ئوسمان ئىمپېرىيىسى

ئوسمان ئىمپېرىيىسى ياكى ئوسمانلى دۆلىتى (ئوسمانلىچە: دَوْلَتِ عَلِيّهٔ عُثمَانِیّه، دەۋلەتى ئالىي ئوسمانىييە، "بۈيۈك ئوسمانىيە دەۋلەتى")، 1299-1922 يىللار ئارىسى مەۋجۇدلىقىنى سۈردۈرگەن تۈرك دۆلىتىدۇر. دۇنيا تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئىمپىراتورلىقلاردىن بىرى بولمىش ئوسمان ئىمپېرىيىسى؛ شەرقىي ياۋروپا، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئاڧرىقا ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تەبىئىي چىگرىلىرىگە ئۇلاشقۇنچە قەدەر توپراقلىرىنى كېڭەيتكەن. شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ جۇغراپىيەگە ھەم تۈرلۈك مۇۋاپپەقىيەتلەر نامايەن قىلىپ قىسقا مۇدەتتىلىك بولسىمۇ لانزاروتە (1585)، مادېئىرا (1617)، لۇندي (1627-1632)، ۋەستمانن ئاراللىرى (1627-1628) بالتىمور (1631) قاتارلىق جايلارنى ڧەتىھ قىلغان ۋە بۇ يەردە بازالار قۇرۇپ زېرىكتۈرۈش ۋاستىلىرىنى قوللانغان.

دەۋلەتى ئالىي ئوسمانىيە

دَوْلَتِ عَلِيّهٔ عُثمَانِیّهOsmanlı İmparatorluğu

1299-1922
شۇئار

دولت ابد مدت (دەۋلەتى ئەبەد مۇددەت)
ئەبەدىي ياشىغۇچى دۆلەت

رەشادىيە مارشى
(پادىشاھ مارشى[1], 1909-1918)
ئوسمانلى دۆلىتى مارشلىرى
پايتەخت





سۆگۈت، دومانىچ

(1326-1302)
بۇرسا (1326-1365)
ئەدىرنە (1365-1453)
ئىستانبۇل (1453-1922)

تىل(لار) ئوسمانلى تۈركچىسى
دىن سۈننىي ئىسلام
پۇل بىرلىكى ئاقچە (1327-1687)

سۇلتانى قۇرۇش  (1687-1922) لىرا  (1884-1922)

ئىدارى سېستىما




مۇتلەق مۇنارخىيە
(1299–1876)

(1878–1908) (1920–1922)
پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق
(1876–1878)
(1908–1920)

پادىشاھ
- 1299-1326 (تۇنجى) ئوسمان غازى
- 1444–1446

- 1451–1481

فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد
- 1512–1520 ياۋۇز سۇلتان سەلىم
- 1520–1566 قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان
- 1918–1922 (ئاخىرىقى) مەھمەت ۋاھدەتدىن
ئاھالە
1683- يىل
1914- يىل
16 مىلىيون
23 مىلىيون 800 مىڭ
يەر مەيدانى
1683- يىل
1914- يىل
5.200.000 km2

1.800.000 km2


1683-يىلىدىكى زېمىنى

ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئوغۇزلارنىڭ قايى قەبىلىسىگە مەنسۇب ئوسمان غازى؛ سوگۈت ۋە دومانىچ ئەتراپىدا، ئاناتولىيە سەلجۇقىي دۆلىتىنىڭ قشلاقى ۋە ئۇچبېگى سۈپىتىدە تەسىس قىلىنغان رايوندا، سەلجۇقىي سۇلتانى ئالائىددىن كەيقۇبات III نىڭ ئىلىخانىيلار تامانىدىن ئىرانغا ئېلىپ كېتىلىشى نەتىجەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھاكىمىيەت بوشلىقىدىن سەبەب مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ 1299- يىلى قۇرۇلغان. دۆلەت؛ تۆرتىنچى پادىشاھ بولغان يىلدىرىم بايەزىدنىڭ تىمۇرغا ئەسىر تۈشىشى بىلەن تەپرىقىچىلىك دەۋرىگە كىرگەن، 11 يىل سۈرگەن تەخت غەۋغالىرىدىن سوڭرە مەمەت چەلەبى، تەپرىقىچىلىق دەۋرىگە نىھايەت بەرگەن. ڧاتىھ سۇلتان مۇھەممەد كونىستانتانىيەنى ڧەتىھ قىلىدىغان شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنى ئاخىرىلاشتۇرغان. بەزى مۇئەررىخلەرگە كۆرە بۇ زەڧەر بىلەن ئوتتۇرا ئەسر ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر دەۋىرگە كىرگەن. شۇنداقلا بۇ ڧەتىھ بىلەن بىرگە دۆلەت رەسمىي ئىمپېراتورلۇق بولغان.

1280 ئىمپېرىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان تەختكە چىقتى

1299 ئوسمان سەلجۇق ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقتى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى قۇرۇلدى.

1326 ئوسماننىڭ ئوغلى سۇلتان ئورخان غازى بۇرسانى ئىشغال قىلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختى قىلدى.

1352 ئىمپېرىيە ئارمىيىسى داردانېل بوغۇزى (چاناققەلئە بوغۇزى) دىن تۇنجى قېتىم ئۆتتى. ئىمپېرىيىنىڭ ياۋروپاغا كېڭىيىشى باشلاندى.

1361 سۇلتان بىرىنچى مۇراد ئادرىيانوپول (ئەدىرنە) شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئىمپېرىيە پايتەختىنى بۇ شەھەرگە كۆچۈردى.

1386 ئوسمان ئىمپېرىيىسى بۇلغارىيىنى ئىشغال قىلدى.

1389 بىرىنچى قېتىملىق كوسوۋو ئۇرۇشى پارتلىدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى سېربىيىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىشغال قىلدى.

1396 سۇلتان بىرىنچى بايازىد ئىمپېرىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ پۈتكۈل بۇلغارىيە ۋە سېربىيىنى ئىشغال قىلدى.

1402 تېمۇر-ئوسمان ئۇرۇشى پارتلىدى. تېمۇر (ئاقساق تېمۇر) ئوسمان ئىمپېرىيە زېمىنىغا بېسىپ كىردى. ئوسمان ئارمىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. سۇلتان بىرىنچى بايازىد ئەسىرگە ئېلىنىپ، كېيىن ئۆلتۈرۈلدى.

1402 ~ 1413 سۇلتان بايازىدنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۆت ئوغلى ئارىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىدى. سۇلتان مەھمەد چەلەبى تەختنى قولغا ئالدى.

1423 ~ 1430 ئوسمان-ۋېنتىسىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسى دېڭىز ئارمىيىسى ئوتتۇرا دېڭىزنى كونترول قىلدى.

1448 ئىككىنچى قېتىملىق كوسوۋو ئۇرۇشى پارتلىدى. ئىمپېرىيە پۈتۈن بالقاننى كونترول قىلدى.

1453 ئوسمان-ۋىزانتىيە كونستانتىنوپول (ئىستانبۇل) مۇھاسىرە ئۇرۇشى پارتلىدى. سۇلتان فاتىھ مەھمەد قوماندانلىقىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئارمىيىسى ۋىزانتىيىلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلدى. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى كونستانتىن ئۇرۇشتا ئۆلدى. ئىمپېرىيە پايتەختى ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلدى.

1454 توپقاپى سارىيىدا قۇرۇلۇش باشلاندى.

1454 ~ 1481 سۇلتان فاتىھ مەھمەد گرېتىسىيە، ترابزون ۋە قىرىمنى ئىستېلا قىلدى.

1514 ئوسمان-سەفەۋىي چالدىران ئۇرۇشى پارتلىدى. ئوسمان سۇلتانى سەلىم سەفەۋىي شاھى ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلىپ، تەبرىزنى ئىشغال قىلدى. ئىمپېرىيە ئارمىيىسى نۇرغۇن پارس سەنئەتكار، ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر ئېلىپ ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەتتى.

1516 ~ 1518 سۇلتان سەلىم قوشۇن باشلاپ شەرقىي ئاناتولىيە، ئىراقنىڭ شىمالى قىسىمى، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ ھىجاز رايونىنى ئىشغال قىلدى.

1520 ئوسمان سۇلتانلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن سۇلتان سۇلايمان تەختكە چىقتى.

1521 سۇلتان سۇلايمان قوماندانلىقىدىكى ئىمپېرىيە ئارمىيىسى بېلگرادنى ئىشغال قىلدى.

1522 رودېس ئارىلى ئۇرۇشى پارتلىدى. ئىمپېرىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئارالنى ئىشغال قىلدى.

1526 موھاكس ئۇرۇشى پارتلىدى. سۇلتان سۇلايمان ۋېنگىرىيە-بوھېمىيە بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇداپېشتنى ئىشغال قىلدى.

1526 فرانسىيە پادىشاھى سۇلتان سۇلايماندىن ئاۋستىرىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلدى. سۇلتان سۇلايمان ماقۇل بولدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ياۋروپا دىپلوماتىيىسدە كۈچلۈك ئورۇنغا چىقتى.

1528 ۋېنگىرىيە پادىشاھى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھامىي ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلدى.

1529 ئىمپېرىيە ئارمىيىسى ۋېنانى بىرىنچى قېتىم مۇھاسىرىگە ئالدى. كېيىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ مۇھاسىرىنى بوشىتىپ چېكىندى.

1533 ئىمپېرىيە ۋەزىرى ئىبراھىم پاشا باشچىلىقىدا زور كۆلەملىك شەرق دېڭىز ئېكىسپېدىتسىيىسى باشلاندى.

1533 ~ 1534 ئىمپېرىيە ئارمىيىسى گېنىرالى خەيرۇددىن پاشا ئالجىرىيە ۋە تۇنىسنى ئىشغال قىلدى.

1534 ~ 1535 سۇلتان سۇلايمان ئىراق ۋە ئىراننى ئىشغال قىلدى.

1538 پرېۋىزا دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى. ئىمپېرىيە دېڭىز ئارمىيىسى ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا دېڭىزنى كونترول قىلدى.

1566 ئىستانبۇلنى ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىققان سۇلتان سۇلايمان ۋاپات بولدى. ئوغلى سۇلتان ئىككىنچى سەلىم تەختكە چىقتى.

1569 ئىستانبۇلدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1571 لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى. ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئوسمان دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

1588 مېمار سىنان ۋاپات بولدى.

1609 سۇلتان ئەھمەد جامەسى قۇرۇلۇشى باشلاندى.

سۇلتان فاتىھ مەھمەد ئىستانبۇلغا كىردى (1453)

1622 سۇلتان ئىككىنچى ئوسمان ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىدىكى زور كرىزىسلارنى يېڭىپ، سۇلتاننىڭ ئارمىيىگە بولغان مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتتى.

1638 سۇلتان تۆتىنچى مۇراد شەرققە بويسۇندۇرۇش يۈرۈشى قىلىپ، باغدادنى ئىشغال قىلدى.

1645 ~ 1669 ئوسمان ئارمىيىسى ۋېنتىسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، كىرتنى ئىشغال قىلدى.

1648 ئىستانبۇلدا زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.

1661 ئىستانبۇلدا ئىككىنچى قېتىم زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1678 سۇلتان تۆتىنچى مەھمەد ئاۋستىرىيىگە يۈرۈش قىلىپ، بېلگرادنى قايتا ئىشغال قىلدى.

1683 ئىمپېرىيە ئارمىيىسى ۋەزىر قارا مۇستافا پاشانىڭ رەھبەرلىكىدە ۋېنانى ئىككىنچى قېتىم مۇھاسىرىگە ئالدى. ۋېنا ئىشغال قىلىندى.

1686 ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋېنگىرىيىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

1693 ئىستانبۇلدا يەنە بىر قېتىم زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1699 ئوسمان ئىمپېرىيىسى كارلوۋىتز تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، پېلوپوننېس، پودولىيە ۋە ئازوۋنى دۈشمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

1711 ئوسمان ئىمپېرىيىسى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ۋەزىر پالتىچى مەھمەد پاشا قوماندانلىقىدىكى ئىمپېرىيە ئارمىيىسى چار پادىشاھ پېتىر ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پېتىرنى قورشىۋالدى. چار پادىشاھ پېتىر قورشاۋدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.

1712 رۇسىيە-ئوسمان تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1718 1720 ~ 1730 ئوسمان ئىمپېرىيىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە ئەلچىخانا تەسسىس قىلدى.

1739 بېلگراد تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بېلگراد ئىمپېرىيە زېمىنىغا قايتىدىن قوشۇلدى.

1750 ئىستانبۇلدا يەنە بىر قېتىم غايەت زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ شەھەرنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلدى.

1754 ئىستانبۇلدا قاتتىق يەر تەۋرىدى.

1769 رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى بۇزۇلدى. ئۇرۇش قايتا باشلاندى.

1774 ئوسمان ئىمپېرىيىسى رۇسىيە بىلەن ھاقارەتلىك كۈچۈك-كاينارجى كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى.

1779 رۇسىيە قىرىمنى ئىشغال قىلدى.

