ئاپتوبىئوگرافىك ئەسەر

يازغۇچىنىڭ ئۆز شەخسىي ھاياتى بىلەن باغلانغان ۋەقەلەر ماتېرىيالى ئاساسىدا ياراتقان بەدىئىي ئەسىرى. بۇنداق ئەسەرلەر ئاپتوبىئوگرافىك رومان، پوۋېست ۋە خاتىرىلەر ھەمدە باشقا ژانىرلار شەكلىدە يېزىلىشىمۇ مۇمكىن.

ماكسىم گوركىنىڭ [[<بالىلىق چاغلىرىم]]>، <كىشىلەر ئارىسىدا>، <مېنىڭ دارىلفۇنلىرىم> دېگەن پوۋېستلىرى، سەدىرىدىن ئەينىنىڭ <خاتىرىلەر> قاتارلىق ئەسىرى ئاپتوبىئوگرافىك ئەسەرلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ. مۇنداق ئەسەرلەردە يازغۇچىنىڭ ھايات يولى زاماننىڭ ھايات شارئىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھالدا يارىتىلىدۇ. شۇ ئاساستا بۇنداق ئەسەرلەر ھايات ۋە ئەدەبىياتقا دائىر مۇھىم مەنبە بولالايدۇ.