ئوغۇز ھەمرانىڭ
مەرھۇم شائىر ئوغۇز ھەمرانىڭ تەرجىمھالى
موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا 1908-يىلى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدا ، ھەمرا تۇردى ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن .
ئۇ 1925-يىلغىچە ئائىلە تەربىيسى ۋە تاشمىلىق يېزىسىدىكى جورى باي دىگەن كىشىنىڭ دىنىي مەكتىپىدە ،قەشقەر شەھرىدىكى چاسا خانلىق مەدىرىسىدە ئوقوغان . 1925-يىلى سودا كارۋانلىرى بىلەن بىرگە ھىندىستانغا بارغان . 1935-يىلغىچە ھىندىستاننىڭ يىڭى دىھلى شەھىردىكى دارىلفۇنۇندا،ۋە شۇ جايدىكى<< يۇيانى>> دورىخانسىدا تىببىي ئىلىم ئۆگىنىش،دورا ياساش ئىشلىرىنى ئۆگەنگەن .
1935-يىلدىن كىيىن،دېڭىز ئارقىلىق ئىچكىر ئۆلكىلەرگەبېرىپ،نەنجىڭ،شاڭخەي،چۇڭچىڭ، لەنجۇ قاتارلىق جايلاردا ،بىلىم ئاشۇرۇش ،دورىگەرلىك ،دوختۇرلۇق،ئوقۇتقۇچىلىق ،تەتقىقات قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان . موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا چەتئەللەردە،ئىچكىر ئۆلكىلەردە ،ئىلىم ئۆگىنىش،جاھاننى كۈزىتىش جەريانىدا،ۋەتەننىڭ خاراپ،مىللەتنىڭ نادان،قالاق ھالەتتە،خەلىقنىڭ زۇلۇم ئاستىدا تۇرۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئېچىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كىرەكلىكىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان . 1947-يىلى ئىچكىر ئۆلكىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ،خەلىقچىللىقنى يولغا قۇيۇش، مىللەتلەر تەڭ باراۋەرلىكتە ياشاش،زۇلۇمنى يوقۇتۇش،يولىدا ئەمەلىي ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇ بىر خاتىرسىدە ،<< ئۇلۇغ، شان- شەۋكەتلىك مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنىلىكىنى،مىللىي ھوقۇق - باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلدىم،مىللەتنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،مائارىپتىكى تەڭلىك -تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەندىم،ئاندىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،مىللەتنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن يېزىشقا كىرىشتىم >> دەپ يېزىپ قالدۇرغان .
ئۇ مىللەتنى ئويغۇتۇش،مىللىي تىلنى،مىللىي تاۋارلارنى سۆيۈش قاتارلىق ئەمەلىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان .
1948-يىلى ئۈرۈمچىدە نۇرغۇنلىغان ئىقتسادنى سەرپ قىلىپ،يەرلىكتە ئىشلەنگەن ماتا،چەكمەن، بەقسەم،شايى،ئەتلەس يەرلىك ماللارنى تۆگىلەرگە ئارتىپ،ناغرا،سۇنايلارنى چېلىپ ، مىللى سانائەتنى راۋاجىلاندۇرۇش،مىللىي تاۋارلارنى سېتىۋىلىش بيىچە نامايىش قىلىپ ، چەت ئەل ماللىرىغا بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان .
ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ئۈرۈمچىنى زىل-زىلگە سالغان ھەم بۇ توغۇرلۇق ماقالىلەر يېزىلغان . ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغىرسىدا پىلان-پىروگىراممىلارنى تۈزۈپ ، تەكلىپ -پىكىرلەرنى يېزىپ،ھۆكۈمەتكە سۇنغان ھەم خەلىققە ئېلان قىلغان . ئۇ يەنە ئاممىۋى سورۇنلاردا،مىللەتنى سۆيۈش، مىللىي تىلنى سۆيۈش ،زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش توغۇرلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە گىزىت ژۇرناللاردا ماقالە-شېئىرلارنى ئېلان قىلغان . موللا مۇھەممەت ئوغۇز ھەمرا، بىر مىللەتپەرۋەر بۇلۇپلا قالماسىتىن يەنە كامالەتكە يەتكەن دوختۇر ھەم تارىخچى تىلچىدۇر .
ئۇ ئەرەپ،پارىس،ئوردو،تۈرك،خەنزۇ،مۇڭغۇل،تىبەت تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن . ئەرەپ،پارىس،ئوردو يېزىقىدىكى كۆپلىگەن تىببىي كىتاپلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان . ئۇ << تىببىي گۈلدەستە >>،<<ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەھۋالى>>،<< ئىپتىدائىي دۇنيا تارىخى>> ،<< جۇڭگو شىنجاڭ تارىخى >>،<< قەشقەر تارىخى >>،<< ئىلى تارىخى >>، قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان .
شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كىيىن ،يۇرتى تاشمىلىققا قايتىپ كەلگەن ۋە ئۆزىنىڭ بىلىمىنى كۆرسەتكۈچە ،تۈرلۈك تۈمەن پىشكەللىككە دۇچ كەلگەن . ئاتا-ئانىسى باي بولغاچقا << پومچىك >> قالپىقى ۋە باشقا قالپاقلارنى ئۈستى-ئۈستىلەپ كىيىپ،كىيىنكى ئۆمىرى ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتكەن . كىشىلەر بىلەن كۈرۈشۈش،سۆزلىشىش مەنئى قىلىنغان . شۇنداق بولسىمۇ ،ئۆزىگە بىرىلگەن كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۆيدە،خام خىشتىن ئۈستەل ياساپ، پۇرسەت تاپسىلا شېئىر ۋە ئەسلىمىلەرنى يازغان . ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا << ھەسرەت >> نامىلىق شېئرىنى يېزىپ ،پۈتۈن ھاياتىدىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى خۇلاسىلىگەن . ھەسرەت ناملىق شېئىردىن پارچىلار
بىلىم ئالدىم چەت ئەلدە، كۆپ ئەجرىم تۆكۈپ،
ئۇلۇغ ۋەتەن ،خەلقىمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ .
يۇرىتنى سېغىنىپ قايتىپ كەلدىم ئۈمىدتە ،
بىراق ئارمان بولدى پايمال ،شارائىت كۈتۈپ .
ئويلىسام ،ئەلدىن يىراقلاپ ،كىمگە مەن يېقىن بولدۇم ،
بولمىدى ئەركىم ئەسلا ،دىكتاتۇرغا يېقىن بولدۇم .
ۋادىرىخ! ھەسرەت چىكىپ غەمگە مۇپتىلا بولدۇم ،
نېپى يوق قۇرۇق دەريا،سۈيى يوق ئېقىن بولدۇم .
....................................
كېسلىم ئېغىرلاشتى ،كېتەر بولدۇم گورۇستانغا ،
تەلمۈردۈم دىيارىمغا،چىمەنزار- گۈلىستان غا .
كاج پەلەك نابۇت قىلدى ،ئەجەلنىڭ ئەلچىسى كەلدى ،
قالدۇراي ئەرزىمنى مەن ،قادىر ئىگەم -سۇلتانىغا .
1977-يىلى 5-ئايدا بولغۇسى ئىھتىماللقلارنى كۆزلەپ ئالدىن-ئالا ئۆزىنىڭ ئېڭىكىنى قۇشۇپ ، پۇتىنى چېتىپ،بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان .
ئەتىسى ئىشقا سۈيلەپ كەلگەنلەر ئۇنىڭ ئەشۇ ھالەتتە ياتقان جەسىدىنى كۆرۈپ داڭ قىتىپ قالغان. << مەدەنيەت ئىنقىلاۋى >> مەزگىلىدە شائىرنىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلۇپ ،كۆپلىگەن كىتاپلىرى، ئەسەرلىرى ئىسيانچىلار تەرپىدىن كۆيدۈرۋىتىلگەن .
يەنە بىر قىسم ئەسەرلىرى باشقىلار تەرپىدىن ئېلىپ كىتىلگەن بۇلۇپ، ھازىر بار يوقلۇقى نامەلۇم .
موللا مۇھەممەد ئوغۇز ھەمرا شېئىرلىرىدىن ؛
كىرەك
ۋەتەن بىلەن مىللەت كىرەك ،بۇ سۆزنى چىن ئاڭلاش كىرەك ،
قەھىرىمانلىق خىسلەتكە باي ئەنئەنىنى ساقلاش كىرەك .
مىللەت غېمى باشقا چۈشتى ،چوڭقۇر ئويلا بۇنى بىلگىل ،
ئەلنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدىنى كۈرەش بىلەن ئاقلاش كىرەك .
مىللەت ئىشى پارلاق بەخىت ،بارچە ئىشتىن يۈكسەك ئىشتۇر،
ئۆز كۈنىنى ئويلىغانلار بەختى قارا ئابدال كىشىدۇر .
دۇنيادا ھۆر ياشاش ئۈچۈن نىمە كىرەك ،بىلمەك كىرەك ،
ئوقۇپ،بىلىپ ئىلىم -پەننى ،دائىما چىلىشىش كىرەك .
ئۇقماق بۇلۇپ قانداق ئوقۇش ،قانداق بىلىش لازىم دېسەڭ ،
كۈرەش قىلىپ ،ئىجاد قىلىپ،كەشپىياتلار چىقىرىش كىرەك .
بۇ شېئىر 1948-يىلى شىنجاڭ گېزىتىگە بىسىلغان .
مەنبە؛ قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 1986-يىل 6- سان