ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ۋە شارائىتنى تەسۋىرلەش، پېرسوناژلارنى تەرىپلەش، ئۇلارنىڭ ياخشى ياكى يامان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىش ۋە باھالاش (ماقۇللاش ياكى ئەيىبلەش) ئۈچۈن ئاپتورنىڭ ئۆز تىلىدىن ئېيتىلغان سۆز. ئاپتور نۇتقى يازغۇچىنىڭ تىلى (ئەسەر تىلى) نىڭمۇ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولىدۇ. كاتتا ئىجادىي تەجرىبە ۋە ماھارەتكە ئىگە يازغۇچى ئومۇمىي خەلق تىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە خاس تىل ۋە ئۇسلۇب يارىتىدۇ. لۇشۇننىڭ ئەسەرلىرى (<سەۋدايى خاتىرىسى>، [[<كەچتە ئېچىلغان سەھەر گۈلى]]>) گومورونىڭ (<چۈي يۈەن>، ياكى <سۇمۇرۇغلار پاراغىتى>) ئەسەرلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇ يازغۇچىلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تىل - ئۇسلۇبى بولغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن نىم شېھىتنىڭ تىلى ۋە ئۇسلۇبى جەھەتتىنمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ھەم بەدىئىي ئەدەبىيات ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.

ئاپتور ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش ۋە ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ھېكايە قىلىش، ئۇلارنىڭ قىياسى ۋە پورترېتىنى (قىياپىتىنى) تەسۋىرلەش ۋە تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى سىزىشتىن تاشقىرى بەزى ۋەقەلەر داۋامىدا ھاياجانلىنىپ كېتىپ، بايان ۋە تەسۋىرلەشتىن يىراقلىشىپمۇ قالىدۇ، ئۆزىدە تۇغۇلغان لىرىك چېكىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. لىرىك چېكىنىشمۇ ئاپتور تىلىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ. ناۋاينىڭ <خەمىسە> دىكى داستانلىرىدا، فادىيېۋنىڭ <ياش گۋاردىيە> رومانىدا ۋە ماۋدۇننىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرىدە ئاپتور نۇتقىنىڭ ئاجايىپ نەمۇنىلىرىنى كۆرۈش مۇمكىن. ناۋايى پەرھاتنىڭ ئەجدىھانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلغاندا، ئۆزىنىڭ لىرىك تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان:

نە خۇشتۇر ئەجدەر ئۆلمەك رەنج بىرلە،

كىشى قىلماق تەنەئ ئۇم گەنج بىرلە.

قۇياش پەرھادى چۈن تارتىپ سىنان تېز،

قاراتاغ ئەجدەرگە بولدى خۇنرېز.

ئاپتور نۇتقى ئارقىلىق كىتابخان ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ خۇلقى - مىجەزى بىلەن بىرگە، ئاپتور ئوبرازىنىمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ غايىۋى يۆنىلىشىنى ۋە قەھرىمانلارنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ روشەنرەك تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ.