ئون ئۇيغۇر: ئون ئۇيغۇرلار دەل «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە ئېيتىلغان «ئىچكى توققۇز قەبىلە » دۇر. ئورخۇن يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدىن ۋە تاڭ سۇلالسى تارىخىغا دائىر خاتىرىلەردىن قارىغاندا، ئون ئۇيغۇرلار قەدىمدە ئاساسەن موڭغۇلىيىنىڭ سۇ، ئوت ـ چۆپلىرى مول بولغان، تەبئىي ۋە جۇغراپىيىلىك شارئىتى ياخشى بولغان سېلىنگا دەرياسى، ئورخۇن دەرياسى ۋە توغلا دەرياسى ۋادىلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدىغان ئۆتۈكەن تاغلىرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى بولغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ رايون قاغانلىقىنىڭ مەركىزى رايونى بولۇپ، ئىقتىساد، سودا، مەەنىيەت ۋە بىناكارلىقى قاغانلىقنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى بىر قىىسم رايونلارغا قارىغاندا تېز تەرققىي قىلغان. كېيىنچە نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى، قەبىلە، ئۇرۇقلارنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىشى بىلەن ئون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم قەبىلىلەر يېڭىدىن ئوتلاق-يايلاقلانى ئىگىلەش ۋەسۋەسسىدە، ئەتراپتىكى باشقا رايونلارغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇيەرلەردە يېڭىدىن ئۆي-ماكاننى قۇرۇپ چىققان. مويۇنچۇر قاغان دەۋرىدە، يەنى 750-751-يىللىرى ئون ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسىم قەبىلىلىرى سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلارغا، يەنى ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەۋەلىكىدىكى تۇۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىپ، شەھەر-قەلئەلەرنى، ئېتىزلىق ۋە يايلاقلارنى بەرپا قىلغان. شۇڭا، ھازىرغىچە تۇۋادىكى بىر قىسىم كىشلەر ئۆزلىرىنى بەزىدە تۇۋالار دەپ ئاتىسا، بەزىدە ئۇيغۇر ئۇلۇسى دەپ ئاتايدۇ، يەن بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇرانخايلارمۇ (乌梁海人) ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇر تىلى دەپ قارايدۇ[3]. 1949-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخېئولوگلىرى تۇۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دائىرىسىدىكى 12 ئورۇندىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ياسالغان شەھەر-قەلئە خارابىلىرىنى تېپىپ چىققان [4]. يەنە بىر قسىىم ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى موڭغۇلىينىڭ غەربىدىكى ئېرغۇنا دەرياسى ۋادىلىرىغا كېلىپ، بۇ يەردە خاتۇنبالىق (يەنى قۇنچۇي بالىق) شەھىرىنى بىنا قىلغان، كېيىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرسىدا قۇدىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن، «تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتلىق قىلىنغان مەلىكىلىرى مۇشۇ جايدا تۇرغان» [5]. يەنە بىر قسىىم ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى چوغتاي تېغى باغرىغا كېلىپ ئۇرۇنلىشىپ، بۇ يەردىمۇ خاتۇنبالىق شەھىرىنى ۋە مېيجيەنبالىق (眉间城) شەھىرىنى بىنا قىلىپ، چارۋىچىلىق، سودا ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يەنە بىر قسىم ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى خېشى ۋادىسىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن يىپەك يولى سودىسىنى ئاۋاتلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا، بېشبالىق ۋە قۇچۇ رايونلىرىدىمۇ ئون ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم قەبىلىلىرى بولغان، مانى دىنى مەزمۇنىدىكى تۈركچە تېكىستتە (TM301نومۇرلۇق ) كۆرسىتىلىشىچە، قۇرچۇنىڭ سىرتىدىكى يايلاقلارنى ئەل تۇتمىش ئۇلۇغ بىلگە قاغان، يەنە بۆگۈ قاغان ئىدارە قىلغان، بۆگۈ قاغاننىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى، ئەل ئۈگەسى تۈزلۈك بەگ قۇچۇ شەھىرىنىڭ بېگى بولغان .

ئون ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى ھەققىدە تارىخى ماتېرىياللارا خاتىرىلەر بىرقەدەر كەمچىل بولۇپ، «كونا ياڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسدە،» سۈي سۇلالىسى دايې تۇنجى يىلى (605-يىلى ) ئۇلارنىڭ «نوپۇسى 100مىڭ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى50 مىڭ» ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھالدا «ئاھالىسى 100 مىڭ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى يېرىمىنى تەشكىل قىلدۇ» دېيىلگەن [7]. بۇ ئون ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشتىن سەل ئىلگىرىكى نوپۇس ئەھۋالى بولۇپ، بۇنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئون ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلقىنى قۇرغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيە ۋادىسىنىڭ ئىجىتمائىي تەرققياتىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىپ، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا تەرەققىي قىلغان، تەبىئىيكى بۇ ئامىللار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.