ئىبنى تەيمىييە (ابْنُ تَيْمِيَةَ تقي الدين أَحْمَدُ بنُ عبدُ الحَلِيم الحَرَّانِيُّ): شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە، تەقىيۇددىن ئەھمەد ئىبنى ئابدۇلھەلىم ئەلھەررانىي (ئەبۇل ئابباس). (ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) قاراش ۋە تەنقىدلىرى بىلەن ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن كاتتا فەقىھ، سەلەفىي ئالىم، ئۇلۇغ مۇجتەھىد ۋە مۇجاھىد. ئەقىدە، تەپسىر ۋە فىقھتا «مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە»، «مەجمۇئۇل فەتاۋا» (37 توم)، «دەرئۇ تەئارۇزىل ئەقلى ۋەننەقلى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.