ئوم قانۇنى

ئۆتكۈزگۈچتىن ئۈتۈۋاتقان توك (توك ئېقىمى) ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى توك بېسىمىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ ، ئۆتكۈزگۈزنىڭ قارشىلىقىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ ، يەنى I=U/R ، بۇ دەل ئوم قانۇندۇر . ئەگەر توك،توك بېسىمى،قارشىلىق قاتارلىقلاردىن پەقەت ئىككىسىنىلا بىلسەك قالغان بىرىنى ئوم قانۇنى ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ ، بۇ قانۇن فىزىكا(توك) ئىلمىدىكى ناھايىتى بۈيۈك قانۇنلارنىڭ بىرى .

ئەسكەرتىش : ئۆزگىرىشچان توك زەنجىرىدىمۇ ئوم قانۇنى يەنىلا كۈچكە ئىگە ، بىراق قارشىلىقنىڭ ئورنىنى تولۇق قارشىلىق Z ئالىدۇ ، يەنى I=U/Z بولىدۇ .