يازغۇچى ئەسىرنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىلغان ئەسىلى قول يازمىسى ياكى يازغۇچىنىڭ باشقىلارغا يېزىپ بەرگەن قول يازمىسى، خەتلىرى. كۆپىنچە يازغۇچى ئۆز ئەسىرىنى بىراۋغا تەقدىم قىلغاندا، ئەستلىك ئۈچۈن بىرەر نەرسە يازىدۇ ياكى يېزىپ قالدۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئاپتورنىڭ شەخسىي ئىمزاسىمۇ ئاپتوگراف دەپ يورۇتۇلىدۇ.

بۈيۈك كىشىلەر (دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىم، يازغۇچىلار) نىڭ ئاپتوگرافلىرىنى توپلاش ۋە ئۆگىنىش چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي ئورگانلار، مۇزېيلار ئاپتوگرافلارنى توپلاش ۋە ئۆگىنىش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ئەسەرلىرىنىڭ ئارخىپى ۋە شائىرنىڭ قول يازمىسى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەدەبىيات ئىنسىتىتۇتىدا ساقلانماقتا. ئىلگىرىكى يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئارخىپى ھەققىدىمۇ شۇنداق دېيىش مۇمكىن.