ئولىۋېر سىمون ئارسي خارت

2016-يىللىق ئىقتىسادشۇناسلىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى

تەرجىمھالى تەھرىرلەش

تولۇق ئىسمى ئولىۋېر سىمون ئارسي خارت (Oliver Simon ‘Arcy Hart) بولۇپ، 1948-يىلى تۇغۇلغان. ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس. ئۇ توختام نەزەرىيەسى، كارخانا نەزەرىيەسى، شىركەت پۇل مۇئامىلىسى ۋە قانۇن ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىق تەتقىقات ساھەلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. توختام نەزەرىيەسى، ھازىرقى زامان سودىگەرلىك نەزەرىيەسى ۋە شىركەت مالىيە نەزەرىيەسىنىڭ بەرپاچىلىرىدىن بىرى. «كارخانا، توختام ۋە مالىيە قۇرۇلمىسى» دېگەن داڭلىق ئەسىرى بار. كىتابتا ئۇ مۈلۈك ھوقۇقى نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تولۇقسىز توختام» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ توختاملاشقان ئىككى تەرەپ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان بارلىق ئەھۋاللاردىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرالىشى ناتايىن، بۇ ھوقۇق بىلەن كونترول قىلىشنىڭ تەقسىملىنىشىگە تەسىر قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ كارخانا مالىيە توختامى ۋە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشنى پەقەت مۇشۇنداق نەزەرىيە ئاستىدىلا ئەڭ مۇۋاپىق تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ، مالىيە قورالىنى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان قورال، دەپ قاراشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ نەزەرىيە بىلەن كونا مۈلۈك ھوقۇقى نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم ئوخشىماسلىقلىرى بار بولۇپ، ناھايىتى چوڭ تالاش-تارتىشمۇ پەيدا قىلغانىدى.

خارت ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. 1969-يىلى كامبرېج ئۇنىۋېرسىتېتى پادىشاھ ئىنىستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1972-يىلى ۋارۋىك ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1974-يىلى پرېنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن لوندون ئىقتىساد ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى ۋە كامبرېج چىرچىل ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان. 1984-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ ماسساچۇستىس تەبىئي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، 1993-يىلىدىن بۇيان خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ ئامېرىكا مىقدار ئىقتىسادشۇناسلىقى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا ئىجتىمائىي تەبئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكادېمىكى ھەم ئەنگلىيە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى. ئۇ يەنە ئامېرىكا قانۇن ۋە ئىقتىساد ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئامېرىكا ئىقتىساد ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ھەم كۆپلىگەن پەخرىي ئۇنۋانلىرى بار.  

2016- يىللىق نوبىل ئىقتىساد پەنلرى مۇكاپاتى تەھرىرلەش

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى 2016-يىللىق ئىقتىسادشۇناسلىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنى ئېلان قىلدى: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئولىۋېر خارت (Oliver hart)، ماسساچۇستىس تەبىئي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدىن بېنت خولمىستروم (Bengt Holmstr0m). توختام نەزەرىيەسىگە تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

[1]