1782 ئىستانبۇلدا 50 نەچچە سائەت سوزۇلغان زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1789 سۇلتان ئۈچىنچى سەلىم ھەربىي ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى جەھەتتە غەربنى ئۈلگە قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

1790 رۇسىيە ۋە ئاۋستىرىيىگە قارشى ئوسمان-پرۇسىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلدى.

1798 ناپولېئون مىسىرنى ئىشغال قىلىپ، سۈرىيىگە ئىلگىرىلىدى.

1807 ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى چاناققەلئەدىن زورلۇق بىلەن ئۆتمەكچى بولدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرلا ۋاقىتتا ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.

1808 ئىمپېرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، پايتەختتە بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بولدى. سۇلتان ئۈچىنچى سەلىم تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ كېيىن ئۆلتۈرۈلدى.

1821 گرېتىسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىدى.

1826 سۇلتان ئىككىنچى مەھمۇد ئىزچىلار قوشۇنىنى بىكار قىلدى.

1827 گرېتىسىيە-ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسى ئىمپېرىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

1830 گرېتىسىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولدى.

1838 ئوسمان-ئەنگىلىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1853 ~ 1856 قىرىم ئۇرۇشى پارتلىدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى.

1864 ئىستانبۇل كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، ۋاللاچىيە، مولدوۋا ۋە رۇمىنىيە ئىمپېرىيىدىن ئايرىلىپ چىقتى.

1867 سۇلتان ئابدۇلئەزىز خان ياۋروپاغا زىيارەتكە باردى.

1875 بالقاندا قوزغىلاڭلار پارتلىدى.

1876 ئىمپېرىيىدە تۇنجى قېتىم پارلامېنت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.

1877 رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش پارتلىدى. ئىمپېرىيە ئارمىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد خان پارلامېنتنى تارقىتىۋەتتى.

1878 ياۋروپا دۆلەتلىرى بېرلىن كېلىشىمى ئىمزالاپ بۇلغارىيىگە ئاپتونۇمىيە ھوقۇقى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنمىدى.

1881 فرانسىيە تۇنىسقا بېسىپ كىردى. مۇستافا كامال دۇنياغا كەلدى.

1882 ئەنگىلىيە مىسىرنى ئىشغال قىلدى.

1895 ئىمپېرىيىنىڭ بالقاندىكى ئەڭ ئاخىرقى زېمىنى بولۇپ قالغان ماكېدونىيىدە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىدى.

1897 بىرىنچى قېتىملىق يەھۇدىي قىساسچىلىق ھەرىكىتى قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يەھۇدىيلار ئىمپېرىيە زېمىنى بولغان پەلەستىنگە كۆچۈپ كىرىشكە باشلىدى.

1900 فرانسىيە ماراكەشنى بېسىۋالدى.

1908 بۇلغارىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. كىرىت گرېتىسىيىگە قوشۇلدى.

1908 ياش تۈركلەر ھەرىكىتى پارتىلاپ سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد تەختتىن چۈشۈرۈلدى. ئىككىنچى پارلامېنت دەۋرى باشلاندى.

1912 بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. سېربىيە، گرېتىسىيە ۋە بۇلغارىيىلەر بىرلىشىپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى.

1912 ئالبانىيە ئىمپېرىيىدىن ئايرىلىپ چىقتى.

1913 ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەدىرنەنى قايتۇرۇۋالدى. ئىمپېرىيىنىڭ ياۋروپادا ئىستانبۇل ۋە ئەدىرنەدىن باشقا زېمىنى قالمىدى.

1914 بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى گېرمانىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشتى.

1914 ئەنگىلىيە سىپرۇسنى ئىشغال قىلدى.

1917 ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئېرۇسالىمغا كىردى

1918 تۈركىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى؛ گرېتىسىيىلىكلەر ئاناتولىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.

1918 ~ 1921 مۇستافا كامال ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ چەت ئەل كۈچلىرىنى تۈركىيىنىڭ ئانا زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.

1919 ~ 1922 تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشى پارتلىدى.

1920 پەلەستىن ۋە مېسوپوتامىيە تولۇق قولدىن كەتتى.

1922 ئاخىرقى ئوسمان سۇلتانى ۋاھىدەددىن مەھمەد تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىندى.

1923 تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرى ئاخىرلاشتى

مەنبەلەر

تەھرىرلەش
  1. Kudret Emiroğlu, Gündelik Hayatımızın تارىخى, Dost Kitabevi, 2001, ISBN 9758457667, s. 494.