ئوردۇ بالىق (Ordu-Baliq) (خەنچە: 窝鲁朵八里 پىنيىن: huígǔ dānyú chéng)، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تۇنجى پايتەختى، شۇنداقلا كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ھەم پايتەختى. شۇنداقلابۇ پايتەختتە يەر ئالغان بىر قەلئە. ئۇيغۇر قاغانلىقىغا پايتەخت بولغان بولۇپ، زامانىدا مۇبالىق دەپ ئىسىم بېرىلگەن. ئوردۇ بالىق خارابىسى بۇگۈنكى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ئالدىنقى ھانگاي ۋىلايىتىدىكى دۇنيا مىراسى ئورخۇن ۋادىسىگە جايلاشقان. كېيىنكى موڭغۇل ئىمپېرىيسى پايتەختى قاراقۇرۇم خارابىسىنىڭ 27 كلومېتر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان.

ئېتمولوگىيىسى تەھرىرلەش

ئوردۇ - قوشۇن، ئارمىيە؛ بالىق (بلق) خاقانىيە تىلىدا (بلق) قەلئە، شەھەر دېمەكتۇر. دېمەك، ئوردۇ بالىق — "ئەسكەر شەھىرى"، ئوردا شەھىرى" دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. ئوردۇبالىق ئوردۇ دېيىلىدىغان بىر سېپىل بىلەن ئورالغانىدى. بۇ سېپىلنى يەنە بالىق دېيىلىدىغان ئىككىنچى بىر سېپىل بىلەن ئورالغانىدى. بۇ قەلئە سېستىمىسىغا ئوردۇ-بالىق دېيىلىدۇ. ئوردۇ-بالىق پەقەتلا تۈركلەردە بولغان بىر قەلئە شەكلىدۇر. بۇ شەھەرگە يەنە مۇبالىق (Mubalik) ياكى قارابالغاسۇن (Karabalghasun) ھەم دېيىلەتتى. بۇ بالىقنىڭ خارابىسى بۇگۈنكى موڭغۇلىيەلىكلەر تەرىپىدىن Kharbalgas دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى قارا شەھەر دېگەن مەنىگە كەلمەكتە.

ھەققىدە تەھرىرلەش

ئوردۇ بالىق ھانگاي تاغلىرى (جۇڭگو قەدىمىي يازمىلىرىدا 于都斤山 دېيىلىدۇ) باغرىغا جايلاشقان، تاڭ دەۋرىدە بۇ شەھەر ئۇيغۇر تەڭرىقۇت بالىق (回鹘单于城)، لىياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە بۆگۈ قاغان بالىق (卜古罕城) ياكى ئوردۇ بالىق (窝鲁朵城) دەپ ئاتالغان. بايانچور قاغان (英武可汗 ؟ - 759) كۆتۈرۈكلەرنى مەغلوب قىلغاندىن سوڭرە، قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئورنىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. تاڭ پادىشاھلىقى ۋە سۇغدىيان ئۇستىلار شەھەر قۇرلۇشىغا قاتناشتى. بۇ بالىقنىڭ 12 غايەت چوڭ تۆمۈر قۇۋۇقى بار ئىدى، شەھەر سېپىلى جىگەررەڭ خىشلار بىلەن قۇرۇلغانىدى. سېپىل ئەتراڧى تۆت تەرەپتە سۇ تولدۇرۇلغان خەندەكلەر بىلەن ئورالغانىدى. قاغان ئائىلىسى تۇرىدىغان ئوردۇبالىق ئالدىدا ئىككى بۈيۈك قۇۋۇق ۋە كۆزىتىش مۇنارى قويۇلۇپ، بىخەتەرلىك كۈچەيتىلگەنىدى.

821 مىلادىدە پارس سامانىي سۇلالىسى ئەلچىسى تامىن ئىبن بەشر بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلغان، ۋە خاتىرە قالدۇرغان: بۇ شەھەرنىڭ يېزا ئىگلىكى تەرەققىي قىلغان، تىجارەت قايناق، مانىي دىنى ئىنتايىن گۈللەنگەن، دەپ تەسۋىرلەيدۇ. 840- يىلى، ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تامانىدىن بىتچىت قىلىنغاندىن كېيىن شەھەر بارا-بارا تاشلىنىپ خاراب بولغان.

بايقىلىشى تەھرىرلەش

1987- يىلى، رۇس سەيياھ پادەرىن (Paderin) تۇنجى بولۇپ بۇ شەھەر خارابىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە خاتىرە قالدۇرۇغان، لېكىن بۇ شەھەرنى يېڭىلىشىپ قاراقۇرۇم خارابىسى دەپ تەخمىن قىلغان. 1889- يىلى، رۇس بىلگە نىكولاي يادرىنتسېۋ (Nikolai Yadrintsev) تۇنجى بار بۇ يەرنىڭ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ خارابىسى، دەپ بېركىتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن 1890 ۋە 1891- يىلى، ئىلگىرى كېيىن ھېلسىنكىدىن كەلگەن ئىككى كىشى ھەمدە ۋاسلىي رادلوۋ بۇ شەھەر خارابەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

قارالسۇن تەھرىرلەش

مەنبە تەھرىرلەش