ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھەر قايسى بىرلىك مەشرەپلەر ئىچىدە تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، تەشكىلىي تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغىنى <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> دۇر. <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن مەشرەپ بېگى، يىگىت بېشى، دارىگەي بېگى، كۆل بېگى، پاششاپ قاتارلىق ئەمەللەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەىپىلىرى بولىدۇ. مەشرەپ بېگى - <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> دىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ نامى بولۇپ، ئۇ ئاساسەن مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىغا نازارەت قىلغۇچى، مەشرەپتىكى دەۋا - دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدۇر. يىگىت بېشى - مەشرەپنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ، مەشرەپ پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. دارىگەي بېگى - ئاساسەن مەشرەپنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭا، دارىگەي بېگى شۇ يېزا - كەنتتىكى ناخشا - مۇزىكىغا ماھىر سەنئەتكارلار ئارىسىدىن سايلاش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. كۆل بېگى - مەشرەپنىڭ پۈتكۈل مالىيە - ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئادەتتە مەشرەپكە لازىم بولىدىغان بارلىق يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلارنى كۆل بېگى ھەل قىلىدۇ. مەشرەپنىڭ كۈتكۈچىلىرى كۆل بېگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىش بېجىرىدۇ. پاششاپ - مەشرەپنىڭ ئىنتىزامىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئادەتتە <ساقچى> ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. مەشرەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە خىلاپ ئىشلار كۆرۈلسە، مەشرەپ قاتناشچىلىرى شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە پاششاپنىڭ باشقۇرۇشىغا شەرتسىز بويسۇنىدۇ. پاششاپنىڭ قولىدا ئادەتتە <گۈل تاياق> دەپ ئاتىلىدىغان دەررە بولىدۇ. <گۈل تاياق> يۇمشاق تال چىۋىقلىرى ياكى تىۋىلغىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى يۇقىرى، جازا ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلسە پاششاپ جازالانغۇچىلارنى ئەنە شۇ <گۈل تاياق> بىلەن يەڭگىل دەررىلەيدۇ. <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> گە ئەزا بولغۇچلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. ئەمما، بىر مەشرەپ تەشكىلىي ئوتتۇز - قىرىق كىشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> گە ئەزا بولۇش تۈزۈملىرى مۇكەممەل بولۇپ، مەشرەپكە ئەزا بولغۇچى بەلگىلىك شەرتلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن مەشرەپكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغۇچى يىگىتنى دادىسى يېتىلەپ مەشرەپ سورۇنىغا ئەكېلىدۇ. پاششاپ بۇ ئەھۋالنى مەشرەپ بېگى ھەم يىگىت بېشىغا خەۋەر قىلىدۇ. ئۇلار رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن يىگىتنىڭ دادىسى مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى مەشرەپكە ئەزا قىلىش ھەققىدە ئىلتىماس قىلىدۇ. مەشرەپ بېگى ھەم يىگىت بېشىغا: <بالىنىڭ ئۇستىخىنى بىزنىڭ، گۆشى سىلەرنىڭ، ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگەنسۇن دەپ مەشرەپكە ئەكەلدىم> دەيدۇ. يىگىت بېشى بالىغا: <بۇ مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى، ئاچچىق تايىقى بار. چىدىسىڭىز كىرىشكە رۇخسەت> دەيدۇ. بالا <چىدايمەن> دپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەشرەپكە قېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، بۇ چاغدا، مەشرەپ ئەھلى بۇ بالىنىڭ سورۇنغا قانداق سوۋغىلارنى ئەكەلگەنلىكىنى سورايدۇ. بالىنىڭ دادىسى <ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈللىرى> گە ئاتاپ نەچچە تۆگە، نەچچە ئات، كالا، قوي ئەكەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردە دېيىلگەن ھايۋان ناملىرى مەشرەپتە ئومۇملاشقان سىمۋوللۇق ناملار بولۇپ، تۆگە دېگىنى قوغۇن - تاۋۇزنى، ئات دېگىنى تۇخۇمنى، كالا ياكى قوي دېگىنى ئالمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سوۋغىلارنى پاششاپ جامائەتكە كۆرسەتكەندىن