ئىبنى جەئد (علي بنُ الجَعْد بن عبيد الجَوْهَري البغدادي): ئەلى ئىبنى جەئد ئىبنى ئۇبەيد ئەلجەۋھەرىي ئەلباغدادىي (ئەبۇلھەسەن). (ھ. 133 – 230 / م. 750 – 845). ئازادگەردە. تەبەئى تابىئىن مۇھەددىس. ئىمام بۇخاىرىينىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىنى ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇلقاسىم ئەلبەغەۋىي «مۇسنەدۇ ئىبنىل جەئد» نامىدا توپلىغان.