ئوسما قويۇش ئويۇنى

ئوسما - ئۇيغۇر خانم - قىزلىرىنىڭ پەخرى. ئۇلار كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئالتۇن دىيارنىڭ باشقا سان - ساناقسىز نېمەتلىرى قاتارى ئوسمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى، ياش - قۇرامى، چىراي شەكلى، رەڭگى ھەتتا مىجەز - خاراكتېرىگە ماس ھالدا قاشلىرىنى قويۇق، قارا، مۇۋاپىق ئىنچىكە - توملۇقتا يېتىلدۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. بۇ ئارقىلىق بارا - بارا <قەلەم قاش>، <قىياق قاش>، <قامچا قاش> لارنى شەكىللەندۈرگەن. باشقىسىنى دېمىگەندىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان <قاشىڭ قامچىدەك يارىم، ساچىڭ سالمىدەك يارىم، ئىككىلىڭ قىزىلگۈلدەك، قايسىڭدىن كېچەي يايرىم> دېگەن قوشاقنىڭ ئۆزىلا بۇ پىكىرىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك دەلىلىدۇر. دېمەك، <ئوسما قويدۇم ئويۇنى> ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا ئەسىرلەردىن بۇيان ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارغا گۈزەللىك، مەنىۋى ئوزۇق، چىرايلىق ھۆسىن بەخش ئېتىپ كېلىۋاتقان ئوسما قويۇش ئادىتىدىن كېلىپ چىققان. ئوسما قويۇش ئويۇنى كۆپىنچە ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرى، ھويلا - ئارام ۋە باغلاردا تۆت ياشتىن يۇقىرى ئۆسمۈر قىزلار ۋە ياش قىزلار تەرىپدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىزلار بۇ ئويۇننى ئويناش ئالدىدا يۈز - كۆزلىرىنى پاكىزە يۇيىدۇ. ئىمكانىيەتكە قاراپ ئاتا - ئانىلىرى تېرىپ ئۆستۈرگەن ئوسما (شۇنداق سۈپەتكە ئىگە باشقا ئۆسۈملۈك بولسىمۇ بولىدۇ)، سۈپۈرگە ياغىچى ئۇچىغا قايتا يۆگەلگەن پىلتە ۋە پىيالە تەييارلايدۇ (شۇ كۈنلۈك ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان بىر گۇرۇپپا ئادەمگە بىر پىيالە بىلەن بىر تال پىلتە بولسا يېتىدۇ). ئاندىن ئۆزلىرى ئارىسىدىن بىر قىزنى <ئانا> سايلايدۇ. <ئوسما> تەييار بولغاندىن كېيىن، باشقا قىزلار <ئانا> ئەتراپىنى چۆرىدەپ، ئوسما قويۇش نۆۋىتىنى كۈتىدۇ. <ئانا> پىلتىنى قولىغا ئېلىپ، بۇ ئويۇنغا ئىشتىراك قىلغان قىزلارغا بىر باشتىن <ئوسما قويۇپ> چىقىدۇ ياكى شۇ خىل ھەرىكەتنى دورايدۇ. قېشىغا ئوسما قويۇلۇپ بولغان قىزلار: <ئوسما يارىشىپتىمۇ؟>، <ئوسما ئىچىپتىمۇ> دەپ سورىشىدۇ ياكى <ئوسماڭ ئىچىسۇن>، <ئوسماڭ ياراشسۇن>، <قېشىڭ ئاۋۇپ كەتسۇن...> دېيىشىپ ئۆز ئارا قۇتلۇقلىشىدۇ. بۇ ئويۇن ئومۇمەن بىر يىلنىڭ ھەر قايسى پەسىللىرىدە ئويناشقا باب كېلىۋېرىدۇ. قىزلار بوش ۋاقىت، ماددىي تەييارلىقلارنىڭ ھازىرلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ خالىغان چاغدا يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە ئويناۋېرىدۇ. ھەر قېتىملىق ئويۇندا باشقا - باشقا قىز <ئانا> بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ئويۇن قىزلارنى ئۆزىنى ئۆزى بىلىشكە، ئۆز دىيارىنىڭ ئەۋزەل شارائىتلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشقا، پاكىز، چىرايلىق ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆز ئارا ئىززەت - ھۆرمەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىسىز ۋە پايدىلىق نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە، تەبىئىي گۈزەللىكىنى قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش