ئورگانىك خىمىيە

ئورگانىك خىمىيە خىمىيە ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئورگانىك ماددىلارنىڭ قۇرۇلمىسى، خۇسۇسىيىتى، تەركىبى، رىئاكسىيەسى ۋە ئۇلارنىڭ (سىنتېزلەش ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق) ھاسىل قىلىنىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەندۇر. ئورگانىك ماددا دېگىنىمىزدە كاربوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان (كاربوندىن باشقا ئېلېمېنتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن بولغان) ماددىلار، كاربون سۇ بېرىكمىلىرى ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئورگانىك ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى ھەرخىل بولىدۇ، قوللىنىش دائىرىسىمۇ ئىنتايىن كەڭ. سۇلياۋ ماتېرىياللار، دورىلار، نىفىت خىمىيە بويۇملىرى، يېمەكلىك، پارتلاتقۇچ دورا ۋە سىر قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئورگانىك ماددىلاردىن ئىبارەتتۇر. ئورگانىك ماددىلار بارلىق جانلىقلارنىڭ (ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىدىن باشقا) ئاساسلىق ياشاش جەريانىدا مەۋجۇتتۇر.