ئانىكام چۆچۈرە ئويۇنى

بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى قىزىقىپ ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئويۇننى پەسىل تاللىماي دائىم ئويناشقا بولىدۇ. بۇ ئويۇننى ئوينىغۇچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ بىرەيلەننى <ئانا> سايلايدۇ. ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار ئۆز ئارا قول تۇتۇشۇپ بىر چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ - دە، ئانىنى قاق ئوتتۇرىغا ئېلىپ چۆرگىلەيدۇ. <ئانا> دۈگىلەك ئوتتۇرىسىدا زوڭ ئولتۇرۇپ <چۆچۈرە> ئېتىش ھەرىكىتىنى دورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، <ئانا> ئەتراپىدا دۈگىلەك بولۇپ ئايلىنىۋاتقان بالىلار: ئانىكام چۆچۈرە، ئانىكام چۆچۈرە. بىزنىڭ قازاندا، چۆچۈرە قاينايدۇ. ئانىكام بەرمەيدۇ، بەرمىسە بەرمىسۇن. كۆزىمىز كۆرمىسۇن. ئىشىكنى تاقاپ يېسۇن، ئاق ئۆيدە ئايىم بار، پىيالىدە چايىم بار. ئاش بەرسە سۇيۇق بەردى، نان بەرسە كۆيۈك بەردى. تويمۇدۇم دېسەم، تىل دەشنام بەردى. قانداق قىلاي ئاللا، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى. ئانا دېسەم ئاقىدۇ ياشىم، ئاتا دېسەم ئاقىدۇ ياشىم. مەن قالدىم يېتىم، قېنى سىلەر قېرىندىشىم. ... ... ... دەپ قوشاق توقۇشىدۇ ۋە گۈررىدە ئانىنىڭ قېشىغا كېلىپ: - ئانىكا چۆچۈرە پىشتىمۇ؟ - دەپ توۋلايدۇ. - ياق پىشمىدى. بىردەم تۇرۇپ كېلىڭلار، - دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ئانا. بالىلار دەرھال ئۆز ئورنىغا بېرىپ دۈگىلەك بولۇپ بايىقى قوشاقنى يەنە بىر قېتىم تەكرار ئوقۇپ ئاندىن <ئانىكا چۆچۈرە پىشتىمۇ؟> دەپ قايتا سورايدۇ. ئانا: - پىشتى، قولۇڭلارنى يۇيۇپ كېلڭلار، مەن قاچا - قۇچا تەييارلىۋالاي، - دەيدۇ. بالىلار كەتكەندىن كېيىن <ئانا> چۆچۈرىنىڭ ھەممىسىنى <يېۋالىدۇ>. ئانا بىردەمدىن كېيىن قاچا ئېلىپ كېلىپ بالىلارنى قوغلايدۇ. بالىلار قاچىدۇ. ئانا قوغلاپ تۇتۇۋالغىنىدىن <سەن قانچە چۆچۈرە يېدىڭ؟> دەپ سورايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بالىلارنىڭ ئىچىدىن چۆچۈرىنى ئەڭ كۆپ يېگىنىنى تېپىپ <ئانا> قىلىپ ئويۇنىنى قايتىدىن باشلايدۇ. بۇ ئويۇن ئارقىلىق بالىلار ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ قەدىرىگە يېتىشنىڭ لازىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولۇشقا ئادەتلىنىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش