە مونۇپۇللۇق سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ئانچە جىددى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى كەمتۈك بولغاچقا تاسادىپىلىقلار يۈز بېرىپ بولغىچە قۇلىقىمىزغا تۈرلۈك ئىئانە سادالىرى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى كىشىلەردە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى مۇلازىمەت ئورگىنى ئەمەس ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنى دەپ قاراپ قورقۇش، ئەيمىنىش مەۋجۇد بولغاچقا تىگىشلىك ھەققىنى تەلەپ قىلىشتا پاسسىپ ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. كىشىلىرىمىزدىكى ھۆكۈمەتتىن ئەيمىنىش كەيپىياتى ئۇلارنى تاسادىپىلىقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان خۇسۇسىي سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئالدىدا ئىلتىجاچىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ھەيران قالغىنىم كىشىلەردە تاسادىپىلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا بولۇشى بولدى. بىر قىسىم كىشىلەر ماشىنىلىق بولغان بىلەن ماشىنىغا ئالاقىدار تاسادىپى ھادىسىلەرگە بولغان تەييارلىقى يوقكەن، توك ھارۋا ھەيدىگەن بىلەن توك ھارۋىغا مۇناسىپ تۇيۇقسىز كېلىشمەسلىكلەرگە بولغان ھازىرلىقى پەقەت مەۋجۇد ئەمەسىكەن. كىشىلەردە ماشىنا كۆپۈيۈپ قاپتۇ، لېكىن ھەتتا شوپۇرمۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ساقچىنى كۆرمىسە باغلىمايدىكەن. شۇنىسى ئىچىنارلىقكى، رولغا ئولتۇرغان كىشىدىن باشقا ھىچ كىم بىخەتەرلىك تاسمىسى باغلىمايدىكەن. دەسلەپ مەن ماشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالسام باغلىۋالىدىغان، كېيىن بەزى كىشىلەر بىر غەلىتە قىلىققا قارىغاندەك قاراشقا باشلىغاندىن جۈرئەت قىلالماس بولۇپ قالدىم. ماشىنىدا بالىلارغا مەخسۇس تاسمىلىق ئورۇننىڭ بولۇشى كېرەكلىكى ئويلۇشۇلمايدىكەن. ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلىفوندا سۆزلىشىشنىڭ خەتىرى تېخى مۆلچەردىن يىراق ئىكەن. بۇنداق قىلمىشلارنى چەكلەيدىغان قانۇنمۇ يوق ئىكەن. ماشىندىن باشقا توك ھارۋا شەھەرلەردە ئاساسلىق ۋاستە ئىكەن. ئادەمنى قورقىتىدىغىنى توك ھارۋىلىرىنىڭ كەينىگە بىر ئىككى، ھەتتا ئۈچ بالىنى مىندۈرىۋالغان كىشىلەرنىڭ يا بېشىدا بىخەتەرلىك قالپىقى، يا بالىلىرىنىڭ بېلىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى يوق ئىكەن. ئاللاھ ساقلىسۇن، تاسادىپى ئالدىدىن بىر نەرسە چىقىپ تۇيۇقسىز تورمۇزلاشقا توغرا كەلسە تاسمىسىز ئولتۇرغان بالىلىرىنىڭ ”شۇڭقار“ بولۇپ ئۇچالمايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمىسە كېرەك. ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە تاسادىپىلىق ھەققىدىكى چۈشەنچە، تەربىيە ۋە تاقابىللىقنىڭ كەملىكى نۇرغۇن پاجىيەلەرگە سەۋەپ بولۇۋېتىپتۇ. مەسىلەن، تۈرلۈك ھادىسىلەردە يارىلانغان، تۈرلۈك كېسەللەردىن يۇقۇملانغان كىشىلەر دوختۇرخانىلارنى تولدۇرۇپتۇ. ۋەتەندە ئەڭ قايناق يەر بازار ۋە دوختۇرخانا ئىكەن. دوختۇرخانىغا بانكىلارنىڭ پۇلدانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەق تۆلەش ئورنىدا ئۆچىرەتتە تۇرغان كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى باغلام باغلام پۇللارغا قاراپ سۇغۇرتىنىڭ قانچىلىك كىشىگە نەپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەرس ئەمەس ئىكەن. ئېيتىلىشىچە قەشقەردىكى كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ بىر كۈنلۈك يىغىۋالىدىغان داۋالاش ھەققى 30 مىليۇن سوم ئىكەن. ئامېرىكىدا بازارنىڭ قايناقلىرىنى كۆرگەن، لېكىن دوختۇرخانىنىڭ بۇ قەدەر قايناقلىرىنى كۆرمىگەنىكەنمەن. مەن تۇرغان لاۋرېنس شەھرىدە بىر دوختۇرخانا بولىدىغان بىر قانچە قېتىم بېرىپمۇ كارىدۇردا ياكى ئىشىك ئالدىدا تۇرغان بىرمۇ ھاجەتمەننى، كارىدۇردا تۇرغان بىرمۇ بىمارنى كۆرمىگەنىدىم. ۋەتەنگە قايتىپ قايسى دوختۇرخانىغا بارماي كارىدور، سەينا ۋە ياتاقلارنى تولدۇرۇپ يېتىشقان، تۇرۇشقان، ئولتۇرۇشقان بىمارلارنى كۆردۈم. قەشقەردە دورىخانا بىلەن دوختۇخانا تىجارىتى ئۇيغۇرلاردا بىر كەسىپ بولۇپ شەكىللىنىپتۇ. ئۇيغۇرچە تېلقاناللىرىدا خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان دوختۇرخانا ۋە دورا ئېلانى ئەڭ كۆپ ئىكەن. ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى نۇرغۇن ساھەلەردە يىگىلەش، كىچىكلەش، ئاجىزلىشىقا يۈزلەنگەن بىلەن دوختۇرخانا، دوراخانا ۋە دورا قاپلىرىدا خەنسۇچە بىلەن ئوخشاش ئىشلىتىلىشكە باشلاپتۇ. دېمەك، پۇل تاپارلارنىڭ كۆزىگە ”ئېچىلىڭ سۇپۇرام“ بولۇپ كۆرۈنىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ يانچۇقى ئۇلارنى ئۇيغۇر تىلىنى قوللۇنۇشقا مەجبۇرلاپتۇ. قىزىق يېرى قەشقەردە بەزى زىيالىلار ۋە زىيالىسىمانلار دوختۇرخانىلاردا ئۇيغۇر بىمارلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ ئاجىزلىقى، تازىلىق ئادىتىنىڭ قالاقلىقى، ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كۆرىدىكەن. قارىغاندا بارلىق كېلىشمەسلىكلەرنى بىر بولسا تەھلىل قىلمايلا ئۆزىدىن، چۈشىدىن، ئاتا-بوۋىسىدىن، تەقدىردىن كۆرۈش، يەنە بىر بولسا مىللەتنىڭ ”نۇقسان“ لىرىدىن كۆرۈش ئاللىقاچان بىر قىسىملارنىڭ تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك. ئامېرىكىدىكى مۇكەممەل بولغان تاسادىپىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئەسلەھەلىرى ۋە مۇپەسسەل قانۇن سېستىمىسى كىشىلەرنى ئازادە، تىنچ ۋە كاپالەتلىك ھاياتقا ئىگە قىلغان. شارائىتتىكى مۇكەممەللىك كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى ۋە ھەرىكىتىنىمۇ ماس ھالدا ئۆزگەرتكەن، ئەقلىيلەشتۈرگەن. مەسىلەن، بالىلارغا ماشىنىدا مەخسۇس ئورۇندۇق ھازىرلاش، ماشىنىغا چىققان ھامان بىخەتەرلىك تاسىمىسىنى باغلاش، ئۆيلىرىگە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنۇتۇش ۋە مەخسۇس مۇداپىئە ئىشىكى ئورنۇتۇش، ماشىنا ھەيدىگەندە تېلىفۇنلاشماسلىق قاتارلىقلارنى ئامېرىكىدا كىشىلەر كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ ئامېركىلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قانداقتۇر ئىلغارلىقى ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەركىتى ۋە ئېڭىدىكى ئىنكاسى. ئامېرىكىدا ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلىفون ئۇرۇشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى، مۇنداق قىلمىش سادىر قىلغانلارنىڭ مۇرەسسەسىز جازالىنىدىغانلىقى ھەقىقەت. بۇ بىرى كىشىلەرنى زىيانلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئامانلىقىغا زامىن بولۇشتىن ساقلايدۇ، يەنە بىر بېرى باشقىلارنى توغرا ھەركەت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، كىشىلەرنىڭ نۇقسانلىق مىجەزىنى ئىلمىي قېلىپقا كىرگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ئەقىلگە مۇۋاپىق، توغرا ھەرىكەت ئومۇملىشىپ، خاتا زىيانلىق ھەرىكەت ئاز سانلىقلارنىڭ قىلمىشىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھالەت تەدىرىجى كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە زىيانلىق قىلمىش ساقچى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ۋىجداننىڭ ۋە جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدىغان جەمئىيەت شارائىتى بارلىققا كېلىدۇ.


مەنبەلەر

تەھرىرلەش