ئاگېنتلىق − خەۋەر - ماقالىلەر، سۈرەتلەر ۋە ماتېرىيالارنى توپلايدىغان ۋە تارقىتىدىغان مەخسۇس ئاپپارات بولۇپ، ئۇ گېزىتلەر، رادىئو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى خەۋەرلىرىنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

ئاگېنتلىق ئادەتتە خەلقئارا ئاگېنتلىق، ئىچكى ئاگېنتلىق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بەزىلىرى ئىچكى قىسىمدا خەلقئارا بۆلۈم، ئىچكى بۆلۈم دەپ بۆلۈنىدۇ. ئاگېنتلىق مەملىكەت ئىچىگە ۋە دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىغا كۆپلەپ مۇخبىر ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ۋاقتى - ۋاقتىدا خەۋەر يېزىپ تۇرىدۇ، بۇ خەۋەرلەرنى باش ئاگېنتلىق تەھرىرلەپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى زاكاز قىلغۇچىلارغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بەزىدە يەنە زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە قاراپ، ئۇلارنى ئاخبارات ياكى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇرقى ئاگېنتلىق1835 - يىلى پارىژدا قۇرۇلغان خاۋاس ئاگېنتلىقى بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا پوچتا كەپتىرى ئارقىلىق خەۋەر تارقىتاتتى. 1837 - يىلى سىملىق تېلېگرامما تەجرىبىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقى شاڭخەيدە تېلېگرامما خەۋىرى تارقىتىشقا باشلىغان. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزى قۇرغان تۇنجى ئاگېنتلىق − «جۇڭشىڭ ئاگېنتلىقى» 1904 - يىلى گۇاڭجۇدا قۇرۇلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرغان تۇنجى ئاگېنتلىق قىزىل جۇڭخۇا ئاگېنتلىقى بولۇپ، 1931 - يىلى جياڭشىنىڭ رۈيجىڭ شەھىرىدە قۇرۇلغان. قىزىل جۇڭخۇا ئاگېنتلىقى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە1937 - يىلى1 - ئايدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىككى ئاگېنتلىق بار، ئۇلاردىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى پۈتۈن دۇنياغا، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلارغا، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا يۈزلەنگەن.