ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ئوت چۈشەنچىسى، ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان ، كۆيىدىغان، ھەرقانداق ماددىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت (ئالاۋ) غا قارىتىلغان. تۆت ئاساسى ماددا تەلىماتىدىكى تۆت ماددىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر تىبابىتىدە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

ئوت ھەققىدە

تەھرىرلەش

ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ئوت چۈشەنچىسى، ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان ، كۆيىدىغان، ھەرقانداق ماددىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت (ئالاۋ) غا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مۇتلەق يەڭگىل جىسىمدۇر، چۈنكى يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇنىڭ زىچلىقى ناھايتى كىچىك بولۇپ، يەرشارى ۋە باشقا سەييارىلەرنى ئوراپ تۇرغان ھاۋانىڭ زىچلىقىدىنمۇ كىچىك بولغاچقا، شۇ ئېنىرىتسىيىلىك سېستىمىدا داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، ئىبىنسىنا ئۆزىنىڭ «ئەل قانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرىدە، « ئوت ئاددىي جىسىمدۇر، تەبىئىي ئورنى ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك ئورۇننىڭ ئەڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئوتنىڭ ئورنى ئاسمان گۈمبىزىنىڭ شۇنداق بىر پېتىنقى يۈزىدە بولۇپ. ۋۇجۇتقا كېلىش ۋە يوقىلىش ئورنى شۇ يەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ شۇنداق ئورۇندا بولىشى ئۇنىڭ مۇتلەق يەڭگىللىكىدىندۇر، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق » دېيىلگەن .

ھەكىم سۇلتان ئەلى ئۆزىنىڭ «دەسترۇلئىلاج» ناملىق ئەسىرىدە ئوت توغرىسىدا توختىلىپ، «ئوت يىگانە جىسىم بولۇپ ئورنى ھەممە ماددىلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايتى شالاڭ ۋە رەتسىز دۇر، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭ تەسىرىدە پىشىدۇ، ھاۋا ئوتنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن باشقا جىسىملارغا ئۆتىشىپ تۇرىدۇ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ سوغۇقلىقى ئوتنىڭ تەسىرىدە تەڭشىلىدۇ» دەپ بايان قىلغان،

ئوت تەبىئىي يادرو ئېنىرگىيىسى بولغان قۇياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزلار يەرشارىغا تەسىر بولغان ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان يۇلتۇزلار، يەرشارىنىڭ ئۆزىنىڭ يادروسىدىن چىقارغان ئېنىرگىيە، ۋە ئادەتتىكى ئوت (خېمىيىۋى ئۆزگۈرۈش، كۆيۈشچان ماددىلارنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان ئوت ) كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنتايىن شالاڭ، ئىسسىق، ئۆتكۈر، رەڭسىز، ئەڭ يەڭگىل، مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە ماددا بولۇپ ئۇنىڭ ۋەزىنى مۇتلەق يەڭگىل بولغاچقا دائىم يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. يەرشارى ۋە باشقا پلانىتلارنى قاپلاپ تۇرىدىغان ھاۋا تەبىقىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.

ئوت تۆت پەسىل ۋە كېچە-كۈندۈزلەردە يەرشارىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئۆتكۈر قىزىتىش، جىسىملارغا ھاۋا ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنى تەركىبلەرگە ئايرىش، پىشۇرۇش، سۇ ھەم تۇپراقنىڭ سوغۇقلۇقىنى تەڭشەش، ماددىلارنى ئېرىتىش، ئۆزگەرتىش، ۋە ماددىلارغا رەڭ بېرىشتەك روللارغا ئىگە، ئورۇن جەھەتتىن ھەممىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق، ۋەزىنى مۇتلەق يەڭگىل .

ئۇيغۇرلار «ئوت»نى قۇياش، ئادەتتىكى ئوتنى قۇياشتىن كەلگەن ماددا دەپ تۇنۇغان. ئۇلار ئوت (قۇياش) تەبىئەت دۇنياسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چوڭ ماددا، چۈنكى ئۇ تەبىئەت دۇنياسىغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ، تۆت پەسىلنى ۋە كېچە – كۈندۈزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئوخشاشمىغان جايلىرىغا ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئوت تەبىئەت دۇنياسىنى قىزىتىش، جىسىملارغا ھارارەت ئۆتكۈزۈش، پىشۇرۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش، قاتتىق جىسىملارنى ئېرىتىش، ماددىلاردا رەڭ پەيدا قىلىش، سۇنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇۋېتىشىنى، تۇپراقنىڭ سۇغۇقلۇقىنى تەڭشەش قاتارلىق روللارنى ئويناپ، دۇنيانى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا، ئەجداتلىرىمىز ئوتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يېتىپ، ئۇنى مۇقەددەس «ئىلاھ» دەپ قاراپ، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قۇياشقا چوقۇنۇپ، ئوتنى ئۇلۇغلىغان.

ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان زەردۇشت(ئاتەشپەرەسلىك) دىنى، شامان دىنى (شامانىزىم) نىڭمۇ مۇشۇ قاراشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئۇيغۇرلار قۇياشنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى ئىچىدە تەرەتىپلىك دەۋر قىلىپ، جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىسسىقلىقنڭ ھەرقايسى ئايلار ۋە پەسىللەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار قۇياش ئىسسىقلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆيدۈرۈش، قۇرۇتۇش، تارتىش، تېپىش، پىشۇرۇش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش خۇسۇسيەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئاساسەن، ئۇنى ئادەتتىكى ئوتقا ئوخشاتقان، چۈنكى ئوتمۇ كۆيدۈرىدۇ، ئىسسىتىدۇ، پىشۇرىدۇ ۋە يۇرۇقلۇق چىقىرىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئوتنى قۇياشنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى دەپ قاراپ، ئوتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جىسىملار ئۈچۈن ئەڭ موھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇ باشقا ئۈچ چوڭ ماددا (ھاۋا، سۇ، تۇپراق) دىن يەڭگىل بولۇپ، ھاۋانىڭ ئۈستىدە پۈتۈن يەر شارىنى قاپلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن ھەم يەنە ئوتنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك چوڭ ماددا دەپ ھېساپلىغان.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش