ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى

(گوۋۇيۇەننىڭ 188- نۇمۇرلۇق پەرمانى 1995-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىلان قىلىنغان) بىرىنجى باب ئومۇمى قائىدە 1-ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ،ئوقۇتقۇچىلار قوشونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، <<جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى>> غا ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىلىدى. 2-ماددا جۇڭگۇ پۇقرالىرى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا تەلىم- تەربىيە ئورگانلىرىدا مەخسۇس تەلىم- تەربىيە ، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇن بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتگە ئىرىشش لازىم. 3-ماددا گووۋۇيۇەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. ئىككىنجى باب ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئىشلىتىلىشى 4-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ: 1.بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 2. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 3. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىز كەسپى مەكتەپلەرنىڭ مەدىنىيەت دەرس، كەسپى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيتى . 4. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 5.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر ، تىخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ،كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەدىنىيەت دەرسى، كەسپى دەرس ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 6. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، تىخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ،كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يىتەكچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 7.ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيتى چوڭلار مائارىپ قاتلىمى بويىچە يۇقارقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. 5-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە ئىرىشكەن پۇقرالار شۇ دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا مائاىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا بولىدۇ،ئەمما ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردە پىراكتىكا يىتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە ئىرىشكەن پۇقرالارئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، تىخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ،كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۈسىتىگە ئالالايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆزئارا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. ئۈچىنچى باب ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ شەرتلىرى 6- ماددا ئوقۇتقۇچلۇق سالاھىيتىنىڭ شەرتلىرى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»نىڭ 10- ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن ئىجىراقىلنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى «تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارى» دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن بولغان تەلىم – تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىشتىكى بەدەن شەرتىنىمۇ ئۆزئچىگە ئىلىشى كىرەك . 7- ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىگە ئىرششتە ھازىرلاش زۈرۈر بولغان ئوقۇش تارىخى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن»نىڭ 11- ماددىسىدىكى بەلگىلمە بويچە ئىجىرا قىلنىدۇ.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يىتەكچىلىكى بويچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىگەئىرششتە گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بەلگىلىگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلاش ھەمدە ياردەمچى ئىنژېنېردىن يۇقۇرى كەسپى تىخنىكا ۋەزىپىسىگە ياكى ئوتتورا دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تىخنىك ئىشچى دەرىجىسىگە ئىگە بولىشى كىرەك تۆتىنچى باپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى ئىمتىھانى 8-ماددا «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن»دىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى بويچى ئوقۇش تارىخى ھازىرلىمىغان پۇقرالار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتىگە ئىرششنى ئىلتىماس قىلىشتا دۆلەت ئۇيۇشتۇرۇش ياكى ئىتىراپ قىلىشنى ماقۇللىغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىمتىھانىغا قاتنشش كىرەك . 9- ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى ئىمتھاننىڭ پەن تۇرى ئۆلچىمى ۋە ئىمتىھان پىرۇگىراممىسى گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىكىتىلدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىمتىھاننىڭ ئىمتاھان سۇئاللىرى چىقىرىش ئىمتاھان ئىشلىرى خىزمىتى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسى ئىسپاتىنى تارقىتىشتا باللار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى ۋە ئوتتۇرا دەرجىلىك مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يىتەكچىلىكى بويچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى ئمتىھانىغا تەۋە بولغانلىرىنى ناھيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلىق ھۆكۇمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيەت ئىمتاھانىغا تەۋە بولغانلىرى گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مامۇرى تارماقىلىرى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى ھاۋالە قىلغان ئالى مەكتەپلەر تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. 10-ماددا بالىلار باغچىسى ،باشلانغۇچ مەكتەپ،تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى پراكتىكا يىتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ھەر يىلى بىر قىتىم ئىلىپ بىرىلىدۇ.يۇقىرىدا ئىيتىلغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتھانىغا قاتنىشىپ ئىمتاھان ئىلىنغان پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە لاياقەتلىك بولغانلارغا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتاھانىدا لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپاتى بىرىلىدۇ. شۇيىلىق ئىمتاھاندا لاياقەتسىز بولغان پەنلەردىن كىيىنكى يىلى تولۇقلاپ ئىمتاھان بىرىشكە بولىدۇ . تولۇقلاپ ئىمتاھان بىرشتە يەنىلا بىر ياكى بىردىن يۇقۇرى پەندىن لاياقەتسىز بولغانلار ئىمتاھان بىرلىدىغان بارلىق پەنلەردىن ئىلىندىغان ئىمتىھانغا يىڭى باشتىن قاتنشش لازىم. 11- ماددا ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى ئىمتاھانى ئىھتىياجىغا قاراپ ئىلىندۇ ، ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى ئىمتاھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلرنىڭ ئۈگۈنۈشتە ئاالاھىدىلىكى بولىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كەسپتىكى ئىككى پىرافىسور ياكى ياكى دوتسسىنىت تونۇشتۇرىشى كىرەك . بەشىنچى باپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنىڭ ئىتراپ قىلنىشى 12- ماددا « ئوقۇتقۇچىلار قانۇن»دا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىغان ياكى ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى ئىتراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. 13- ماددا بالىلار باغچىسى ،باشلانغۇچ مەكتەپ،تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھيە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن ئىتراپ قىلندۇ . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپوسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھيە دەرجىلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرنىڭ مائارىىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن تەكشۇرۈلگەندىن كىيىن، بىردەرىجە يۇقۇرى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئىتراپ قىلىشغا يوللىندۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ۋە ئوتتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەرنىڭ پىراكتىكا يىتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىشغا ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئىتىراپ قىلىشقا تەشكىللەيدۇ.گوۋۇيىننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى يىاكى ئۆلىكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ھاۋالە قىلىنىغان ئالى مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خادىملار ۋە تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىنى بىكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن ھاۋالەقىلنمىغان ئالى مەكتەپلەردىكى ۋەزىپىگە تەيىنىلەنگەن خادىملار ۋە تەكلىپ قىلىنماقچى بولغان خادىملارنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى مەكتەپلەرنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىك مۇناسىۋىتى بويىچە گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىدۇ ياكى مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇري تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىدۇ. 14-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىتىراپ قىلىشتا، شۇ كىشى ئۆزى ئىلتىماس قىلش كىرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ھاۋالەقىلنىغان ئالى مەكتەپلەر ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىلىدە ھەر قايسى بىر قىتىمدىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى ئىتىراپ قىلىش ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىشنى قوبۇل قىلىدۇ. كونكېرىت قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش مۇددىتى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالەقىلىنغان ئالى مەكتەپلەر تەرپىدىن بەلگىلنىدۇھەم مۇۋاپىق شەكىلدە ئىلان قىلنىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى بەلگىلەنگەن قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلش مۇددىتى ئىچىدە ئىلتىماس قىلىشى كىرەك . 15- ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى ئىتىراپ قىلشنى ئىلتىماس قىلشتا، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى بىكىتىش ئىلتىماس جەدىۋىلى ۋە تۆۋەندىكى ئىسپات ياكى ماتىرياللارنى تاپشۇرشى لازىم . 1. سالاھيەت ئىسپاتى؛ 2. ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى ئىمتىھان بويىچە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ؛ 3. مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالەقىلغان ئالى مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن دوختۇرخانلارنىڭ بەدەن تەكشۇرۇش ئىسپاتى؛ 4. نوپوسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالىلەر ئىش باشقۇرۇش ئورنى يىزلىق خىەلق ھۆكۇمىتى ياكى خىزمەت ئورنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپنىڭ ئۇنىڭ ئىدىيە - ئەخلاقى ، جىنايەت ئۆتكۇزگەن، ئۆتكۇزمىگەنلىك خاتىرسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى باھاسى ۋە ئىسپات ماتىرىيالى . تاپشۇرغان ئىسپاتى ياكى ماتىرىيالى تولۇق بولمىغانلارغا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالەقىلنغان ئالى مەكتەپلەر ئىلتىماس قىلغۇچىغا قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش مۇددىتى ئاخىرلششتىن بۇرۇن تولۇقلاپ بىرىشنى ئۆزۋاختىدا ئۇقتۇرۇش لازىم . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى ئىتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى گوۋۇيۇەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن بىرتۇتاش قىلىپلاشتۇرلىدۇ. 16- ماددا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالەقىلغان ئالى مەكتەپلەر پۇخرالارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى ئىتىراپ قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شەرتىنى تەكشۇرۇش؛ شەرتى ئىتراپ قىلشقا مۇۋاپىق كەلگەنلەرگە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ۋاختى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى 30 كۇن ئىچىدە مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى گۇۋانامىسىنى تارقىتىپ بىرىش ئىتىراپ قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلارغا قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش ۋاختى ئاخرلىشىپ 30 كۇن ئىچىدە ئىتىراپ قىلىش يەكۇنىنى شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇشى كىرەك . غەيرى پىداگوگىكا مەكتەپلەرنى پۇتتۇرگەن ياكى ئوقۇتقۇچىلىقك سالاھيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىقك بولغان پۇقرالاردىن باللار باغچىسى ، باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى باشقا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى ئىتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارغا نىسپەتەن يۇزتۇرانە ئىمتىھان ئىلىپ ياكى سۆزلىتىپ ، تەلىم -تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى تەكشۇرۇش لازىم. ئەمىلى ئەھۋالغا ۋە ئىھتىياجغا ئاساسەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلغان ئالى مەكتەپلەر ئىلتىماس سۇنغۇچىغا پىداگوگىكا، پىسخولۇگىيە قاتارلىق دەرسلەرنى تولۇقلاپ ئۈگۈنۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيەت گۇۋاھنامىسى مەملىكەت دائىرسىدە ئىشلىتىلدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى گۇۋاھنامىسى گوۋۇيۇەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن بىر تۇتاش بىسىلىدۇ. 17-ماددا ئوقۇتقۇچىلق سالاھيتى گۇۋاھنامىسىگە ئىرشكەن پۇقرالاردىن تىخمۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىگە ئىرشمەكچى بولغانلار مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلق سالاھيتى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى ياكى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن»دا بەلگلەنگەن مۇناسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئگە بولۇىشى ھەمدە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن لاياقەتلىك ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلنغاندىن كىيىن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلىنغان ئالى مەكتەپلەر تەرپىدىن مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىشى كىرەك . ئالتىنىجى باب جازالاش پىرىنىسىپى 18-ماددا ‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ››نىڭ 14-ماددىسىىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى يوقاتقانلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى گۇۋاھنامىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن يىغىۋىلىنىدۇ. 19-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلارنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى بىكار قىلىنىدۇ. 1.ساختىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلار . 2.ئەخلاقى ناچار ،ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەپ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى بىكار قىلغانلارنىڭ بىكار قىلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى گۇۋاھنامىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن يىغىۋىلىنىدۇ. 20- ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە ئۈچ يىلغىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتى ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 21-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىمتىھانىدا سۇئال چىقارغۇچى خادىملار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن مەخپىيەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپىلق قىلىپ، ئىمتىھان سۇئالى ، پايدىلىنىش جاۋابى ھەم نۇمۇر قويۇش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارنىڭ مەسئۇليىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتىلىدۇ. 22-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى ئىتىراپ قىلىش خىزمىتى جەريانىدا ،خىزمەتكە ئىتىبارسىز قاراپ ، شەخسى مەنپەئەتكە بىرىلىپ ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى ئىتىراپ قىلىش خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرى جازا بىرىلىدۇ. جىنايەت شەككىلەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتىلىدۇ. يەتتىجى باب قوشۇمچە قائىدە 23-ماددا بۇ نىزام ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش