ئوسمان ئىسمايىل تارىم

ئوسمان ئىسمايىل تارىم
'
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1958-يىلى 1-ئاۋغۇست

شايار ناھىيىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى

مىللىتى ئۇيغۇر

ئوسمان ئىسمايىل تارىم 1958 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شايار ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شايار ناھىيىسىدە ئوقۇغان، 1975 – يىلى شايار ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، كۇچار خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1978 – يىلى 3 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1983 – يىلى 3 – ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ 1996 –يىلى 9 – ئايدىن 1997 – يىلى 7 – ئايغىچە سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنى تەربىيىلەش مەركىزىدە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. 1997 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ، 2000 – يىلى 9 – ئايدىن 2002 – يىلى 6 – ئايغىچە قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيېسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق دىسسېرتاتسىيىسى بىلەن ‹‹فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى›› ئۇنۋانىغا ئېرشكەن. 2007 – يىلى 11 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ باھالانغان. ھازىر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ماگستىر يېتەكچىسى ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى››نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. [1]

ھاياتى تەھرىرلەش

دوكتور ئوسمان ئىسمايىل تارىم خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، پۈتۈن زېھنىنى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قارىتىپ، مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ‹‹خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان››، ‹‹فولكلورشۇناسلىق››، ‹‹مۇقامشۇناسلىق››، ‹‹ لوگىكا››، ‹‹تىلشۇناسلىق›› قاتارلىق دەرسلەرنى، ئاسپىرانتلارغا ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى››، ‹‹چۆچەكشۇناسلىق››، ‹‹ئەدەبىياتشۇناسلىق››، ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەرەققىياتى››، ‹‹خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتشۇناسلىقى››، ‹‹فولكلورشۇناسلىق››، ‹‹سېلىشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىق›› دەرسلىرىنى ئۆتۈپ كەلدى.

ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ ئاز ئەمەس: 1994 – يىلى ئۇنىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار›› ناملىق كىتابى، 1998 – يىلى 1 – ئايدا ‹‹خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان›› ناملىق كىتابى، يېقىندا ‹‹ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. ئۇ يەنە ‹‹ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى›› ناملىق كىتابلارنى تۈزدى ھەم ‹‹جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىن – ئەپسانىلىرى لۇغىتى›› نى يېزىشقا قاتناشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى››، ‹‹ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتى››، ‹‹ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلە تەتقىقاتى››، ‹‹ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلە قوللانمىسى››، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەدەبىياتى››، ‹‹ئەدەبىيات كەسپى خەنزۇتىلى›› قاتارلىق كىتابلىرى ئارقا – ئارقىدىن جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يېقىندا ئۇ يەنە 12 توملۇق بۈيۈك ئەسەر ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى›› نىڭ تۆھپىكارلار قىسمىنى ئىشلەشكە قاتناشتى. ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 18 پارچە ماقالىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر خىل تىللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ 2000 – يىلى 9 – ئايدا قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان ‹‹زامانىۋى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى›› تېمىسىدىكى، 2001 – يىلى 5 – ئايدا بىلال نازىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 175 يىللىقىغا بېغىشلانغان ‹‹موللا بىلالنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى›› تېمىسىدىكى (قازاقستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن)، 2001 – يىلى 10 – ئايدا ‹‹قازاق تىلى تارىخى ۋە دىئالېكتولوگىيىسى›› تېمىسىدىكى (قازاقستان قاينار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن) خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بويىچە يۇقىرى سەۋىيىلىك دوكلات بېرىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئوسمان ئىسمايىل تارىم بىر ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە، ئىككى نازارەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار›› ناملىق ئەسىرى تۆتىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي پەنلەر نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹نادىر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا، 1999 – يىلى ئۆزى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن ‹‹كەسىپ ۋە ئەخلاق بويىچە يۈز نادىر شەخىس›› مۇكاپاتىغا، 2001 – يىلى 8 – ئايدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ‹‹خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى›› غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى.

ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ يۇقىرىقى جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى يەنە قازاقستاندىكى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رادىئو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بىرنەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرى باھا بېرىلدى.

ئوسمان ئىسمايىل تارىم ھازىر جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق كارىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ – مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ‹‹تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى››نىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىمەكتە.

باشقىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "ئوسمان ئىسمايىل ھەققىدە". Archived from the original on 2018-09-22. Retrieved 2018-09-20.

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش