ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى


(2002 - يىل 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ قانۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئۇلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، شەھەر، يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، جەمئىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆلىمى ئوتتۇرا، كىچىك بولغان، ھەر خىل مۈلۈكچىلىك ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئايرىش ئۆلچىمى گوۋۇيۈەننىڭ كارخانا خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى كارخانىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچى سانى، سېتىش سوممىسى، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرگە قاراپ، ساھە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىپ، گوۋيۈەنگە تەستىقلىنىدۇ. 3 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پائال يۆلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، ھوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق مۇھىت ھازىرلايدۇ. 4 - ماددا گوۋۇيۈەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار سىياسىتىنى تۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ كارخانا خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار سىياسىتىنى تۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ كارخانا خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار سىياسىتى ۋە يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مۇلازىمەت قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار سىياسىتىگە ۋە بىر تۇتاش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك ئۇلارغا قاراشلىق كارخانا خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ. 5 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كارخانا خىزمىتىگە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يېتەكچى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يۆلەيدىغان نۇقتىلارنى بېكىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. 6 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق مەبلىغى ۋە مەبلىغىدىن ئېرىشكەن قانۇنىي مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مال - مۈلكى ۋە قانۇنىي مەنپەئىتىگە چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەر قانداق ئورۇننىڭ قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىن ھەق ئېلىشىغا ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇشىغا، پۇل - مال سېلىق سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى رەت قىلىشقا، پاش قىلىشقا ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 7 - ماددا مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى، ئادىل رىقابەت ۋە ئادىل سودىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىش ھوقۇقىنى قوغدىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى، تەڭسىز سودا شەرتى قويماسلىقى كېرەك. 8 - ماددا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار دۆلەتنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى، كەسپىي ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت، بايلىق - مۇھىت ئاسراش، سۈپەت، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارغا دائىر قانۇن - نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى شەرت. 9 - ماددا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، كەسپىي سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. 2 - باب مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش 10 - ماددا مەركەز مالىيە خام چوتىدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا تۈر تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشى كېرەك. 11 - ماددا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش خىزمىتىگە، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات فوندىنى تولۇقلاشقا ۋە تەرەققىياتىغا يۆلەك بولۇشقا دائىر باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 12 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات فوندى تۆۋەندىكىلەردىن تەركىب تاپىدۇ: (1) مەركەزنىڭ مالىيە خام چوتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى؛ (2) فوند پايدىسى؛ (3) ئىئانە - ھەدىيە؛ (4) باشقا مەبلەغ؛ دۆلەت باج سىياسىتى ئارقىلىق، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىيات فوندىغا ئىئانە - ھەدىيە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 13 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات فوندىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يۆلەيدىغان تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ: (2) ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش؛ (3) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت كېپىللىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى قوللاش؛ (4) كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا شۇنىڭدەك چوڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىلھام بېرىش؛ (5) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىم تەربىيىلەش خىزمىتىنى ۋە ئۇچۇر، مەسلىھەتچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىشىنى قوللاش؛ (6) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازار ئېچىشنى قوللاش؛ (7) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش؛ (8) باشقا ئىشلار. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا تەرەققىيات فوندىنى تەسىس قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزىدۇ. 14 - ماددا جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، سودا بانكىسىنىڭ كرېدىت قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كرېدىت جەھەتتە تېخىمۇ قوللىشى كېرەك. 15 - ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللىشى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى تىرىشىپ ياخشىلىشى، مۇلازىمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشى، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىشى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سودا بانكىلىرى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز كوپىراتىپلىرى كرېدىت باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا باب كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا كرېدىت، راسچوت، مالىيە مەسلىھەتچىلىكى، سېلىنما باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كەسپىي تىجارەت دائىرىسىدە ھەر خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىملىقى قىلىشى كېرەك. 16 - ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنى شارائىت يارىتىپ، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا رۇخسەن قىلىنغان يوللار ئارقىلىق بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە پائال يېتەكلەيدۇ. 17 - ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تەۋەككۇل مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىشىگە باج سىياسىتى ئارقىلىق ئىلھام بېرىدۇ. 18 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرىدۇ. 19 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت كېپىللىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە تەشكىللەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت كېپىللىكىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت كېپىللىكىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزىدۇ. 20 - ماددا دۆلەت كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئىناۋەت كېپىلى بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. 21 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۆپ خىل شەكىلدە ھەمكارلىشىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 3 - باب ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىش 22 - ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پائال شارائىت يارىتىپ، زۆرۈر، مۇناسىپ ئۇچۇر ۋە مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلىپ، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشتا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، زۆرۈر سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا قۇرۇشنى قوللىشى كېرەك. ئىشسىزلار ۋە مېيىپلەردىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا قۇرغانلىرىنى ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەتلەر پائال يۆلىشى، قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. 