كېيىن، كۆل بېگىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مەشرەپكە قوبۇل قىلىنماقچى بولغان بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ مەلۇم ئارتۇقچىلىقىنى <ئوتتۇز ئوغۇل> نىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بېرىشى شەرت. ئەگەر ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى بولمىسا، مەلۇم بىر ھايۋان ياكى بىرەر قۇشنىڭ سايرىشىنى دوراپ بەرسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ مەشرەپكە قېتىلغانلىقى شەرىپىگە <ئوتتۇز ئوغۇل> نى ئۆيىگە مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ. يىگىت بېشى مەشرەپكە قوشۇلغان بۇ يىگىت ئەزاغا <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> نىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تەپسىلىي ئۇقتۇرىدۇ. مەشرەپكە ئەزا بولۇپ كىرگەن كىشى <مەشرەپ> كوللېكتىپىنىڭ رۇخسىتىسىز مەشرەپتىن چىقىپ كېتىشكە ياكى سەۋەبسىز قاتناشماسلىققا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر مەشرەپتىن چېكىنمەكچى بولسا، سەۋەبلەرنى <ئوتتۇز ئوغۇل> نى قايىلقىلغۇدەك بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىرەر ياشنى تونۇشتۇرۇپ مەشرەپكە قوشقاندىن كېيىن، ئاندىن چېكىنىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> مۇ باشقا يەرلىك مەشرەپلەرگە ئوخشاش ناخشا - ساز ۋە ئۇسسۇل، چاقچاق، لاپ ئېتىش، مەشرەپ ئويۇنلىرى ۋە جازادىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر باسقۇچنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، قويۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە. <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> نىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازا ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئىقتىسادىي جازا، يەنە بىرى سەۋەنلىك جازاسىدىن ئىبارەت. ئىقتىسادىي جازا ئەيىبلەنگۈچىنڭ گۇناھىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بېرىلىدىغان جازا بولۇپ، ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي جازا <ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈللىرى> ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدىن سىرت بىر قېتىملىق <ناماقۇللۇق مەشرىپى> ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. يېنىكلىرىگە كېلەر قېتىملىق مەشرەپ ئۈچۈن مېۋە - چېۋە، قەنت - گېزەك قاتارلىقلارنى ئەكىلىش بۇيرۇلىدۇ. سەۋەنلىك جازاسى كۆپ خىل بولۇپ، <سامسا يېقىش>، <جۇۋازغا قېتىش>، <ئۆپكە قۇيۇش>، <سۈرەتنى تامغا تارتىش>، <كاككۇك سايرىتىش>، <پاختەك ئۇچۇرۇش>، <توشقان تەپتى>، <كاۋا چاقتى>، <دەررىگە بېسىش>، <سازايى قىلىش>، <سۇغا چۆمۈلدۈرۈش>، <پىر ئوينىتىش>، <ئەنجۈر يېگۈزۈش>، <يۈزىگە كۈيە سۈركەش>، <باغدىن ئالما ئۈزۈش> قاتارلىق كۈلكىلىك، ھەجۋى ئويۇنلاردىن ئىبارەت. بۇ جازالار پاششاپ تەرىپىدىن ھەرىكەتلىك ئىجرا قىلىنىدۇ. <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> ئاساسەن كۈزلۈك ھوسۇل يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن باشلىنىپ، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغۇچە داۋاملىشىدۇ. <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> يۇقىرىقىدەك تۆت باسقۇچلۇق ئويۇندىن باشقا، يەنە ھەر قېتىملىق يىغىلىشتا مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ بەزى مۇھىم ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، مەسلىھەت بېرىلىدۇ. شۇ يۇرتتىكى جامائەت ئىشلىرى ھەققىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم بولغان ئائىلىلەردىن ھال سوراش ۋە ياردەم بېرىش قارارلاشتۇرۇلىدۇ. شۇڭلاشقا، <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> نىڭ يۇرت جامائەت ئىچىدىكى ئىناۋىتى ۋە ئابرۇيى يۇقىرى بولۇپ، شۇ يۇرت كىشىلىرى مۇشۇ مەشرەپ كوللېكتىپىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان. قىسقىسى، تىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ <ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى> خەلقنىڭ <سەنئەت مەكتىپى> ۋە <ئەدەپ - ئەخلاق بۆشۈكى>، شۇنداقلا باشقا خىلدىكى ئاممىۋى مەشرەپ، مۇراسىملارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە قانات يايدۇرغۇچىسىدۇر.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش