ئورخان پامۇك
تۈرك يازغۇچى فېرىت ئورھان پامۇك 2006-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇچىلاردىن بىرى بولدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى 58 تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 100 گە يېقىن دۆلەتتە نەشر قىلىندى. ئۇ، يازغۇچىلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولمىدى.
ئورھان پامۇك 2005-يىلى «Prospect» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ 100 زىيالىيسى ئوتتۇرىسىدا كۆرسىتىلدى، 2006-يىلى بولسا «TIME» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر 100 كىشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
ئورھان پامۇك، 1952-يىلى 7-ئىيۇن ئىستانبۇلدا زەردار بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى ئىبم زاۋۇتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسىدە باش دىرېكتور بولغان گۈندۈز پامۇك، ئانىسى 1700-يىللاردا گىرىتكە ۋالىي بولغان ئىبراھىم پاشىنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكۈرە خانىمدۇر.
ئورھان پامۇك «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى»(1982) ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك ئۆي ۋە ئائىلىدە ئىستانبۇلنىڭ نىشانتاشى مەھەللىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولدى. كېچىكىدىن تارتىپلا رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ روبېرت ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. ئىستانبۇل پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىدا مېمار ياكى رەسسام بولالمايدىغانلىقىنى قارار قىلىپ مەكتەپنى تاشلىۋەتتى. داۋاملىق كېلىش شەرت بولمىغانلىقتىن يېزىقچىلىققا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالىشىم مۇمكىن، دەپ قاراپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ژورنالىستلىق ئىنىستىتۇتېغا ئوقۇشقا كىردى ۋە شۇ ئىنستىتۇتنى پۈتتۈردى. بىراق، «قار» رومانىنىڭ سىرتىدا بۇ كەسىپتە ھېچ ئىشلەپ باقمىدى. ئورھان پامۇك 1982-يىلى ئايلىن تۈرەگەن خانىم بىلەن توي قىلدى. 1991-يىلى «رۈيا» ئىسىملىك بىر قىزى دۇنياغا كەلگەن بۇ ئەر-خوتۇن 2001-يىلى ئاجرىشىپ كەتتى. ئورھان پامۇكنىڭ ئاكىسى شەۋكەت پامۇك ئىقتىساد تارىخچىسى بولۇپ، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا.
1985-1988-يىللىرى ئارىسىدا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن «International Writing Program»(IWP) ناملىق كۇرسقا قاتناشتى. بۇنىڭدىن مەقسەت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى ۋە كىتابلىرىنى يازالايدىغان شەرت-شارائىتقا ئېرىشتۈرۈش بولۇپ، ئورھان پامۇكنىڭ ئۆز تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، كۇرستىن كېيىن، ئۇنىڭ «ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى». تۇنجى كىتابىدىن ئېتىبارەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. كىتابلىرى ھەم كۆپ سېتىلدى ھەم ئەدەبىي جەھەتتىن ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئورھان پامۇكنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتى 1974-يىلى باشلاندى. 1979-يىلى تۇنجى رومانى بولغان «قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق» ناملىق رومانچىلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنى مەھمەت ئەرئوغلۇ بىلەن ئورتاقلاشتى. يەنە شۇ رومانى 1982-يىلى «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئوغۇللىرى» تېمىسى ئاستىدا قايتىدىن نەشر قىلىندى، ھەمدە بۇ قېتىم 1983-يىلى شۇ ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق «ئورھان كەمال رومان مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
ئورھان پامۇكنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن يازغان كىتابلىرى ئۇدا نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئاپتورنىڭ «تىۋىشسىز ئۆي» ناملىق ئىككىنچى رومانى 1984-يىلى «مادارالى رومان مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بۇ روماننىڭ فرانسۇزچە تەرجىمىسى بولسا 1991-يىلى «Prix de la Découverte Européenne مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 1985-يىلى نەشر قىلىنغان «ئاق قەلئە» ناملىق رومانى 1990-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا «Independent Award for Foreign Fiction مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى ۋە تۈركىيە سىرتىدا ئاپرورنىڭ كەڭ تونۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئورھان پامۇك، 2002-يىلى نەشر قىلىنغان «قار» ناملىق ئەسىرىنى، تۈركىيىنىڭ ئېتنىك ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى ئىشلەنگەن «سىياسىي رومان» دەپ تەرىپلىمەكتە. ئاپتورنىڭ «قار» ناملىق ئەسىرى ئامېرىكىدا 2004-يىلى «2004-يىللىق ئەڭ ياخشى كىتابتىن بىرى» دەپ تونۇشتۇرۇلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۈركىيە سىرتىدا تېخىمۇ شۆھرەت قازانىشقا باشلىدى. 1998-يىلى نەشر قىلىنغان «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق ئەسىرى 24 تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 2003-يىلى ئىرېلاندىيىنىڭ دۇنياغا داڭلىق «International IMPAC Dublin Literary Award مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
رومانلىرىنىڭ سىرتىدا يازمىلىرىدىن ۋە دىئالوگلىرىدىن تاللانمىلار ۋە ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «باشقىچە رەڭلەر»(1999) ۋە ئۆمەر قاۋۇر رېژىسسورلۇق قىلغان «سىرلىق يۈز» ناملىق فىلىمنىڭ سېنارىيىسى(1992) بار. بۇ سېنارىيە، يازارنىڭ 1990-يىلى نەشر قىلدۇرغان «قارا كىتاب» ناملىق رومانىدىكى بىر بۆلۈمگە ئاساسەن يېزىلغان.
ئورھان پامۇكنىڭ يازغۇچىلىق كەسپى 2006-يىلى 12-ئۆكتەبىردە «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىش بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ھەمدە «نوبېل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك گراژدانى سۈپىتىدە تارىخ بېتىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.
مەنبەلەر
تەھرىرلەش