23 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاقىدار باج سىياسىتى جەھەتتە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ. 24 - ماددا ئىشسىزلار قۇرغان ئوتتۇرا، كىچى كارخانىلار ۋە شۇ يىلى قوبۇل قىلغان ئىشسىزلار سانى دۆلەت بەلگىلىگەن نىسبەتكە يەتكەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە نامرات رايونلاردا قۇرۇلغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، مېيىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى دۆلەت بەلگىلىگەن نىسبەتكە يەتكەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا دۆلەت باجدا ئېتىبار بېرىپ، مەلۇم مۇددەتكىچە تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىدۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىدۇ. 25 - ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە سودا - سانائەت، مالىيە - باج، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەمگەكچى ئىشلىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت مەسلىھەتى بېرىشى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك. 26 - ماددا كارخانا تىزىملىغۇچى ئورگانلار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قۇرۇشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە تىزىملاپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىزىملاتقۇچىلارغا قۇلايلىق يارىتىشى كېرەك. كارخانىنى تىزىملاشتا قانۇن - مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنمىگەن شەرتلەرنى قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھەق تۈرى ۋە ھەق ئۆلچىمىدىن باشقا ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 27 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش سىياسىتى بويىچە، چەت ئەلنىڭ مەبلىغى، ئىلغار تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزۈپ، جۇڭگو چەت - ئەل شېرىكچىلىكىدىكى، جۇڭگو چەت - ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانا قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 28 - ماددا دۆلەت شەخسلەر ياكى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى ياكى پاتېنتسىز تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە مەبلەغ قىلىپ سېلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قۇرۇشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 4 - باب تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش 29 - ماددا دۆلەت سىياسەت چىقىرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بازار ئېھتىياجىغا قاراپ يېڭى مەھسۇلات يارىتىشىغا، ئىلغار تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى ۋە ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە، تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدە ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش جەھەتتىكى تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىدە قەرزگە ياردەم ئۆسۈم بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. 30 - ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پىلانلاش، يەر ئىشلىتىش، مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىقلاردا سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، تۈرلۈك تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەركىزى ۋە پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش بازىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا تېخنىكا ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تېخنىكا مەسلىھەت مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈش مۇلازىمىتى قىلىپ ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەش، تېخنىكا يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، كارخانىنىڭ تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 31 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار بىلەن تېخنىكىدا ھەمكارلىشىشى، تېخنىكا يارىتىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كەسپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرىدۇ. 5 - باب بازار ئېچىش 32 - ماددا دۆلەت چوڭ كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىلەن بايلىقنى بازار ئارقىلىق تەقسىملەش ئاساس قىلىنغان، مۇقىم خام ئەشيا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تېخنىكا يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش جەھەتلەردە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلىشى ۋە تېزلىتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 33 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قۇشۇلۇش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مۈلۈكنى قايتا تەشكىللىشىگە، بايلىق تەقسىماتىنى سەرخىللاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ ھەم ئۇنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. 34 - ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تاۋارلىرى ياكى مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. 35 - ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماق ۋە ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تاشقى ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئېكسپورت كرېدىتى، ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق كەسىپلەرنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدە بازار ئېچىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. 36 - ماددا دۆلەت سىياسەت چىقىرىپ، شەرتكە توشىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىپ، خەلقئارا سودىغا قاتنىشىشىغا ۋە خەلقئارا بازار ئېچىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 37 - ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشقا ۋە ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 6 - باب ئىجتىمائىي مۇلازىمەت 38 - ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 39 - ماددا ھۆكۈمەت ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ يۆلەپ قۇرغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى كومپيۇتېر تورى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىدىغان ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋاستىچى ئاپپاراتلار بىلەن ئالاقە باغلاپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. 40 - ماددا دۆلەت تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋاستىچى ئاپپاراتلارنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىغا دىئاگنوز قويۇش، ئۇچۇر مەسلىھەتى بېرىش، ماركېتىڭنى يولغا قويۇش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كرېدىت كېپىللىكى بېرىش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، خادىم تەربىيىلەش، تاشقى ھەمكارلىقنى يولغا قويۇش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە قانۇن مەسلىھەتى بېرىش قاتارلىق جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 41 - ماددا دۆلەت ئالاقىدار ئاپپارات، ئالىي مەكتەپ، تېخنكوملارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى جەھەتتىكى خادىملىرىنى تەربىيىلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماركېتىڭ سەۋىيىسى، باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ. 42 - ماددا ساھەلەرنىڭ تەلەپچان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پائال مۇلازىملىق قىلىشى كېرەك. 43 - ماددا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى چەكلەيدىغان، ئۆزىگە مۇلازىمەت قلىدىغان تەلەپچان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، ئۇلارنىڭ بازار ئېچىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. 7 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ 44 - ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر شۇ جايدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئالاقىدار يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. 45 - ماددا بۇ قانۇن 2003 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.