ئورمان — قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، شۇنداقلا قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇرەككەپ، كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە كۆپ ئۈنۈملۈك ئېكولوگىيىلىك سىستېما.

قولاي تىزىملىك تەھرىرلەش

  • قامۇس باشبېتى
  • سۈرەتلەر

مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە نامى :ئورماننىڭ رولى

خەنزۇچە نامى :森林的功能

ئىنگلىزچە نامى :Forest function

تونۇشتۇرۇلىشى تەھرىرلەش

ئورمانئورمان — قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، شۇنداقلا قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇرەككەپ، كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە كۆپ ئۈنۈملۈك ئېكولوگىيىلىك سىستېما. مۇشۇ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ بارلىق پائالىيىتى ۋە ئىپادىلەش جەريانى، يەرلىك ۋە ئەتراپنىڭ مۇھىتىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مانا بۇ ئورماننىڭ رولى.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇشتۇرۇلىشى
  • رولى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

رولى تەھرىرلەش

1.بىر ئورمانلىق ھەر كۈنى 67 كىلوگرام كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۋېلىپ، 49 كىلوگرام ئوكسېگىن قويۇپ بېرىدۇ. يەنە 48 كىلوگرام زەھەرلىك گاز گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ.

2.بىر ئورمانلىق بىر يىلدا 300 ~ 500 توننىغىچە سۇنى پارغا ئايلاندۇرۇپ، ھاۋانىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ.

3.بىر ئورمانلىق بىر يىلدا 25 ~ 50 توننىغىچە ھەر خىل چاڭ-توزاننى سۈمۈرۈۋالىدۇ.

4.بىر مو ئارچا ياكى قارىغايلىق بىر سوتكىدا ئىككى كىلوگرام مىكروب ئۆلتۈرگۈچى ماددا ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆپكە توبىركۇلىيۇز، كېزىك، تولغاق، زۇكام باكتېرىيىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ.

5.بىر مو ئىھاتە ئورمان 100 مو يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى قۇم-بوراندىن ساقلايدۇ.

6.بىر مو ئورمانلىق ئوخشاش كۆلەمدىكى ئورمانسىز جايغا قارىغاندا 20 توننا سۇنى ئارتۇق ساقلايدۇ.

7.بىر مو ئورمانلىق بىر يىلدا 200 ~ 500 كىلوگرامغىچە شاخ-شۇمبا، ئوتۇن ئىشلەپچىقىرىدۇ.

8.بىر مو ئورمانلىق بىر يىلدا 1000 ~ 2000 كىلوگرامغىچە مېۋە-چىۋە ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

9.بىر مو ئورمانلىق بىر يىلدا 1000 كىلوگرام غازاڭ ئىشلەپچىقىرىپ، جانلىقلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى