ئىبنى ئابباس (عَبْدُ اللهِ بْنُ عَبَّاسِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب ئەلھاشىمىي (ئەبۇ ئابباس). (ھ. بۇرۇن 3 – ھ. 68 / م. 618 – 687) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى. تەفسىرشۇناس، نەسەبشۇناس ۋە فەقىھ ساھابە، «ئۈممەتنىڭ ئەللامىسى» ۋە «قۇرئاننىڭ تەرجىمانى» دەپ نام ئالغان، كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.