ئاۋال ئۇيغۇرنى قۇتقۇزايلى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

پۈتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە قولىدىن ئىش كېلىدىغان بارلىق پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ھازىر بىز ھەممىمىز كۈچىمىزنى بىرلەشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ئەقىل ۋە تاكتىكا بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ نېگىزلىك، تەخىرسىز ۋەزىپە بولسا غەرب مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى ئافرىقىدىكى نەسلى يوقىلىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى جان تىكىپ قوغدىغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ نەسلىنى، ئۇنىڭ تىلى، مەدەنيىتى ۋە بارلىق مىللىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىشىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدە ئۇيغۇر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسىلا ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسى بار بولىدۇ. شۇڭا بىز ئاۋال ئۇيغۇرنى قۇتقۇزايلى، ئۇيغۇرنى ھازىرقى تراگېدىيىدىن قۇتقۇزايلى. بۈگۈنكى دۇنيا ئۆتكەنكى تارىخقا ئىشىنىدىغان دۇنيا ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئەمەلىي كۈچكە ئىشىنىدۇ.

بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قېلىپى شەكىللىنىپ بولغىلى بىر ئەسىردىن ئاشتى. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى بىز ھازىر ياشاۋاتقان دەۋر ئاتوم دەۋرى ئەمەس بەلكى ئۈچۈر ۋە رەقەم دەۋرى. مانا مۇشۇ تېخنىكىلىق قولايلىقلار بارلىق دۆلەتلەرگە ئۆز پۇقرالىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش، دىكتاتور دۆلەتلەر ئۈچۈن بولسا ئۆز ھاكىمىيتىگە قارشى چىققۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتتى. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاۋاتىدۇ. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى بىز قايسى بىر دۆلەتتە ياشىمايلى، بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز شۇ دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتىدۇ. بىز بىر كۈننىمۇ تېلېفونسىز، ئېلخەتسىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارسىز، بانكا كارتىسىز، قىسقىسى ئۈچۈر تېخنىكىسىز، ھاياتنىڭ رەقەم بىلەن كونترول قىلىنىدىغان بارلىق مەشىئەتلىرىسىز ياشىيالمايمىز.

دۇنيا ئىنسانلارنى يېڭى بىر قېلىپ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلدى ۋە قىلىپ بولدى. بىز غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېلىپ ئىچىدىكى ئىمكانىيەتلەر بويىچە ئەركىن ياشاپ تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئۆز ئەركىنلىكىدىن، ئىنسانلىق ئىززىتىدىن مەھرۇم بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش بىزنىڭ توختاۋسىز پىداكارلىق كۆرسۈتۈپ ئېلىپ بارىدىغان ۋەزىپىمىزدۇر. شۇڭا بىز مەۋجۇت بولغان خەلقئارالىق قانۇن تەرتىپلەر رامكىسى ئىچىدە، ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى ئىمكانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

بىزگە ھازىرچە قولىمىزدىن كېلىدىغان ۋە تاللىيالايدىغان باشقا بىر يولمۇ يوق. ئەمما بىز ئەقىل – ئىدراك بىلەن، سىياسىي مۇرەسسە بىلەن، ئىقتىساد ۋە مائارىپ بىلەن، يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ۋاستىلىرى بىلەن ئىش قىلساق، ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇرنىڭ يۇمشاق كۈچى ۋە مىللىي كىملىكلىرىنىڭ يوقىلپ كېتىشىنى ئاستىلىتاليمىز، تېخىمۇ جان پىداكارلىق كۆرسەتسەك بەلكىم ساقلاپمۇ قالالايمىز.

شۇڭا بىز ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي بىز دۈشمىنىمىز قۇرغان توزاققا دەسسەپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز، ئۆز -ئارا بىر بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئورۇنسىز رەنجىتىدىغان نائەخلاقىي دە-تالاشلارنى دەرھال توختىتىشىمىز كېرەك. بىز ھەممىمىز بىر قەلب ۋە بىر نىشان بىلەن ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان كۈچىمىزنى قۇرىتىش ئەمەس، كۈچلەندۈرۈشكە ئۆتەيلى. ئەجدادلىرىمىز تۇتېم قىلغان «بۆرە» روھىدەك بىز ئوم ۋە ئىتتىپاق بولساق، دۇشىمىنىمىز ھەرقانچە كۈچلۇك بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئەمدى بىر دەملىك ھىسيات بىلەن ئەمەس، بىر ئۆمۈر ئەقىل ۋە تاكتىكا بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. بىز مەنتىقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈشنى ۋە ئىش قىلىشنى ئۆگىنەيلى. ئاتا- بوۋىلىرىمىز «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دېگەن بۇ ئەقىل سۆزىنى بىزگە بىكار ئېيتقان ئەمەس.

2018-يىلى 15 -دېكابىر، لوندون


مەنبەلەر

تەھرىرلەش

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى